ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 21.04.2018 09:32:18 يوللانغان تارىخ: 21.04.2018 09:32:18 0 7265

تەلپۈنۈش، تەرجىمىدە (مىركامىلجان قەشقەرى)

قوياشمۇ پەرۋانە گۈزەل يۈزۈڭگە، نۇرىڭدىن نۇر بەرگەن، كۈندۈزلۈرۈمگە ، شۇ سولماس گۈل رەڭگىڭ، مەڭگۈ ـ مەڭگۈگە، ئۆزلۈكۈڭ تەجەللى ئېتەر يۈزۈڭدە،

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ
تەلپۈنۈش
20 – ئاپرېل ئۆزلۈكىمىزنىڭ نۇرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 571 – خاتىرە يىلىغا ئاتاپ تۈركچىسىگە ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەييارلاندى.
ئاپتورى: دۇرسۇن ئەلى ئەرزىنجانلى
ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: مىركامىل كاشغەرىي

ئورتا بوي قامىتىڭ تولغان شۇ قەدەر،
قاپقارا چاچلىرىڭ بۈدۈر، جىلۋىگەر،
نەسەبىڭ زەپ ئېسىل، ھەممە تەلپۇنەر،
ئىبراھىم ئەلەيھېس سالامغا يېتەر،

ئالەملەر شۇ رەھمەت يۈزۈڭنى ئستەر .
پىقىرمۇ بارىدىن كەچمەكنى ئىستەر .

قوياشمۇ پەرۋانە گۈزەل يۈزۈڭگە،
نۇرىڭدىن نۇر بەرگەن، كۈندۈزلۈرۈمگە ،
شۇ سولماس گۈل رەڭگىڭ، مەڭگۈ ـ مەڭگۈگە،
ئۆزلۈكۈڭ تەجەللى ئېتەر يۈزۈڭدە،

ھەسرىتىم! كۆيمەككە يۈزۈڭنى ئىستەر .
شۇ دۆلەت، نىئمەتتە ئۈزمەكنى ئىستەر.

قاپقارا كۆزلىرىڭ ئاھۇ مىسالى،
نىشانى ھەقىقەت، شۇدۇر ۋىسالى،
ئېقىمۇ كۆزىڭدە ئۆلچەم كامالى،
قاشلىرىڭ شەكلىدۇر كۆكتە ھىلالى،

پۈتۈن ئوي، خىيالىم يۈزۈڭنى ئىستەر.
مەشۇققا ئاشىقى جان بەرمەك ئىستەر.

ساقالىڭ بىر تۇتام، ئاق كىرگەن بىر ئاز،
مۇبارەك ۋۇجۇدۇڭ ئىللىق قىشۇ ـ ياز،
جېنىمنى يولۇڭغا قۇربان ئەتسەم ئاز،
دوسلۇرۇڭ قاتارى قۇلۇڭنىمۇ ياز،

يۈزۈڭ دەپ، ئىشكىڭنى قاقماقنى ئىستەر .
بۇ كۆڭۈل ھەسرىتىڭ يۇتماقنى ئىستەر .

بەش ئەزا مۈكەممەل، چىشلىرىڭ ئۈنچە،
قەددىڭدىن، ھۆسنۈڭدىن خىجىلدۇر غۇنچە،
ھىدىڭغا مەھلىيا، قېرى ـ ياش شۇنچە،
كەلدىم مەن ئىشكىڭگە تەلمۈرگىنىمچە ،

نىم بولار؟ بىر ئاچقىن! جامالىڭ دىلبەر.
غېرىبىڭ سۆيمەككە ئاياغىڭ ئىستەر.

مېڭىشىڭ تەمكىن، ئالدىراش يوقتەك،
يۇقۇردىن پەسكىمۇ شۇنچە بەھەيۋەت،
جۈرئىتىڭ، غەيرىتىڭ قورقماس شىردەك،
چۈشلەردە بولسىمۇ جامالىڭ كۆرسەك،

كەرەم قىل! دەپ ھەقتىن، دىدارلىق تىلەر،
كىم بۇنداق چۈشىدىن ئويغانماق ئىستەر.

تۇنجى رەت كۆرگەنلەر قورقۇپ يۈرەرمىش،
ئارلىشىپ ئۈلپەت بوپ دەرھال سۆيەرمىش،
«زادىلا كۆرمىدىم ئوخشىشىن» دەرمىش،
مەردانلار يولۇڭدا ئوت بوپ يانارمىش،

ئوخشىشى تىپىلماس يۈزىڭنى دىلبەر.
كۆڭۈللەر يېرىلىپ كۆرمەكنى ئىستەر.

ئاللاھ ئۆز روھىدىن بەرگەن ساڭا جان،
پىراقىنى رۇھىڭدا قىلدۈرغان جەۋلان،
يۈسۈفتە يوق ھۆسۈن سەندە بار شۇئان،
ئەخلاقىڭدۇر سېنىڭ مۆجىزە قۇرئان،

ئالەملەر شۇ رەھمەت يۈزۈڭنى ئىستەر.
پىقىر ھەم دىدارغا يەتمەكنى ئىستەر.

ئۈممىتىڭ ئۈچۈنلا تىترىگەنمۇ سەن،
ئويغاتقان خەۋەرچى، «كەل!» دېگەنمۇ سەن،
ھەقىقى ھۆرلۈككە « يەت!» دېگەنمۇ سەن،
زۇلمەتنى يوقاتقان « كەت!» دېگەنمۇ سەن،

ئى ھەقنىڭ شاھىدى! دىدارىڭ يېتەر.
شۇ تەشنا قەلبىمگە تەسكىنلىك بېرەر.

ھەقىقەت جىلۋىسى، ھەبىبىدۇر سەن،
كۆڭۈللەر زەخمىنىڭ تەبىبىدۇر سەن،
ئەڭ گۈزەل نوتۇقنىڭ خەتىبىدۇر سەن،
ئۈممەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك نەسىبىدۇر سەن،

سۆيگۈمنىڭ ۋىسالى! يۈزىڭنى ئىستەر.
قەلىبلەر تەختىدە ئۆزۈڭنى ئىستەر.

ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئۈستۈن ئەخلاق سېنىڭدۇر،
مەرتلىك كامالى ئەلھەق! سېنىڭدۇر،
ئاخىرقى شاپائەت تۇراق سېنىڭدۇر،
مېراجمۇ، »رەفرەف «مۇ، »بۇرراق « سېنىڭدۇر،

سەن يەتتىڭ ۋىسالغا پىقىرمۇ ئىستەر.
پەرۋانە شامىڭدا يانماقنى ئىستەر.

ŞEMAİL ŞİİRİ
(Dursun Ali Erzincanlı)
Ne uzun ne kısa kararında boy
Soyu İbrahim’den ne asil bir soy
Saçları hoş siyah dalgalı bir koy
Kemâlini giydir beni benden soy
Âlemlere rahmet yüzünü göster
Bu kul varlığından soyunmak ister

Güneş pervânesi o güzel yüzün
Nurundan ışığı vardır gündüzün
Solmaz bir gül rengin ne kış ne güzün
Tecelli ediyor yüzünde özün
Hasretim, yanarım, yüzünü göster
Kölen bu devletle avunmak ister

Simsiyah gözlerin âhû misâli
Dâim Hakk’a bakar her an visâlin
Beyazı ölçüsü gözde kemâlin
Kaşların sûreti gökde hilâlin,
Râzıyım rûyada yüzünü göster
Âşık maşukuna can sunmak ister

Bir tutam sakalın birkaçı beyaz
Mübarek vücudun serin kış ve yaz
Cânımı yoluna kurban etsem az
Dostlar defterine köleni de yaz
Açıver kapını yüzünü göster
Gönül hasretinden yakınmak ister

Duyular mükemmel, dişleri inci
Kokusuna tutkun, yaşlısı genci
Yürürken koşmadan olur birinci
Kapına gelmiş bir garip dilenci
Açıver ne olur yüzünü göster
Garip ayağına kapanmak ister


Yukarıdan aşağı heybetle iniş
Yürüyüşünde var hep bu görünüş
Âdetin baktığın tarafa dönüş
Bize nasip olsun hayırlı bir düş
Kerem et ne olur yüzünü göster
Kim böyle bir düşten uyanmak ister

Seni ilk görenler korku çekermiş
Sonra ülfet eder hemen severmiş
Benzerini asla görmedim dermiş
Erenler yolunda giderek ermiş
Benzeri bulunmaz yüzünü göster
Gönüller nurunla yıkanmak ister

Zâtının nûrundan vermiş sana can
Hilkate ruhunla başlamış Rahman
Yûsuf’ta yok sende olan hüsnü an
Ahlâkındır Senin, mûcize Kur’an,
Alemlere Rahmet, cemâlin göster
Kölen rahmetine sığınmak ister


Ümmetin üstüne titreyen sensin
Müjdeci, uyaran, gel diyen sensin
Kulunu Allah’a sevdiren sensin
Gecemi gündüze çeviren sensin
Ey Hakk’ın şâhidi yüzünü göster
Kul şehâdetinle tanınmak ister

Hakk’ın halilisin, habibi sensin
Gönüllerin eşsiz tabibi sensin
En güzel hutbenin hâtibi sensin
Ümmetin en büyük nasibi sensin
Aşkımın Leylası yüzünü göster
Gönül seni gözden sakınmak ister

En güzel, en üstün ahlak senindir
Cömertlikte kemâl el-hâk senindir
Şefaatte en son durak senindir
Miraç senin, Refref, Burak senindir
Sen gördün, bize de cemâlin göster
Pervâne şem’ine hep yanmak ister…

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى