ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 22.04.2018 05:56:22 يوللانغان تارىخ: 21.04.2018 12:37:43 0 18226

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى سىياسىي تەشۋىقات خاتالىقى

مەزكۇرنىڭ ئايالى يەنە شۇ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر توپى ئارقىلىق خەلققە نالە پەرياد ئارلاش مۇراجەت قىلىپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ ھەقىيقەتەن ئىچىم سىرىلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى سىياسىي تەشۋىقات خاتالىقى

 ئابدۇللاھ كۆكيار

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرى كۈندىن كۈنگە غالجىرلىشىپ «شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئارقىلىق تەلتۆكۈس يوقىتىشتەك» خام خىيال ۋە شېرىن چۈشلىرىنى تىزراق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى (ئويدۇرۇلما جىنايەتلەر) بىلەن ئەيىپلەپ قولغا ئېلىپ، خەلقئارا قانۇن بەلگىلىمە ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان قاراڭغۇ سوت مەھكىمىلىرى ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىنى كۆپلەپ ئىجرا قىلىشنىڭ ۋە كۆزىگە سىغمىغان ئادەملەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قانخورلۇق قەبىھ ماھىيتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئامال بار پەردازلاپ كۆرسىتىش، ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان تالاي جىنايى قىلمىش ۋە خاتالىقلىرىنى خەلقئارادىن مەخپى تۇتۇش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان (قامال قىلىش ۋە نازارەت قىلىش سىياسىتى) نى ئىلگىرىكى ھەر قانداق بىر ۋاقىتتىكىدىن قاتتىق بىر شەكىلدە كۈچەيتتى. نەتىجىدە چەتئەللەردىكى ساناقلىق ئائىلىلەرنىڭ بېشىغا خېلى ئۇزاقتىن بۇرۇن كىلىپ بولغان «ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن تېلىفون ئارقىلىق بولسىمۇ ئالاقە قىلالماسلىق» قىسمىتى ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇشبۇ ئاچچىق قىسمەت چەتئەلدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنى «كاللا سىلكىشكە» ئۈندىدى.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ جاي- جايلاردا ئوخشىمىغان ئاممىغا قارىتا تۈرلۈك مېدىئا ۋاسىتىلىرى ۋە ئۆزلىرى قۇرىۋالغان whatsAPP توپلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ قەبىھ ماھىيتىنى خەلقئاراغا پاش قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى. ھەممە يەردە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ قەبىھ ماھىيتىنى خەلقئاراغا قانداق پاش قىلىشنى ئۆگىنىش، Facebook تا ئەمىلى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ جانلىق مەنزىرىسى نامايان بولدى. ھەر دەرىجىلىك شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق غايىسى بولمىش «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى»نى گەۋدىلەندۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىغا خەلقئارالىق سىياسى بېسىم شەكىللەندۈرۈش، ئىشلىرىدىمۇ غايەت زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلدى. بۇ ئەلۋەتتە تەشۋىقات ساھەسىدە ئالقىشلىنىشقا تېگىشلىك بىر خىزمەت.
بۇ ساھەدە ئىزچىل ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مەن ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئىشلىرىغا بىر نەزەر» دېگەن تىمىدا بىر يازما ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسى تەشۋېقات ئىشلىرىدا ئۇزۇندىن بىرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بەزى نوقتىلىق كەمچىلىكلەرنى يورۇتۇشقا تىرىشقان ئىدىم. گەرچە مەن تەشۋىقات ساھاسىدە كەسپى ئوقۇمىغان بولساممۇ، ئىسلام مېتودولوگىيىسى كەسپى بويچە باكالاۋۇرلۇقتا ئوقۇش جەريانىدا «تەشۋىقاتنىڭ زامانىۋى تېخنىكىلىرى» بويچە تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ پاكىستان دۆلەتلىك تەشۋىقات ئاكادىمىيىسىدە ئۇزاق مۇددەت ئىشلىگەن پېشقەدەم ئۇستازلاردىن ئالغان ئاساسى بىلىم ۋە سىياسەت ساھەسىدە ئەمىلى ئىزدىنىپ ئىگەللىگەن چەكلىك تەجرىبە ساۋاقلىرىمغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر سىياسى تەشۋىقاتچىلىق ساھەسىدىكى ھەممىگە ئايان بولغان مۇھىم بوشلۇقلارغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. مەزكور يازمىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارنى تەكرارلاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرىنىڭ تەشۋىقات ساھەسىدىكىلەرگە سىياسى تەشۋىقاتنىڭ مەركىزى نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشتىكى يىتەرسىزلىكلىرىگە تەپسىلى كىرمەيمەن.
بۈگۈن توختالماقچى بولغىنىم، مۇھاجىرەتتىكى سىياسى تەشۋىقات ساھەسىدە ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ پىدائىيلارچە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، سىسياسى رەھبەرلىرىمىزنىڭ يوليۇرۇقلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق، سىياسى رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن خاتا چىقىپ كىتپ قالغان مەزمۇنلارنى تاسقىماي تۇرۇپ، سىياسى جەھەتتىن تەھرىرلىمەي تۇرۇپ نەخمەيداندىن بىۋاسىتە ھاۋاغا ئېتىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىپەرۋالىقىدۇر. قىسقارتىپ ئېيتقاندا ھەممىگە مەلۇم بولغان ”سىياسەتچىلەر بىلەن تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئۆز ئارا تولۇق ماسلىشالماسلىق مەسىلىسى“دۇر.
پىكىر ئەركىنلىكى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەۋەرچىلىك ۋە ئۇچۇر ساھەسى تەرەپسىزلىكنى ھەقىيقى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇتلەق ئەركىن بولغان بىر مۇھىتقا ئىھتىياجلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە خەلقئارادىكى مەن-مەن دېگەن نوپۇزلۇق تەشۋىقات ۋاستىلىرى دېتىغا ياقمىغان، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەتىگە بىۋاسىتا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان مەزمۇنلارغا كۆزىنىڭ قىرىنى سېلىپ قويمايدۇ. 24 سائەت دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ دېپىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى چالىدۇ. قۇشۇمچە كامرا ۋە سىن ئالغۇلىرىغا نۇرغۇن كۇلىمى چوڭ بولغان ئادەمنىڭ يۈرەكلىرىنى لەختە قان قىلىۋېتىدىغان ئىنسانى مەسىلىلەرنىڭ كىرگۈزۈلىشى چەكلىنىپ، نەدىكى لالما ئىتنىڭ ئۇسسۇز قالغانلىقى، مۇشۇكنىڭ ماشىنا چاقىغا قىسىلىپ قالغانلىقى، بۆرىنىڭ نەسلى قۇرۇشقا قاراپ كىتىۋاتقانلىقى، داڭلىق ناخشا چولپانلىرىنىڭ كەچلىك بازارغا كۈچا چىڭدىغىلى چىققاندا بۇرنى قاناپ كەتكەنلىكى قاتارلىق ئەرزىمەس خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار كىرگۈزىلىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تەشۋىقات ۋاسىتىسى ۋە شۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان تەشۋىقاتچىلار ئۆزلىرى تەۋە بولغان سىياسەتچىلەرنى بىپەرداز ھالەتتە ئاۋام خەلىققە كۆرسەتمەيدۇ. چاچلىرىنى تاراپ،يۈزلىرىگە ئۇپا ئەڭلىك سۈرۈپ، خاتا كەتكەن گەپلىرىنى كېسىپ تاشلاپ رۇسلاپ ئاندىن ئىكرانغا چىقىرىدۇ. سىياسەتچىلەرمۇ مۇھىم بولغان يىغىنلىرىنى مېدىئادىن يىراق يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزىدۇ. سىياسەتچىلىرى بىلەن تەشۋىقاتچىلىرى نېمىنى كۈچەپ تەشۋىقات قىلىش توغرىسىدا مۇئەييەن بىر نوقتىغا كېلىشىۋېلىپ، ئۆز ئارا پائال ماسلىشىپ ئىش ئېلىپ بارىدۇ.
ئادەتتە خەۋەرچىلىك ۋە بايانچىلىق، بۇ ئىككىسى ئايرىم -ئايرىم بىر ساھە، خەۋەرنى مۇخبىر تارقىتىدۇ. باياناتنى بىرە تەشكىلات ئورگانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كەسپى باياناتچى بىرىدۇ. ئاكادىمىك ئاتاشقا توغرا كەلسە خەۋەر تارقىتىدىغان شەخىسنى «مۇخبىر ژورنالىست» بايانات بىرىدىغان شەخىسنى «سۆزچى،باياناتچى» دەپ ئاتايمىز. لېكىن دەۋرىمىزدىكى بىر تۈركۈم چۇۋالچاق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى، بۇ ئىككى ساھەنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ، سىياسى داۋا تەرتىپ ئىنتىزامىنى بۇزۇپ، قاپاقنىڭ بوينىغا ئېسىپ قۇيۇلغان نوگاي چوغى كىچىكلىكتىن ھەر قانداق بىر شامال چىقسا قاپاقتىن بۇرۇن لىڭشىغاندەك، ئاۋاز چىقىرىپ بىر قارىسا خېلى يۇغان ۋەقەلىكلەر توغرىسىدا خەلق نامىدىن خەلقئاراغا بايانات ئېلان قىلىپ، بىر قارىسا ژورنالىست، مەدداھ بولىۋېلىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قىزىققۇچى خەلقلەرنىڭ باشلىرىنى قېيىشتۇرۇپ، سىياسى داۋا تەشۋىقاتىمىزنىڭ يۈكسەك ئوبرازىنى چۈشۈرۈپ پاخاللاشتۇرۇپ كېتىپ بارماقتا.
ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەشۋىقاتچىلىرى ئارىسىدا، ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرىنىڭ يېپىق ئاچقان يىغىندا قىلىشقان تالاش-تارتىشلىرىنى قولىغا چۈشكەن ھامان ئالدى كېيىنىنى توساپ باقماي كەڭ تارقىتىۋېتىش ئەھۋالى بەك ئېغىر، بۇنداق ئەھۋاللارنى يۇقىرىدا دىيىلگەن بەزى داڭلىق مېدىئا ۋاسىتىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش تازا دۇرۇس بولمىسىمۇ، بۇلارنىڭ قولىغا ئاشۇنداق يۈرۈشلەشكەن داڭلىق قاناللار چۈشكەندىكى ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلماق ھەقىقەتەن تەس.
ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدىغان بۇنداق بىپەرۋالىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە باشقا تەشۋىقات ساھەسى بىلەن تونۇشۇش تارىخنىڭ قىسقا بولىشى تەجرىبىمىزنىڭ چەكلىك بولىشى، ھاياجانلىرىمىزنىڭ قايناپ تېشىشىغا باغلاپ توغرا چۈشەنسەكمۇ يەنىلا بۇ ساھەدە پىشىپ چىقىش ئۈچۈن ئۆز ئارا بىر-بىرىمىزگە سەمىمىي پىكىر بىرىشكە ئېھتىياجىمىز بار.
بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى whatsapp تىكى دوستلىرىم، تۈركىيەنىڭ ھاتاي رايۇنىدىكى تۈرۈك ھەربى قىسىملىرىدىن ھال سوراشقا بارغان بىرەيلەننىڭ، ئەسكەر پورمىسى كىيىپ تۇرۇپ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىغا خىتاي تىلدا خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن قىسقا بىرسىن فىلىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلغاندىن كىيىن، ئۇنى جاللات بەششار ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆچ ئېلىشقا قۇرال قىلىپ قوللانغانلىقى ھەققىدىكى ئەرەبچە خەۋەرنى ماڭا يوللىغان ئىدى. كىيىنچە بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن تەنقىدى يازمىلار يېزىلغان بولسىمۇ، ئاتقان ئوقيانىڭ كامانچىغا قايتىپ كەلگىنى بولمىغىنىدەك، مەزكۇر سىن فىلىمنىڭ تۈركىيە ھۆكۇمىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر سىياسى بېسىم تەسىرىنى ھېچ كىم توسۇپ قالالمىدى.
مانا بۈگۈن ئەتىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھامىيسى بولغان تۈركىيە دائىرلىرى، ئۇششۇق خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ تۈركىيە دۆلىتىگە سېلىۋاتقان سىياسى بېسىمنى ئازايتىش، شۇنداقلا تۈركىيەدە پاناھلىنىپ ياشاۋاتقان بارچە ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرىغا، بولۇپمۇ ئەشۇ يەككە ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ دراماتىك “ئۆزىچە يۇغان قەھرىمانلىق“ تەشۋىقاتلىرىغا نازارەت قىلىپ مەسئۇل بولۇشنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويغان ئۇيغۇر سىياسەتچىلەرگە «ئويناپ سۆزلىسىمۇ ئويلاپ سۆزلەش» نىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە تۇركىيە قانۇنلىرىدىن ئۇنتۇلغۇسىز بىر دەرس بىرىش ئۈچۈن، مەزكۇر ئۇيغۇرنى قانۇن تارماقلىرى ساچقىخانىغا ئېلىپ كەتكەنمىش.
مەزكۇرنىڭ ئايالى يەنە شۇ whatsapp توپى ئارقىلىق ئەلجامائەتكە نالە پەرياد ئارىلاش مۇراجەت قىلىپ سەككىز نەپەر ئۇششاق بالا بىلەن بىر ئۆينىڭ غېمى، يولدىشىنىڭ يولىنى مېڭىش ئىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يالغۇز بېشىغا ئېغىر كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇچۇرنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن ئىچىم سېرىلدى. بەلكى ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق ھېسابلىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بۇ ئەھۋالغا ئىچى سىرىلمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىغان بولىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقىدەك ئجتىمائى تاراتقۇ تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ماسلاشماسلىق، يەرلىك قانۇنلارنى كۆزگە ئىلماسلىق مەسىلىسى شىۋېتسىيەدىمۇ بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە شىۋېتسىيەدىكى يىراقنى كۆرەر ئويغاق سىياسەتچىلىرىمىز، مەسىلىنى ئالدىن بايقاپ، تەشۋىقاتچىلارغا مەسلىھەت بىرىپ، ئۇلارنى تەشۋىقات ساھەسىدە مەخسۇس تەربىيە كۇرسلىرىغا ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دەۋرى ۋە شەرت شارائىتقا ماسلىشىشچانلىق كەسپى قابىلىيتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر تەشۋىقاتچىلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. كونىلاردا ”كىيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن“ دەيدىغان ھىكمەتلىك سۆز بار، ھازىر تۈركىيەدە بۇ مەسىلىگە چېتىلغان قېرىنداشلار ھاياجانلىقتا قىلغان شۇ ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلسىمۇ، بۇ مەسىلىگە قارىتا مەسئۇلىيتى بار دەپ قارالغان رەھبەرلەرنى كىشىلەر تەنقىد قىلىپ ئۇنىڭغا تاپا مالامەت قىلسىمۇ، ھەتتا بەزىلەر يەنە شۇ whatsapp قا چىقىۋېلىپ، ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ، قولغا ئېلىنغان ئومەرھاجى ئاكىغا ”خىتاينىڭ ۋۇشىغىنى تىترىتىپ قورقۇتقان قورقماس قەھرىمان“ دېگەن ئەڭ شەرەپلىك قورۇق ئۇنۋاننى بەرسىمۇ، بەر بىر تارتىپ بولغان سىياسى زىيان ئورنىغا قايتىپ كەلمەيدۇ. تۈركىيەگە كەلگەن ھەرقانداق سىياسى بېسىم تۈركىيەنىڭ نېنىنى يەپ سۈينى ئىچكەن ئادەمنىڭ ھەممىسىگە كەلگەن بولىدۇ. بىزگە ھامى بولغان دۆلەتكە بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان شۇنداقلا قانۇن پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان ھەرقانداق بىر ئىش ھەركەتنى نۇرمال بىر شەخسى ئادەم سۈپىتىمىز بىلەن بىلمەي قىلىپ سالساق ئۇ بىر نۇرمال خاتالىق. ئەمما قەھرىمانلىق لىباسىنى كىيىۋېلىپ بىر تەرەپتىن مىللەت نامىدىن سۆزلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ مىللەتنىڭ سىياسى مەنپىئەت يوللىرىنى تارلاشتۇرۇش قەھرىمانلىق ئەمەس، مىللىتىنىڭ باھارىنى قەھىرتانلىققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان نادانلىق. ئۆمەر ئاكىنى كۆككە كۈتۈرۈپ مادداھلارچە ماختاپ قەھرىمان قىلىۋەتكەن بەزى لاپچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تالچىۋىقنى ئات قىلىپ بەرسە، گوللۇنۇپ ئات… دەپ مىنىپ يۈرگەن سەبىيلىك ۋاقىتلىرىمنى بىر ئەسلەپ چىقتىم. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۆمەر ئاكىنى قەھرىمان دىسە سەبىيلەردىن باشقا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. مەن ئۇ ئاكىنى ”ئاق كوكۈل ھىسياتچان“ دەپ بىلىمەن. شۇڭىلاشقا باشقا دۆلەتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات رەھبەرلىرى خەلىقنىڭ يولباشچىلىرى، بۇ ۋەقەدىن دەرس ئېلىپ سىياسى تەشۋىقاتقا بولغان نازارەتنى تېخمۇ كۈچەيتىپ بۇنداق سەزگۈر مەسىلىلەرگە قارىتا ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق دىققەت قىلىشى، بىلىپ بىلمەي قىزىل پاچاق ختاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارغا باھانە ھازىرلاپ بىرىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى، ئۇيغۇرلارغا باشپاناھ بولغان دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قىينىماسلىقى لازىم!

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى