ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 29.04.2018 14:50:19 يوللانغان تارىخ: 29.04.2018 14:50:19 0 10471

دوكتور سانائىي دەمىرجى (قايغۇرما!!!)

دەرت ـ ئەلەم زەربىسىدە كۈكۈن ـ تالقان بولۇۋاتقان بولسا ئەگەر، تاغ چوقۇسىدەك چۇڭايتقان ئىشەنچلىرىڭ، يېرىلغان كۆكسۈڭگە ئۈمىت كۆچەتلىرى تىكىلمەكتە دېمەككى.

قايغۇرما!!!

ئاپتورى: دوكتور سانائىي دەمىرجى

ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: مىركامىل كاشغەرىي

قايغۇرما!

ئەگەر يۈرىكىڭ ئېچىشىۋاتقان بولسا، سەندە بىر قەلب بار، دېمەككى.

قەلبسىزلەر دەرتنى قانداقمۇ بىلسۇن؟!

بۇ نېمە دېگەن بەختىيارلىق، سەن دەرتلىنەلىدىڭ.

قەلبىڭنى سىپاشتۇرۇۋرىۋاتقان بىرى بار دېمەككى.

يا قەلبىڭ سىپاشتۇرۈلمىغان بولسىچۇ؟ يا قەلب تۇپراقلىرىڭغا دەرت سىڭدۈرۈلمىگەن بولسىچۇ؟

دېمەككى، سەن نەزەردىن ساقىت قىلىنمىدىڭ... دېمەككى، ھازىرمۇ بىر ئۈمىت ئېكىنزارلىقىسەن.

 

قايغۇرما!!

ئەگەر قايغۇرىۋاتقان بولساڭ، شۇنى بىلگىنكى، سېنىڭ پارلاق مەۋجۇتلۇقىڭنى بىرسى پاتقاقتىن چىقىرىشنى خالىماقتا، شۇڭا قەلبىڭنى سىپاشتۇرماقتا.

قەدرىنى بىلگىنكى، دەرت چەكتۈرۈشكە لاياقەتلىك كۆرۈۋاتقان گەپ سىنى.

قايغۇلىرىڭ قەلب تۇپراقلىرىڭنى ئاستۇن ـ ئۈستۈن قوچۇۋاتقان بولسا، سەن تېرىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىكىنزارلىق دېمەككى.

دەرت ـ ئەلەم زەربىسىدە كۈكۈن ـ تالقان بولۇۋاتقان بولسا ئەگەر، تاغ چوقۇسىدەك چۇڭايتقان ئىشەنچلىرىڭ، يېرىلغان كۆكسۈڭگە ئۈمىت كۆچەتلىرى تىكىلمەكتە دېمەككى.

 

قايغۇرما!

قوللىرىڭ ئىڭىكىڭنى يۆلىگەن، باشلىرىڭ يەرگە ساڭگىلىغان ھالدا كېتىۋاتقان بولساڭ ئەگەر، يۈرىكىڭنى شاتلاندۇرىدىغان خەۋەرلەرنىڭ رەڭلىرى تامشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئۆمۈر دەپتىرىڭگە، دېمەككى.

قار يېغىۋاتقان بولسا ئىشەنگەن تاغلىرىڭغا، ئەتىنىڭ ئويمانلىقىدا رەڭگارەڭ گۇللىرىڭ بولىدۇ، دېمەككى.

تەلۋە شىۋېرغانلار تەۋرىتىۋاتقان بولسا، شاتلىق چۇقىلىرىڭنى، بوران ـ چاپقۇنلار تەستەكلاۋاتقان بولسا ئۈمىت قىيالىرىڭنى، سەن بىر ئۇلۇغ تاغسەن دېمەككى.

ئازراقلا كۈتكىن،

ئېتىكىڭدىن سۆرۈن شاماللىق ئىرىق ـ ئاستەڭلەر ئاقىدۇ، دېمەككى.

 

قايغۇرما!!

دەرتلەنسەڭ، مەغرۇرلاشمايسەن... كىبىرنىڭ مەينەت ئازگاللىرىغا چۈشمەيسەن... مەنمەنلىكنىڭ لايلىرىدا بۇلغانماس ئاياغلىرىڭ... ئازغۇنلۇقنىڭ يوللىرىدىن ئۇزاقلىشىپ ماڭىدىغان بولىسەن... ھاۋايى ـ ھەۋەسنىڭ ئارقىغا كىرىپ، گۇناھكارلىقنىڭ قاراڭغۇ ھاڭلىرىغا چۈشمەيسەن.

سېنى بىرسى يېقىنلىقىغا چاقىرىۋاتىدۇ، دېمەككى.

سېنى ئۇ ئۇلۇغ زات سېغىنغان بولىشى مۇمكىن دېمەككى.

 

قايغۇرما!!

دەرتلىنىۋاتقان بولساڭ، بىر مۇقەددەس تەسەللىي ئىشىكى ئالدىدا ساقلىتىلىۋاتىسەن دېمەككى.

كۆزۈڭنى تارت! ۋاپاسىز دۇنيانىڭ ئىشىكلىرىدىن.

قەلب ئالىمىڭدىن قۇغلاپ چىقارغىن سەۋەپلەرنىڭ قۇرۇق ئۇمىتلىرىنى.

ئۈمىدىڭنى ئۈزگىن ساختا قانائەتلەردىن.

يۈرۈكۈڭنى نىرى قىل! بوش ھاياجانلاردىن.

ئىشىك مانا ئىچىلاي، مانا ئىچىلاي دەيدۇ، دېمەككى.

 

قايغۇرما!!

قايغۇرىۋاتقان بولساڭ، قۇلۇڭدىن كېتىدىغان قىممەتلىك بىر نەرسەڭ بار، دېمەككى.

قۇلىدىن كېتىدىغان قىممەتلىك نەرسىسى بار كىشى، ئاللىي بۇرۇن قازانغان كىشى دېمەككى.

قۇلۇڭغا كەلتۈرەلمىگەنلىرىڭنى سانايمەن دەپ ئۇپراتما نەپسىڭنى... قۇلۇڭدىكىلەرنى ساناشقا باشلا! ھەممىنى سانىيالىساڭمۇ، نەپەسلىرىڭنى ساناشقا نەپىسىڭ يەتمەيدۇ. مانا قارا! نېمە دېگەن بايسەن. نەپەس ئېلىۋاتىسەن، دېمەككى.

 

قايغۇرما !!

سېنى بىر تىڭشاۋاتقان زات بار... سەن ئۆزەڭنى سۆيۈشتىنمۇ ئىلگىرى ئۇ سۆيگەن سېنى... ئۆزەڭمۇ بىلمەيدىغان ئۇنتۇش ھاڭلىرىدىن ئۇ تارتىپ چىقاردى سېنى.

تارتىۋاتقان ئازاپلىرىڭغا خۇددى مەشغۇل چىلىنىۋاتقان تېلېپۇنغا ئوخشاش گاس ـ قارىغۇ ئەمەستۇر ئۇ.

يۈرىكىڭنىڭ ھەر بىر ئەلەملىك ئاتەشلىرىگە سۇ سېپىشكە ئۇ يېتىپ كېلىدۇ.

جۇدالىقىڭغا، ئازابلىرىڭغا... تۆمۈرگە ئوخشاش سوغۇق بىنالار گىبى پەرۋاسىز ئەمەستۇر ئۇ.

يوقاتقانلىرىڭنىڭ ھەممىنى ساڭا قايتۇرپ بېرىشكە ئۇ ۋەدە بېرىدۇ.

سۆيگەنلىرىڭگە، سىغىنىشلىرىڭغا... خۇددى كۆپ خىل تاللاش ئۇسۇللىرى بولغان ئىمتېھان قەغىزىگە ئوخشاش تەمسىز، تۇزسىز فورمىلالارنى سونمايدۇ ئۇ.

سېنى ھەممىدىن بەك ياخشى چۈشىنىدۇ.

ساڭا سېنىڭ ئۆزەڭدىنمۇ بەك كۆڭۈل بولىدۇ... ئۇ پەقەت كۆز ياشلىرىڭ بىلەن ئۇنىڭ ساداسىغا ئىمزا ئېتىشىڭنىلا خالايدۇ.

بىر ئەبىدىلىك سۈرەت رامكىسى ئىچىگە رىياسىز بەندىچىلىكىڭنىڭ رەسىمىنى قويۇشنى خالايدۇ.

سورۇلۇپ كېتىۋاتقان ئۆمۈر زەررىلىرىڭنىڭ ئارىسىدىن ئىللىققىنە بىر لالە گۈلنىڭ ئۆمىدىنى ياشارتىشنى خالايدۇ.

ھال ـ ئەھۋالىڭنىڭ يېرىلغان يېرىقلىرى ئارىسىدىن مەڭگۈلۈك تەسەللىي ئۈستەڭلىرىنى ئېقىتىشنى خالايدۇ.

 

قايغۇرما!!

ھەر بىر قايغۇرۇش مەۋجۇتلۇقىڭنىڭ جىسمىغا بىر سېزىقچىدۇر... دېمەككى قايغۇرۇشلىرىڭ مەۋجۇتلۇقىڭنىڭ خەۋەرچسىدۇر.

قېنى ئەسلەپ باققىنكى، بىر چاغلاردا ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەكمۇ بىر نەرسە ئەمەس ئىدىڭ.

ھېچ ئىككىلەنمەستىن، ئەخلەتكە ئاتسا بولغۇدەك بىر مەينەت سۇ ئىدىڭ.

پەقەت ئەشۇ بىرلا زات يۈزۈڭگە باقتى....

ھېچ كىشى سېنى ئىزدەپ سوراپمۇ قويمايدىغان... ساڭا ئەھمىيەت بېرىپ ئىسمىڭنى بىر بۇلۇڭغا يازمايدىغان... يېزىشقا لايىق ئىسمىڭمۇ بولمىغان شۇ كۈنلەردە، پەقەت ئەشۇ بىرلا زات سېنى ئەسلىدى.

ساڭا يۈز خاتىرە قىلدى... سېنى يېنىغا ئالدى ۋە ھەر دائىم سەن بىلەن بىرگە بولدى.

سەن ئۆزەڭنى ئۇنۇتۇپ ئۇيقۇ ياستۇقىغا باش قويغىنىڭدىمۇ، ئۇ سېنى ھەر قېتىم يەنە سەھەرگە يەتكۈزدى. شۇنداقتىمۇ سەن ئۇنى قانچىلىغان قېتىم ئۇنۇتتۇڭ، ئەمما ئۇ سىنى ھەرگىز ئۇنۇتمىدى.

 

قايغۇرما!!!

ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىسىمۇ يالغۇز قالغان... چالما كېسەك قىلىنغان... پالانغان... يارىلانغان... قوغلاپ چىقىرىلغان... ئاچ، سۇسىسز قالغان... ئۆز ئۆيى تەرەپكە ئۇزاقتىن ھەسرەت بىلەن، كۆز ياشلىرى ئىچىدە چارىسىزچە نەزەر سالغان....

ئەنە غاردىمۇ يالغۇز مۇداپىئەسىز قالغان... شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ساڭا ئوخشاشلا قايغۇرغان يىگانە ھەمراھىغا، مەڭگۈلۈك بىشارەت بەرگۈچى تەبەسسۇمى بىلەن:ـ «لا تەھزەن ئىننەللاھە مەئانا» «قايغۇرما ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە» دەپ بىشارەت بەرگەن.

 

ئەمدى سەنمۇ قايغۇرما!!!!

كۆتۈر بېشىڭنى يەردىن.

ئۇ سۆيۈملۈك زات سېنى مۇرەڭدىن سىلكىپ ئەسلىڭگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

چۈنكى ئۇ رەببىڭ، ئۇ پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رەنجىمەيدۇ دېمەككى.

سۆيۈملۈك كىشلىرىڭنىڭ كۆزلىرىگە ئىچىكىرىلەپ بىر قاراپ باققىنكى. رەببىڭ سىنى ئۇنتۇپ يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ، دېمەككى.

 

قايغۇرما!!!!

«لا تەھزەن ئىننەللاھە مەئانا» «قايغۇرما! ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە»

ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە!!!!

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

تۈركولوگ، مېھرى- مۇھاببەت، ياخشىلىق ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ