دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 22.04.2018 13:51:19 يوللانغان تارىخ: 22.04.2018 13:51:19 0 5756

شەرقىي تۈركىستاننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن «قۇددۇسقا بارىمىز»

مەسجىدى ئاقسادا ناماز ئوقۇغانغا قەدەر پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قۇددۇسقا بارىمىز، قۇددۇسقا نېمە ئۈچۈن بارىمىز؟ شەرقىي تۈركىستاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇددۇسقا بارىمىز» دەپ

شەرقىي تۈركىستاننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن «قۇددۇسقا بارىمىز»

ئاكاسيام خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە چىققان «İHH» نىڭ باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم « Bülent Yıldırım»، مەسجىدى ئاقسادا ناماز ئوقۇغانغا قەدەر پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قۇددۇسقا بارىمىز، قۇددۇسقا نېمە ئۈچۈن بارىمىز؟ شەرقىي تۈركىستاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇددۇسقا بارىمىز» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە «İHH» ئىسىمى بىلەن تونۇلغان ئىنسان ياردەم ۋەقپىنىڭ باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم « Bülent Yıldırım»، «İHH» نىڭ سامسۇڭدىكى شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سامسۇڭدا ئۇيۇشتۇرغان (مەزلۇم جوغراپىيەلەر ئۈممەتنىڭ يېتىملىرى ۋە قۇددۇس) نامىدىكى كونفىرانىسقا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، كونفىرانىستا سامسۇڭنىڭ ۋالىسى ئوسمان قايماق ئېچىلىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن سۆزگە چىققان «İHH» نىڭ باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم « Bülent Yıldırım»، مەسجىدى ئاقسادا ناماز ئوقۇغانغا قەدەر پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قۇددۇسقا بارىمىز، قۇددۇسقا نېمە ئۈچۈن بارىمىز؟ شەرقىي تۈركىستاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇددۇسقا بارىمىز» دەپ سۆزىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىلدىرىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلامنىڭ مەركەزلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رايون مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان.

مەنبەسى:ئاكاسيام خەۋەر تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى