ئىلتىجا (مىركامىل كاشغەرىي) | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 29.04.2018 15:00:27 يوللانغان تارىخ: 29.04.2018 15:00:27 0 17374

ئىلتىجا (مىركامىل كاشغەرىي)

يەنە قانچىلىغان "سۇمەييە"لىرىمىزنىڭ ئىمان، ئىسلامىنى دەپلا قارنىنىڭ يېرىپ تاشلىنىشىغا پەرۋاسىز "لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇلللاھ !" دەپ جان بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپسەن

ئىلتىجا
(مىركامىل كاشغەرىي)
ئى! خەستە جىسىمغا سۈرەت، سۈرەتكە بايان، بايانغا مۇقەددەس تەپەككۇر پەرۋازى بەخىش ئەتكۇچى ئاللاھ!
شۇ تاپتا زامان گەردىشىنىڭ مەھكۇملۇق يورغىسىدا مۇكچەيگەن ھارغىن قەددىمىزنى تەسلىكتە رۇسلاپ، مەۋھۇم بەخىت ۋە نامەلۇم ئازاپلارغا تولغان ئىستىقبالىمىزنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا، ساڭا ئىلتىجا ئۈچۈن كېشەنلىك قوللىرىمىزنى دۇئاغا سۇنۇشقىمۇ ئاران مادارىمىز يەتمەكتە. بىزگە رەھىم قىلغىن !
ئەجداتلىرىمىزدىن شۇنداقلا يەنە بىزدىن ئۆتەلگەن ھەم ئۆتىلىۋاتقان ئىختىيارى، ئىختىيارسىز، چوڭ – كېچىك بارلىق گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن! چۇنكى سەن ئەڭ رەھىملىك مەغپىرەت قىلغۇچى، ئەڭ كەرەملىك ئەپۇ قىلغۇچى بىردىن – بىر پەرۋەردىگارىمىزسەن.
ئى! ئۇزىغان يىللارنىڭ ئۆلۈك جىسمىنى ۋاقىت رىفتارىنىڭ ھايات بەخىش باھارلىرى بىلەن گۈلۈستان قىلغۇچى قۇدرەتلىك ئاللاھ !
بۇ يېڭى يىلدا نەزەرلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇ خىلۋەتلىرىدىكى قۇلۇپلانغان دەرىزىلەرنى ئېچىۋەتكىن ! لەھزىلەرنىڭ كەلگۇسى ئالقىنىغا بىزنىڭ ماۋجۇتلىقىمىزنى تەقدىر قىلىپ پۇتىۋەتكىن ! قاچانلاردىن ھازىرغىچە قىسمەتلىرىمىز بىلەن بەدەنلىرىمىز ئارىسىنى ئاچچىق ئىڭراشلارغا تولدۇرغان زۇلۇم، تەھدىت، مالامەتلەردىن بىزنى قوتقازغىن!
ئى! كېچە جىسمىنىڭ قاقشال ئىتىزلىرىغا تاڭ ئۈمىدىنىڭ رەڭمۇ – رەڭ مايسىلىرىنى كۆكلەتكۇچى مىھرىبان ئاللاھ!
قىسمىتىمىزدىن كۆكلەۋاتقان پايانسىز كېچە سۇكىناتلىرىنى ئۇمۇت ئۇچقۇنلىرى بىلەن يورىتىۋەتكىن! بۇ زۇلمەتلىك دەۋرىمىزدە يېڭى ئۇقۇم مەشئەللىرىگە ئايلىنىپ، بىزدىكى تىڭىرقاش، ۋەھىمىلەرنىڭ شەپقەتسىز، سوغۇق شىۋىرغانلىرىنى يىراقلارغا سۈرۈپ تاشلىيالايدىغان يالقۇنلۇق جاسارەت قوياشى ئاتا قىلغىن! بىزنىڭ قۇپ – قۇرۇق ئېتەكلىرىمىزنى مۇراد شەبنەملىرىنىڭ ھاياتلىق ئۈنچىلىرىگە تولدۇرغىن!
ئى! روھقا بەدەن، بەدەنگە قانلار راۋانى ئاتا قىلىپ، راۋانلىقتا يۇرەكلەرنى ھەركەتلەندۇرگۇچى شەپقەتلىك ئاللاھ!
سەن بىزنىڭ بىردىن – بىر مەدەتكارىمىز ۋە ھەقىقى تەنھا تايانچىمىزسەن! بىزنى بەخىت قوياشىغا يولداش قىلغىن! ئازاپتىن ئوخچىغان قان ئىقىنلىرىدا ھاياتلىق تۇگمەنلىرنى ماڭدۇرۇپ، قايغۇ – ھەسرەت بىلەنلا مۇڭدىشىپ ياشاۋاتقان قەھرىمان ئانىلىرىمىزنىڭ ئەللەي ناخشىلىرىنى ئاچلىق ۋە مۇھتاجلىقنىڭ ئىپلاس مۇڭلىرىدىن ئازات قىلغىن! قىممەتچىلىك چاقناپ تۇرغان ئەينەك دۇككانلاردىكى قورچاقلارغا تەلمۇرۇپ، تىرناق تاتىلىشىۋاتقان بېچارە بالىلىرىمىزنىڭ ئوماق چىرايىنى مەيۈسلىك توزاڭلىرىدا خىرەلىشىشتىن ساقلىغىن! ئاشۇ سەبى، يوقسىز ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى باھار رەڭگىدە بىزەپ، دادىلارنىڭ قاتمال كۆكرەكلىرىگە چىڭ يىپىشقىنىچە، شىم – كۆينەكنىڭ ۋەيرانە يانچۇقلىرىدىن كۈتىشىۋاتقان ئۈمىت تەڭگىلىرىنى مەڭگۇ چاقناشتىن توختاتمىغىن!
ئى، قەلىبلەرگە قايناق ھىسلارنى، ھىسلارغا ئاجايىپ تاتلىق ھىدلارنى ئاتا قىلغۇچى ھېكمەتلىك ئاللاھ!
جىسمىمىزنى چىرماپ، ھەر نەپەستە شەكىل ئۇستىگە شەكىل ئالماشتۇرىۋاتقان نەپرەتلەردىن بىزنى يېراق قىلغىن! تەبىرسىز چۈشلەرنىڭ ئالۋۇنلۇق يالقۇنلىرىدا قىز ئاياللىرىمىزنى كۆيۇپ كۇل بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغىن! تارازا تۇتقان قوللارنى ۋە تارازىدا تارتىلىۋاتقان بەدەنلەرنى ھالال رىزىققا مۇيەسسەر قىلغىن! ئۆزىنىڭ بىمۇراد ئارمانلىرىنى يېرىمجان جىسمىغا دەپىن قىلىپ، ئىشرەتخور ئەمەلدارلارنىڭ ھالاۋەت قۇربانى بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان جاپاكەشلىرىمىزنىڭ ھوسۇلسىز تەرلىرىنى چىن ئىھتىرامغا ئىگە قىلغىن! ئۇلارنى چېكى يوق تارىخنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان پىلسىرات كۆۋرىكىدىن يالاڭ ئاياق ئۆتۇشتەك ئازاپتىن ساقلاپ قالغىن! رەزگە تاماخورلۇققا بېرىلىپ، بۇلغانغان غۇرۇرىمىزنى ساداقەتنىڭ مۇقەددەس ھەۋزى كەۋسەرلىرىدە غۇسلى قىلدۇرغىن!
ئى! ھەرىپتەك مۇقەددەس نېمەتتىن ئۇلۇغۋار ئىجادىيەت ئابىدىلىرىنى تىكلىگۇچى كۆيۈمچان ئاللاھ!
سەن بىزنىڭ تەنھا پەرۋەردىگارىمىزسەن! ئاھۇ – زارلىمىزنى ھەممىدىن ئىلگىرى تىڭشىغۇچى، بىزگە قان تومۇرلىرىمىزدىنمۇ بەكرەك يېقىن تۇرغۇچى رەھىم شەپقەتلىك ئىلاھىمىزسەن! ئاشۇ ھەرىپلەرنىڭ خۇشپۇراق جەۋھەرلىرى بىلەن ھاياتلىق گۇلزارلىرىدىكى نەۋقىران غۇنچىلىرىمىزغا ھۆسۈن بەخىش ئېتىۋاتقات ئۇستازلارنى مەنىسىز ھايات كەچۈرۈش بەخىتسىزلىكىدىن يىراق قىلغىن! ئۇلارنى خار – زەبۇنلۇق خارابىلىرىدە ئىز - دېرەكسىز يوقۇلۇشتىن ساقلاپ قالغىن! جاھالەتكە پۇركەنگەن گۇمبەز، مۇنار، مەكتەپلىرىمىزدە ئىلىم – مەرىپەتنىڭ مۇقەددەس ئەزانلىرىنى ياڭراتقىن!
ئى! زامان ۋە ماكانلار ئاراسىغا مۇساپىلەرنى ئورناتقۇچى، بېسىلغان قەدەملەرگە جۇشقونلۇق، مۇساپىلەرگە مۇشتاقلىق ئاتا قىلغۇچى قەدىردان ئاللاھ!
بىزنى سەپەرسىز ھەم مەنزىلسىز مۇساپىلەرنىڭ ئازاپلىرىدىن ساقلىغىن! ئەگرى يوللاردا راۋان ھارغىن قەدەملىرىمىزنى خىجالەت توزاڭلىرىدىن پاكلىنىشقا تەۋپىق قىلغىن! ئازغۇنلۇقتا مۇكچەيگەن ئەما سەۋىرچانلىقىمىزنى يول ئۇستىدە دەلدۈگىنىشتىن ساقلاپ، قەددىنى ھەم يوللىرىنى رۇسلىۋىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن!
ئى! مۇھەببەتنىڭ سەرچەشمىسى، مىسكىن كۆزلەرنى شىرىن چۇشلەر بىلەن چاقناتقۇچى سۆيۈملۇك ئاللاھ!
بۇرۇقتۇم كۇلبىمىزگە ئەرشىڭنىڭ مۇھەببەتلىك مەيىن شاماللىرىنى باشلايدىغان كۇڭگىرىلەرنى ئاچقىن! نەپرەتنىڭ قىڭغىر بارماقلىرىدا ئىلانگۇچ ئۇچىۋاتقان مۇئەللەق قەدەملىرىمىزنى ساداقەتنىڭ مۇقەددەس تۇپراقلىرىدا مەھكەم دەسسەپ تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلغىن! ئانا رەھمىدە پاك، مىننەتسىز قانلارنى شۇمۇرگەن قىز، ئوغۇللىمىزنىڭ قەلىبلىرىنى چىن مۇھەببەتنىڭ قايناق بۇلاقلىرىغا ئايلاندۇرۇپ بەرگىن! بىر – بىرىمىزگە بولغان مۇھەببەت، كۆيۈنىشلەرنى قايناق ھېسلار قوينىدا توختاتماي ئوركەشلىتىپ، ھېسسىزلىق سۇكۇتلىرىدە مۇزلاشتىن ساقلاپ قالغىن! ھويلىمىز ئوتتۇرىغا قوپۇرۇلغان ئاداۋەت سىپىللىرىنى چىقىپ تاشلىيالىشىمىز ئۇچۇن بىزگە ئەقىل ۋە جۇرئەت، ئاڭ ۋە شىجائەت ئاتا قىلغىن !
ئى! قوپال - قاتمال تىللارغا پىلىدەك يۇمران بايان ئاتا قىلغۇچى ئاللاھ!
بايانىمىزنىڭ مۇنبەت ئىتىزلىرىدا يېڭى ئۇقۇم مايسىلىرىنى كۆكلەتكىن! باھاردەك نەۋقىران ئۆمرىنىڭ ئاق ۋاراقلىرىغا پارلاق ئىستىقبالىنى پۈتىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ غۇبارسىز، پاك جىسمىنى نائۈمىتلىك داغلىرىدا كىر بولۇشتىن ساقلىغىن! ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالقانلىرىنى جاھالەت پىرىنسىپلىرى جاراھەت قىلىشتىن ئىلگىرى زامان گەردىشىنىڭ ئۇزەڭگىلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرالايدىغان قىلغىن!
ئى! بارلىق نىدالارنى تىڭشىغۇچى مىھرىبان پەرۋەردىگارىمىز!
بىزنىڭ ساداسىز نىدالىرىمىزنى ئاڭلىغىن! ئازاپتىن تارلاشقان دىيارىمىزغا كەڭلىك ئاتا قىلىپ، ئازاتلىق ساماسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا سازاۋەر قىلغىن! ئۇمۇت چاڭقاقلىقىدا يېرىلغان لەۋلەرگە ۋىسال شارابى، تېرىك كۆمۇلگەن جاسارەت ھەم شىجائەتلەرگە ساما پەرۋازى ئاتا قىلغىن! ھېس – تۇيغۇلىرىمىزدىكى پىنھان ئارمانلارنىڭ تىلسىملىرىنى يىشىپ، مەيۈسلىكنىڭ نامرات يوللىرىغا يېڭى بەخىت فونتانلىرىنى ئورناتقىن!
ئى ئاللاھ ! ئى بىر لەھزىدە بەخىت ياراتقۇچى كەرەملىك ئاللاھ!
كەلگۇسى لەھزىلەرنى ئۇزىغان لەھزىلەردىن پارلاق قىلغىن! ئۇنى جەبىر - زۇلۇملارنىڭ مۇشەققەتلىك پەسىللىرىدە پىشىپ يېتىلگەن مەڭگۇلۇك ۋىسال باھارى سۇپىتىدە ئەۋلاتلىرىمىزغا مەنسۇپ قىلغىن!
ئى! دەرتمەنلەرنىڭ غەمغۇزارى، ئاجىزلارنىڭ باشپاناھى! سەنلا بىزنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىمىزسەن! قايغۇ – ھەسرەت زۇلمەتلىرىدە سەنلا بىزنىڭ نۇرلۇق قوياشىمىزسەن! زۇلۇم، تەھدىت، ۋەھىمىلەردە سەنلا بىزنىڭ سەبىر، تاقەت، قەلىب تەسكىنىمىزسەن! دۇنيادا سەندىن باشقا ھىچ قانداق يۆلەنچىكى يوق يىتىم قالغان مىللەتمىز. بۇ زۇلۇم ــ سىتەمگە تولغان قۇللۇق دەشتىدە تىڭىرقاش ئىلكىدە سەرسانمىز.
ئى ئاللاھ ! بىزنىڭ ئەرشىڭنى تىترىتىۋاتقان ئاھۇ – زارلىمىزنى تىڭشىغىن! چېكى يوق ئەلەملەردە قىتىپ كەتكەن گۇناھكار بىشىمىزنى ئەپۇ – رەھمىتىڭ بىلەن سىلىغىن! قاچانلاردىن ساڭا قاقشاپ، تولا يىغلاپ، قۇرۇپ كەتكەن كۆزلىرىمىزنى ئەمدى بىر شاتلىق ياشلىرىدا نەملىگىن!
ئى! بېچارىلەرنىڭ نالە – پەريادلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ئۇلارنىڭ مۇشكىلات قىيىنچىلىقلىرىنى دەفئىي قىلغۇچى، ئۆز بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ جان تومۇرلىرىدىنمۇ بەك يېقىن تۇرغۇچى، مىھرى - شەپقەتلىك، قەدىردان ئاللاھ!
سەن ھەممىنى كۆرۇپ، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى يىگانە پەرۋاردىگارىمىزسەن، جاھاندا ھېچ شەيئىي سەندىن مەخپى ئەمەس. مانا سەن چارىسىز، زەبۇن ھالىمىزنى كۆرۇپ تۇرۇپسەن.
ئىمان، ئىسلامىنى قوغداش يولىدا قانچىلىغان "بىلال"لىرىمىزنىڭ ئوتلاردا داغلىنىپ تۇرۇپمۇ، "ئەلئەھەد، ئەلئەھەد" دەپ سىنى چاقىرۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇپسەن.
يەنە قانچىلىغان "ئەممار بىن ياسىر، ھەبباب بىن ئارەت"لىرىمىزنىڭ ئىسلامنى دەپلا زەجىرلەردە كىشەنلىنىپ، بىر مېتىرلىق قاراڭغۇ زىندانلاردا ئاچ، يالىڭاچ قىلىۋاتقان تۇرۇپمۇ يەنىلا ساڭا تىنىمسىز ئىستىغپار ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇرۇپسەن.
يەنە قانچىلىغان "سۇمەييە"لىرىمىزنىڭ ئىمان، ئىسلامىنى دەپلا قارنىنىڭ يېرىپ تاشلىنىشىغا پەرۋاسىز "لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇلللاھ !" دەپ جان بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپسەن.
بىز ساڭىلا نالە قىلىمىز، ساڭىلا پەريات قىلىمىز. گۇناھلىرىمىز تۇپەيلى بىشىمىزدا لەيلەپ يۇرگەن بۇ ئازاپلارنى ئەمدى بىزدىن كۆتۈرىۋەتكىن! رەھىم قىلغىن يا ئاللاھ! رەھىم قىلغىن!
ئى، خەستە جىسىمغا ئاۋاز، ئاۋازغا بايان، بايانغا مۇقەددەس تەپەككۇر پەرۋازى ئاتا قىلغۇچى ئاللاھ! تەپەككۇرىمىز پەرۋازىغا مۇقەددەس چۇشلىرىمىز تەبىرىنى مەنزىل قىلىپ بەرگىن!
ئامىن! ئامىن! ئى، سوزۇلغان قوللارنى قۇرۇق قايتۇرمايدىغان كەرەملىك ئىلاھىم ئامىن!
مىركامىل كاشغەرىي
2003 – يىلى 7 – ئاي
سەئۇدى ئەرەبىستان

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش