ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 21.04.2018 13:06:08 يوللانغان تارىخ: 21.04.2018 13:06:08 0 2658

ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقە مۇسابىقە 21- ئاپرىل تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل زېيتىنبورنۇ چىرپىجى تەنتەربىيە زالىدا ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى رەسمىي باشلانغان ئىكەن

ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايۇنىدا ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن.

ئىستىقلال تۇرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقە مۇسابىقە 21- ئاپرىل تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل زېيتىنبورنۇ چىرپىجى تەنتەربىيە زالىدا ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى رەسمىي باشلانغان ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە: مۇسابىقىنى يېقىندىن قوللاپ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتور ئابدۇۋارىس ئابدۇخالىق، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئسى مۇساجان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىدىن ئۆمەر قارىم قاتارلىق ئۇستاز ۋە يېتەكچىلەر مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، مەزكۇر مۇسابىقنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىدىن ئۆمەر قارىم سۆزى قىلىپ، خەلقىمىزدە «تەن ساقلىق زرو بايلىق» دېگەن سۆز بار، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ بۇ پائالىيىتى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋاسكىتبول ساھەسىدە تۈنجى تەشكىلىنىپ مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشى بولۇپ ھىساپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، بىز ياشلارنىڭ بۇ پائالىيىتىنى يېقىندىن قوللايمىز، تەبرىكلەيمىز، ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە: بۇ قېتىمقى ۋاستىكبول مۇسابىقىسى 21- 21- ئاپرىل ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، 22- ئاپرىل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولىدىكەن.

مەنبەسى: ئىستىقلال خەۋەر تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى