ساغلام پىكىر ۋە زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاھىشى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 22.04.2018 14:01:49 يوللانغان تارىخ: 21.04.2018 06:58:22 0 15739

ساغلام پىكىر ۋە زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاھىشى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئونلىغان يىلدىن بۇيان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقۇمۇشلۇق ئىنسانلىرىمىزنى مىللىي مەدەنىيەتىنىڭ تۈپ ئاساسىي

ساغلام پىكىر ۋە زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاھىشى
ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي

گەپنى ئۇدۇللا قىلساق، تارىختا ئۈممەتنىڭ ئەڭ مەدەنىيەتلىك مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان، جۇغراپىيە جەھەتتىن ھازىرمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرق قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۇركىستاننىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، بولۇپمۇ داۋا سىپىدىكى كۆپ سانلىق زىيالىيلىرىمىز كۆرەلمەيۋاتقان بىر ھەقىقەتنى ئەسكەرتمىكچىمەن. گەرچە ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ناھايىتى ياخشى تونۇپ يېتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئېتىقادتىكى سۇسلىقى تۈپەيلىدىن كۆرۈپ تۈرۈپ، كۆرمەسكە سىلىۋاتقان، داۋاغا نىسبەتەن ئانچە ئەھمىيىتى يوق ئىشتەك ئېتىبارسىز قاراۋاتقان مۇنداق بىر ھەقىقەت بار.
ئۇ بولسىمۇ، ھازىرغىچە خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ، خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە كۈچ قوشقان، خەلقىمىزنى بىر ـ بىرىگە مەھكەم باغلىغان، خەلقىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك كاپالىتىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كېرەلىشىنى ۋە شانلىق تارىخلارنى يازالىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىن ـ بىر يادرو مەنبەيىمىزنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئېڭى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى ئىسلامدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئارقىلىقلا ۋەتىنىمىزنى يۈتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا، قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سالماقتا. ئىجتىمائىي قۇرۇلمىمىزنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈپ، ۋەتىنىمىزدە ئىسلامدىن خالىي يېڭى ئىجتىمائىي جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كىچە - كۈندۈز توختىماي ھەرىكەت قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئونلىغان يىلدىن بۇيان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقۇمۇشلۇق ئىنسانلىرىمىزنى مىللىي مەدەنىيەتىنىڭ تۈپ ئاساسىي، دۇنيا ۋە ئەخلاقىي قىممەت قارىشىنىڭ يادرولۇق يىلتىزى «ئىسلام»دىن نەپرەتلىنىدىغان، ھېچ بولمىسا «قالاقلىق» دەپ قارايدىغان مانقۇرتلارغا ئايلاندۈرۈپ، مىللىتىمىزنىڭ يۈكسەك ئىسلامىي كىملىكىنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇر، قازاق، قىزغىز تاتار دېگەندەك كونسىرۋاتىپ تار ئىرقىي كىملىكلەرنى مۇقەددەسلەشتۇردى. بۇنىڭ خەلقىمىزگە نىسبەتەن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىرلىكى ۋە باراۋەرلىكىگە نىسبەتەن ئۆز ـ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش بولىدىغانلىقىنى ئاز بىر قىسىم مانقۇرتلاشمىغان سەزگۈز ئىنسانلىرىمىزدىن باشقىلار كۆرۈپ يېتەلمىدى. ۋەتىنىمىزدە يولغا قويغان مائارىپ سىستېمىسى زىيالىيلىمىزنىڭ كۈلتۈر جەھەتتىكى ئىنكارچىلىق خاھىشىنى، كۈلتۈر جەھەتتە ئۆز ئۆزىنى ئۈلتۈرۋېلىشقا، گويا كۈلتۈر ۋە ئېتىقاد قىرغىنچىلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. خىتاي ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان چاغدا كۈلتۈرىمىزنى ئىنكار قىلىشقا ئالدىراپ جاسارەت قىلالمىغان بولسا، كېيىنكى چاغدا مىللەتنىڭ مېڭىسى ھېسابلىنىدىغان، جۈملىدىن مىللەتنى ئېتىقاد جەھەتتىكى خۇراپىيلىق ۋە كۈلتۈر پاسسىپلىقىدىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى بولغان ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلىرىمىزنىڭ قوللىرىدا، كۈلتۈر جەھەتتە ئۆز - ئۆزىنى ئۈلتۈرۋېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. نەتىجىدە بەدىنى شەرقىي تۇكىستانلىق ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئەمما رۇھى بېيجىڭدا ياشايدىغان، ھەم خىتاينى، ھەم ئۆز مىللىتىنىڭ رۇھىيەت دۇنياسىنى تونۇمايدىغان مانقۇرت، شىزوفرەن، يەنى چېكىدىن ئاشقان فانتازىيەلىك خىيالپەرەس، ئېلىشىپ قالغان زىيالىيلار ئىجاد قىلىپ چىقىلدى. بۇ نەچچە مىڭ يىللىق كاتتا مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان مىللەتنىڭ ۋەتىنى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىنكى رۇھىنىڭمۇ ئىشغال قىلىنىشى ئىدى. شۇ ۋەجىدىن خىتاي بىزنىڭ تارىخىمىزنى يېڭىدىن يازىدىغان، بىز بولساق قورچاقلىق رولىمىزنى ئويناپ، تارىخ باغچىسىدا ئوخلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئەمدى غەرپ ئەللىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلىرىمىزغا كەلسەك، ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ مىللىتىمىز باشتىن كەچۈرگەن بۇ كۈلتۈر جەھەتتىكى ئۆزىنى رەت قىلىش ۋە ئۆلتۈرۋىلىش پاجىئەسىنى كۆرەلمەيدىغان دەرىجىدە غەرب مەدەنىيىتىگە ئاشىق بولۇپ كەتلەنلەرنىڭ كۆپىيىشى بولدى. يات مەدەنىيەلەرنىڭ يالت ـ يۇلت چاقناشلىرىدىن كۆزلىرى خىرەلەشكەن، شۇلارنىڭ قىممەت قارىشىنى باش تاجى قىلىپ، ئۆز خەلقىنىڭ دۇنيا قارىشىغا يات، ئەخلاق قارىشىغا زىت تىپلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ قاتىلىغا، يەنى ئۆز قاتىلىغا ئاشىق، بوينىغا قايسى كۈلتۈر تاسمىسى سېلىنغانلىقىدىن خەۋەرسىز، رۇھىيەت رىشتىسى ئۆز خەلقىنىڭ رۇھىيەت دۇنياسىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلۇپ قالغان، ئۆز خەلقىگە ۋە ئۆز مەدەنىيىتىگە، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ رۇھ مەنبەسىگە پەقەتلا كەمسىتىش نەزىرى بىلەنلا قارايدىغان ھەتتا قارشى تۇرۇشتىنمۇ يانمايدىغان ھاكاۋۇر، بىلەرمەن، گالۋاڭلار پەيدا بولدى.
بۇ خىلدىكىلەر شۇنى قەتئىي كۆرۈپ يېتەلمىدىكى، ئاڭسىزلاشتۇرۇلغان بىر ئاڭغا، يەنى باشقىلار تەرىپىدىن ئەمالاشتۇرۇلغان ۋە چاپارمەنگە ئايلاندۈرۈلغان بىر پىكىرگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن رۇھىيەت يىلتىزىدىن ئايرىلىپ قالغان، ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ روھىيەت مەنبەسىگە ئۇرۇش ئاچىدىغان، پەقەت باشقىلاردىن ئىجارە ئالغان ئەقىل، ئىجارە ئالغان ئاڭ بىلەن ئىجارە مەدەنىيەتكە تەۋە بولغان بۇنداق زىيالىي ئۆز خەلىقىگە ۋە دۇنياغا قانداقمۇ قىممەت ياراتالىسۇن؟
رۇھىيەت يىلتىزىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، بارغانچە رۇھىيەت يىلتىزلىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان بولۇپ قالغان بىر زىيالىي ئۆز خەلقىگە ۋە دۇنياغا قانداقمۇ رۇھ بېغىشلىيالىسۇن؟ قانداقمۇ يېڭىلىق يارىتىپ بېرەلىسۇن؟
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، بىلىم ھەقىقەتەنمۇ كۈچ ۋە ئىمتىيازنىڭ مەنبەسى. بىراق ھەرگىزمۇ خەلقتىن ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈشنىڭ، خەلقتىن ئۇزاقلىشىش ۋە پەرقلىق بولىۋېلىشنىڭ مەنبەسى ئەمەس. خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىدىن رىشتىسى ئۈزۈلىشنىڭ نەتىجىسى ئىددىيە جەھەتتىكى ئىجارىكەشلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
دېمىسىمۇ، ئەقىل، پىكىر ۋە ئاڭ دۇنياسى باشقىلاردىن ئىجارە ئېلىنغان، تەقلىدچى بىر زىيالىينىڭ ياكى زامانىۋىي مانقۇرت ئەۋلادلارنىڭ شەرقىي تۇركىستانىمىزغا يېڭى ئۆزگىچىلىك يارىتىپ بېرەلىشىنى ئۈمىد قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئاڭ جەھەتتىكى قۇللۇقنىڭ ۋە ئەمالىقنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.
دەرۋەقە، پىسخىئولوگىيەسى ھەر تۈردىكى ئىشغالىيەت ۋە مەغلۇبىيەتتىن زەھەرلەنگەنلىكى ئۈچۈن مەفكۈرە ئەمەلىرىغا ئايلانغان غەربپەرەس ئوقۇمۇشلۇقلىرىمىز ھازىرمۇ خەلقىمىزنىڭ رۇھىيەت يىلتىزىنى قۇرۇتۇش بىلەن مەشغۇل يۈرمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كەلگۈسىگە يول ئاچماقچى بولغان ئىلغار كىشىلەرنىڭ ئالدىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشنىڭ غېمىدە يۈرمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي زىيالىيلىرىمىزدىكى ئەرەبلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلاش، ئەرەبلەرنى ۋە ئەرەب دۇنياسىدىكى بەزى ھەرىكەت، ئىدىئولوگىيەلەرنى ئسلامنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىش خاھىشىمۇ تەبىئىي ھالدا مىللەتنىڭ 1200 يىللىق ئېتىقاد ھاۋزىسىدىن ئۇزاقلىشىشقا، ياتلىشىشقا سۆرەۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بەزى چەت ئەللەردىكى ئارقىسى قاراڭغۇ، سۆزلىرى يالتىراق، بىراق تاسمىسى ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدا بولغان مەقسەتلىك، ياللانما، يات مىللەت موللىلىرىنىڭ ئىككى - تۆت تال كىتابىنى ئوقۇپلا ئۆزىگە غەلىتە، يېڭىلىق تۇيۇلغان تۇيۇق پىكىرلەرنى تارقىتىش ئۈچۈن ھاياجاندىن تېلىقىپ سەكرەپ كېتىۋاتقان، ئۆزى يېتەرلىك، سىستېمىلىق ئىسلامىي تەربىيە كۆرمىگەن ياكى شۇ تۇيۇق پىكىرلەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى بىتەرەپ تەتقىق قىلالىغۇدەك ئىقتىدار، سالاھىيىتى بولمىغان، ئاڭسىز تەقلىدچى تەرجىمانلارمۇ مىللەتنى قانداق ھالاكەتلىك ھاڭغا سۆرەۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز، ئاتالمىش "قۇرئانچىلىق "تەك (تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ئۈچۈن تۆۋەدىكى ئىزاھاتقا قاراڭ) ئىنگلىز ئېمپىرىيالىزىمىنىڭ ھىندىستاندا سېناق قىلىپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان "پروتېستانلاشقان يېڭى ئىسلام دىنى يارىتىش" پىلانىنىڭ دەۋرىمىزدىكى خالىسانە چوماقچىلىقىنى مىللەتكە تېڭىشقا ئۇرۇنۇپ يۈرمەكتە.

لېكىن بىزنىڭ ۋەزىپىمىز يۇقىرىدىكى ۋە بۇ خىلدىكى ئاتالمىش زىيالىيلىرىمىز بىلەن زاكۇنلىشىش ئەمەس، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىش تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئويغۇتۇش، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىن ۋە ئۆز خەلقىدىن قۇمۇرۇلۇپ كەتكەن ئاڭ، ئەقىل، ئىددىيە ۋە رۇھىيەت يىلتىزلىرىنى ئەسلى مەنبەسىگە باغلاش ۋە ئىسلام ئېتىقادىمىز ئاساسىدا، زاماننىڭ رۇھىغا ماس ساغلام پىكىر، شۇنداقلا ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن ۋە ئىبادەت دەرىجىسىدە ئۇلۇغلۇققا ئىگە بولغان بىر تېرىلىش ھەرىكىتىنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى زاماننىڭ ئېھتىياجىغا ۋە مىللەتنىڭ رۇھىيەت دۇنياسىغا ماس ساغلام پىكىر بولغاندىلا خەلقنى مىللەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. خەلقىمىز ھەقىقي مىللەتكە ئايلانغاندىلا ئاندىن دۆلەت قۇرىلىدۇ. دۆلەت پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەدەنىيەت يارىتىدۇ.
بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خەلقىمىزنى غەرپنىڭ چۈشەنچىسىدىكى، ئىرقنى ۋە ھاكىمىيەتنى ئاساس قىلغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇش ياكى شەرق كومۇنىستلىرىنىڭ ۋە خىتاينىڭ چۈشەنچىسىدىكى جۇغراپىيەنى ئاساس قىلغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى دەل شۇلارنىڭ ئەكسىچە، قۇرئاننىڭ چۈشەنچىسى ۋە مەركىزى غايىسى بولغان "مىللەتى ئىبراھىمە خەنىفا" يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامچە توغرا يول توتقان مىللەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئىنسانىيەتكە ئالىي مەدەنىيەت يارىتىش ئىددىيەسى بىلەن بېزەلگەن، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يۈكسەك، قەدەملىرى ئۆز مەدەنىيىتى ئۈستىدە مۇستەھكەم، ئۆزى بۇ دۇنيادا ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا ئۈچۈن ياشىمايدىغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە تەييار، دۇنياغا يېڭى دەۋر ئېچىپ، يېڭى ئۈلگە يارىتىدىغان ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆچەت تېكىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئەڭ چوڭ نىشانىمىز يولباشچى ئۈلگە ۋە ئۆرنەك ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش بولۇشى لازىم. تارىخ ھاۋزىمىزدا مۆكۈنۈپ ياتقان مەدەنىيەت يادرولىرىمىز بىلەن قوراللىنىپ، ئىنسانىيەتكە يول ئاچىدىغان، بىراق ئۆتمۈشكە ئەمەس، بەلكى يېڭى ئۇقۇم، يېڭى قىممەت قاراش، يېڭى ئىددىيە يارىتىش ئارقىلىق يىڭى دەۋرگە، كەلگۈسىگە باشلايدىغان يېڭى نەسىللەرنى يېتىشتۈرۈش بولۇشى لازىم.
بۇ جەھەتتە بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ ئىسراپ قىلىدىغان ۋاقتى يوق، پۈتۈن كۈچىنى ئادەم يېتشتۈرۈشكە ئىشلىتىشىمىز، پۈتۈن نىشانىمىز ئۈلگە بولۇش ۋە ئۈلگىلىك ئىنسان يارىتىش بولۇشى لازىم. ئەگەر بىز ئەخلاق پەزىلەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خەلققە ئۈلگە بولۇشقا، ئۈلگىلىك ياشلارنى تىكلەشكە سەل قارايدىغان بولساق، كەلگۈسىمىزگە سەل قارىغان بولىمىز.
ئەمەلىيەتنى ئېتىراپ قىلىشتىن قورقمايلى! ئەمەلىيەت شۈكى، ھازىر بىز ۋەتەندە 14 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان ياش ئەۋلاتلىرىمىزنى ئاساسەن يوقۇتۇپ قويدۇق. بۇنى ئويلىساملا سىقىلىشتىن ئۇيقۇم قاچىدۇ. چۈنكى خۇددى ئاتاقلىق تۈرك ياغۇچى يۈسۈف قاپلان ئېيتقاندەك «ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە كەلگۈسى 100 يىلنىڭ كۆچەتلىرىنى تېكەلمىسەك ھالىمىز خەتەر»
شۇنداق، خەلقىمىز ئەمدى كۈندۈز ۋە ئاخشامنىڭ سىناقلىرىنى تاماملاپ، ئەڭ زۇلمەتلىك كېچىگە قاراپ يول ئالدى. بىراق بۇ كېچىنىڭ ئەتە چوقۇم تېڭى ئاتىدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى تاڭ يېقىنلاشقانسىرى كېچىنىڭ تېخىمۇ قاراڭغۇ بولۇشى ئىلاھىي سۈننەت ۋە مۆئمىنلەر ئۈچۈن بىر ئىلاھىي سىناقتۇر. بىز دەل مانا بۇ زۇلمەتلىك كېچىدە بىر - بىرىمىزگە ئېسىلىمىز، بىر - بىرىمىز بىلەن پۈتۈنلىشىمىز، تاۋلىنمىز، پىشىپ يېتىلىمىز ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
ئەمدىلىكتە ئاسان تۈگىدى، قېيىن باشلاندى. بۇ كېچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەلبلىرىمىزگە كىشىلىك ئوبراز تامغىسىنى ئۇرالىشىمىز لازىم. بىر كىشىىلىك ئوبراز تىكلىيەلىشىمىز لازىم. ئوبراز تىكلەش ۋە ئۈلگە بولۇش ھەرىكىتى باشلىيالىشىمىز لازىم.
بىز قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرغان بۇ كېچىدە ئازاب ـ ئوقۇبەتتىن باشقا نەرسە يوق، شۇڭا بۇ كېچىدە بىزگە كېرەكلىك بولغان نەرسە مەسئۇلىيەت ئېڭى، جاۋاپكارلىق ئەخلاقىدۇر. كىچىدە ئىزىقىپ قالماسلىق، يات چاقىرىقلارغا ئالدانماسلىق، قىلدىن ئىنچىكە، شەمشەردىن ئۆتكۈر بۇ يولدا تۈپ تۈز ماڭالىشىمىز ئۈچۈن نەتىجىنىڭ ھېسابىغا ئەمەس، مەسئۇلىيىتىمىزگە قاراشتىنلا ئىبارەتتۇر.
شۇنى ئۇنتۇمايلىكى، بۇ كىچە سەپىرى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن ۋە ئۆز ئۆيىمىزدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بۇ سەپەرگە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش جەريانىدا قىممەت قاراش، توغرا پىكىر يارىتىش ۋە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك پىسىخىئولوگىيەسىگە ئايلىنىپ قالغان ئۈششۈك تەككەن ھەرىدەك تەنقىدچىلىك ۋە تەنقىددىن باش كۆتۈرمەسلىك بولسا، ئۆز ھاياتىنى ياشاش ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ياشىغانلىق بولىدۇ. داۋاملىق باشقىلارنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى تەنقىد قىلىش ئۆز ھاياتىنى خۇددى قۇم سائىتىنى بېكار قىلغاندەك بېكار قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئۇنى تولدۇرغانلىق ۋە ئۆزىنى تاشلاپ دائىم باشقىسىغا دىققەت قىلغانلىق بولىدۇ. باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئورنىغا قويۇۋالغانلىق ۋە ئۆزىنى ئۆلۈك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىق بولىدۇ.
تەكىتلەۋاتقىنىم قانداقتۇر بارلىق تەنقىد شەكىللىرىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس - ئەلۋەتتە، بەلكى ئىنكارچى تەنقىدچىلىككە قارشى تۇرۇپ، چارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلام تەنقىدنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
ساغلام تەنقىد بولسا، قىممەت قاراش يارىتىش بىلەن داۋاملىشىدىغان، چارە ۋە قىممەت قاراش يارىتىشنى ئۆزىگە نىشان قىلىدىغان تەنقىدتۇر. شۇڭا ئۇنى - بۇنى تاشلاپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەنقىد قىلىدىغان، تەنقىد قىلغۇچى ئەمەس، تەنقىد قىلىنغۇچى بولىدىغان شۇنداقلا تەنقىدتىنمۇ يىقىلىپ قالمايدىغان سەۋىيەگە يېتىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلالىغاندا ئاندىن بۇ كېچە بىزگە نىسبەتەن تېرىلىش كېچىسى بولىدۇ. تېرىلىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى كىشلىك ئوبرازىنىڭ سىرتقا تېپىشى، تېرىلىشتا ۋە مەۋجۇت بولۇشتا چىڭ تۇرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. بىر بىرلەپ كۆپىيىش، توختىماي يېڭى پىكىرگە ئېرىشىپ، ئاڭ، ئىددىيە قىلىچىنى بىلەپ تۇرۇش، ئويغۇنۇش ۋە قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسىدۇر.
شۇڭا داۋاملىق ئوقۇشىمىز، ئۆزىمىزنى يېتىلدۈرىشىمىز لازىم، مۇسا جارۇللاھ، ئاللامە ئىقبال، ماۋدۇدى، ھەسەنۇل بەننا، سەييىد قۇتۇبلار بىلەن باشلانغانچە ئىززەت ئەلى ۋېگوۋىچقىچە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كەلگەن خەلقئارا ئىسلامىي ئويغۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىپ، ئالدىمىزدىكى يېڭى تاڭغا قايسى شەكىلدە، قايسى ئۇسۇلدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېلىپ بارالىشىمىز كېرەكلىكىنى ئاڭقىرالىشىمىز لازىم. ئۇلارنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس پىكىرلىرىنى ئۆز پىتى ۋەتىنىمىزگە سۈرەپ كېرىپ، تېخىمۇ كۆپ تەپرىقچىلىققە سەۋەب بولماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاڭ، ئىددىيە، تارىخ، مەدەنىيەت، ئېتىقاد، مەزھەپ خەزىنىمىزدىكى كۆمۈلۈپ ياتقان جەۋھەرلىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ توتقان يوللىرى ۋە مېتودلىرىنى يۇغۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا خاس، شەرقىي تۇركىسانغا ماس يېڭى سىستېمىلاشقان ئىسلامىي ئويغۇنۇش پىكىرىنى ۋە ھەرىكىتىنى يارىتالىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ئويغىنىشى ۋە يۈزلىنىشى بىلەن بىر پۈتۈنلىشەلىگەن، ئۈممەتنىڭ ھەر قايسى جۇغراپىيەدىكى ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا كۆرە، ئۆز ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلالىغان بولىدۇ. ئاندىن بىز ھەقىقىي مەنىدىن بىز بولالىغان بولىمىز. شۇڭا بىز بولۇش ئېڭىمىز، مانا مۇشۇنداق ئىجابىي كەڭ دائىرىلىك ساھەلەردە ئۆزىنى نامايەن قىلىشى لازىم.
بىز بولۇش ئېڭىمىز ھەرگىزمۇ بىز دەپ تۇرۇپ باشقىسىنى چەتكە قاقىدىغان ئەمەس، قوچاقلايدىغان بىز دېگىنىمىزدە مەزھىپىمىز، مەشرىپىمىز، جامائىتىمىز ۋە دەرنەكلىرىمىز ئىچىدىكىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ زۇلۇم كۆرگەن مۇھىم بىر قىسمى شەرقىي تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەقلىمىزگە كېلىدىغان بولۇشى لازىم.
ئىسلام ئالىملىرىنىڭ: «بىر غىرىچ مۇسۇلمان زىمىنى كاپىرنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىسا، ئۇلارغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ئالدى بىلەن شۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا، ئاندىن ئەتراپتىكى قوشنا مۇسۇلمانلارغا، ئەگەر ئۇلارنىڭمۇ كۈچى يەتمىسە، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلانلىرىغا پەرز ئەيىن بولىدۇ» دېگەن پەتىۋاسى بويىچە ھەمدە قۇرئاندىكى «ئۆزەڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دوزاق ئوتىدىن ساقلاڭلار» دېگەن بۇيرۇقى بويىچە بولغاندىمۇ، بىرىنچى بولۇپ بىزنىڭ يەلكىمىزگە يۈكلەنگەن بۇ ۋەتەندىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىمىزنى ۋە بىر غىرىچ ئەمەس، بەلكى 1 مىليون 874 مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىرلىق ئىسلام زېمىنىنى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا مۇجادىلە قىلىۋاتقان پۈتۈن خەلقىمىز كۆز ئالدىغىمىزغا كېلىدىغان بولۇشى لازىم.
شۇنى يەنە بىر قېتىم تەكىقلەمەكچىمەنكى بىزنىڭ ۋەزىمىز يات ئەللەردىكى ئاللا قانداقتۇر ئېقىملانى ۋەتەنگە ئۆز پېتى سۆرەپ كىرىش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس پىكىرلىرىنى شۇ پىتى ۋەتىنىمىزگە سۈرەپ كېرىپ، تېخىمۇ كۆپ تەپرىقچىلىققە سەۋەب بولماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاڭ، ئىددىيە، تارىخ، مەدەنىيەت، ئېتىقاد، مەزھەپ خەزىنىمىزدىكى كۆمۈلۈپ ياتقان جەۋھەرلىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ توتقان يوللىرى ۋە مېتودلىرىنى يۇغۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا خاس، شەرقىي تۇركىسانغا ماس يېڭى سىستېمىلاشقان ئىسلامىي ئويغۇنۇش پىكىرىنى ۋە ھەرىكىتىنى يارىتالىشىمىز لازىم.
ئاللاھ بىزگىمۇ باشقا تەقدىرداش مۇسۇلمان مىللەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش مەيلى قانچىلىك ئوقۇپ، نېمە ئۇنۋانلارغا ساھىپ بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىمان، ئىسلامىغا سادىق، بەلكى ساقەتتە مىللەتتەك ئۈلگە بولىدىغان، ۋەتەن - مىللەت داۋاسىنى ئېتىقاد بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئىبادەت مۇقەددەسلىكىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىدىغان، ئىقادتىن ۋە مىللىتىنىڭ ئەخلاقىي قىممەت قارىشىدىن ياتلىشىشنى بولسا ئۆزىگە نىسبەتەك ئۆزىنى ئۆلتۈۋېلىش ھېسابلايدىغان تەقۋادار زىيالىيلارنى ئاتا قىلسۇن!!!
ئاللاھ ھەممىزنى ھەقىقي مەنىدىن بىز بولۇشقا، بىزنى بىز قىلىدىغان مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزغا ئىگە چىقىشقا ۋە يەرلىك مەفكۈرە يارىتىشقا نسىپ قىلسۇن، ئامىن!!!

2018 – يىلى 21 – ئاپرېل
ئەنقەرە
ئىزاھات: ئەسلىدە بۇندىن 1200 يىل ئىلگىرى تۇنجى بولۇپ ئۈممەتنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغان، خاۋارىچ، مۇئتەزىللە پىرقىلىرى "قۇرئانچىلىق" يەنى ھەدىس ئىنكارچىلىق ھەركىتىنى قوزغاپ چىققان بولۇپ، بىر ئەسىرگىمۇ بارمىغان ئازغىنا مۇددەت ئىچىدە يىلتىزى سېسىپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا بۇ پىكىرنىڭ نامى ـ نىشانىمۇ قالمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن 13 ـ ئەسىردە ئىراقتا يەنە بىر قېتىم باش كۆتىرىپ بېقىپ، ناھايىتى تىزلا ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. كېيىنكى چاغدا غەرىپ مۇستەشرىقلىرىنىڭ ئەستايىدىل پىلانلىشى ئارقىلىق 19 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرى ھىندىستاندا سۆر سەييىد ئەھمەد بىلەن مەۋلىۋى چىراغ ئەلى "قۇرئانچىلىق"نىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسا، 19 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرى پاكىستاندا، مەۋلانا ئەسلەم جىراجپۇرى بىلەن چودىرى غولام پەرۋىز شۇلارنىڭ تۆرەلمىلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ "قۇرئانچىلىق" ئېقىمىنىڭ يېڭى دەۋر داھىسى ھېسابلىنىدىغان سۆر سەييىد ئەھمەدنىڭ "سۆرلۈك" ئۇنۋانىنى ھىندىستاندىكى ئىشغالىيەتچى ئىنگلىز ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئىمتىياز سىپىتىدە ئالغانلىقىنى ۋە بۇ ئىمتىياز بەدىلىگە سۆر سەييىد ئەھمەدنىڭ ئىنگىلىز ئىشغالىيىتىگە قارشى جىھاد قىلىۋاتقان مۇجاھىدلارنى توسۇش ئۈچۈن «ئىنگلىز ھۆكۈمىتىگە قارشى جىھاد قىلىش ھارام، ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ» دەپ پەتىۋا تارقاتقانلىقىنى، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى بىلەن سۆر سەييىد ئەھمەدنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە مۇرىدلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىشغالىيەتچى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر دېۋىزىيە ئەسكەر چىقىرىپ، سۆر سەييىد ئەھمەد ۋە قوللىغۇچىلىرىنى قوغدىغانلىقىنى، پاكىستاندىمۇ دۆلەت قۇرۇلۇپ «دۆلەت ئاساسىي قانۇنى قۇرئان ۋە ھەدىس» دەپ بەلگىلىنىش قارارى ئېلىنغاندا، بۇ قارارغا قارشى تۇنجى نامايىش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئېغىر توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان كىشىنىڭمۇ سۆر سەييىد ئەھمەدنىڭ مۇرىدى مەۋلانا ئەسلەم جىراجپۇرى بىلەن چودىرى غولام پەرۋىزدىن ئىبارەت ئاتالمىش "قۇرئانچىلار" بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، بۇ ھەسەل يالىتىغان يالتىراق شۇئارلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى ۋە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ئاكتىيورلىرىنى كۆرۈپ يېتىش تەسكە توختىمايدۇ.
ئەرەب ئەللىرىدە بولسا مۇھەممەد تەۋفىق سىددىقىي، مۇھەممەد ئىسئاف ئەننەشا شىبىي قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئۆلىمالارنىڭ ئىلمىي، دەلىللىك رەددىيەلىرى ۋە پۈتۈن ئۈممەتنىڭ غەزەپلىك نەپرىتى بىلەن شەرمەندىلەرچە مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، ئىلگىرىكىدەك ئاشكارا مەيدانغا چىقالماي، مەخپى ھالدا ھەركەتكە ئۆتۈپ، دىنىي سەۋېيەسى بىر قەدەر ئاجىز ئىسلام دۆلەتلىرىدە يىلتىز تارتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھەركەت مېتودى ئىلگىركىدەك سۇننەتكە ئاشكارا قارشى چىقىشنىڭ ئەكسىچە سۇننەتنى ئېتىراپ قىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ئەھكام (قانۇن) قىسمىغىلا ھۇجۇم قىلىپ، ئاللى بۇرۇن ھەل قىلىنىپ، بەلگىلىنىپ بولغان ئەھكاملاردىن قۇسۇر تىپىش، قايتا ئىجتىھاد قىلىشنىڭ ھېچ بىر زورورىيىتى بولمىغان مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۈممەتنىڭ ئىچىدە پىتنە تىرىش، پېشىگە ئېسىلغانلا كىشىگە سەۋىيە سۈرۈشتە قىلماستىن، تەتقىقاتچىلىق تاجىنى كەيدۈرۈپ، بىر تۈركۈم گۇمانخۇر ھەدىس قاتىللىرىنى مەيدانغا چىقىرىش ۋە شۇ ئارقىلىق قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ ئايرىلماس مۇناسىۋېتىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىشقا يول ئېچىش، جۈملىدىن غەرىپ مۇستەشرىقلىرىنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەدىسكە بولغان مۇقەددەس ئىشەنچىسىنى يوققا چىقىرىش شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابە كېراملارنىڭ ئۈلگىلىك تەرجىمىھاللىرىنى ”مۇبالىغىلەشكەن تارىخى ئەپسانە“ دېگەن قاراشقا يول ئىچىش ۋە نەتىجىدە پروتېستانلاشقان يېڭى ئىسلام دىنى يارىتىشتىن ئىبارەت بولماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش