تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 21.04.2018 02:44:55 يوللانغان تارىخ: 20.04.2018 13:26:37 0 1249

شىۋېتسىيىدە ئۇيغۇر ياردەم فوندى رەسمىي قۇرۇلدى

مەزكۇر ئۇيغۇر ياردەم فوندى (Uyghur Relief Assocation) قۇرۇلغاندىن كېيىن، فۇندىنىڭ بانكا ھېساب نومۇرى ئېچىش بىلەن بىرگە، ھېسابقا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ئىشلىرىنىمۇ پۈتتۈرگەن

شىۋېتسىيىدە ئۇيغۇر ياردەم فوندى رەسمىي قۇرۇلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار!

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرى، ئائىلىسى، ئورۇق تۇغقانلىرىنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ مۇساپىرلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ جەريانىدا يولدىشىدىن ئايرىلغان تۇل ئاياللار، ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلغان يىتىم بالىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر داۋاسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە تىلىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىر گۇرۇپ ئاكتىپلارنىڭ بىرقانچە قېتىم يىغىلىشلىرىدىن كېيىن، 2018- يىلى 04- ئاپرىل شىۋېتسىيە دۆلىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم رەسمىي (ئۇيغۇر فوند) (Uyghur Relief Assocation) نامىدا بىردىن- بىر قانۇنلۇق ياردەم تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقتى.

مەزكۇر ئۇيغۇر ياردەم فوندى (Uyghur Relief Assocation) قۇرۇلغاندىن كېيىن، فۇندىنىڭ بانكا ھېساب نومۇرى ئېچىش بىلەن بىرگە، ھېسابقا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ئىشلىرىنىمۇ پۈتتۈرگەن.

ئۇيغۇر ياردەم فوندى (Uyghur Relief Assocation) قىسقارتىلىپ (URA)، قۇرۇلۇپ بۈگۈن 2018- يىلى 20- ئاپرىل جۈمە كۈنى كەچ سائەت 19:00 دىن 20:30 گىچە ھەيئەتلەر يىغىنى ئاچتى.

يىغىنغا فەرۇخ سادۇق ئاكا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، فوندىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆمەر مەخسۇمنىڭ دۇئاسى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن فەرۇخ سادۇق ئاكا مەزكۇر ئۇيغۇر ياردەم فوندىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن، فوندىنىڭ مۇراجەتنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئارقىدىن يىغىنغا قاتناشقان ھەيئەت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېيىنكى خىزمەت پىلانلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئۇيغۇر ياردەم فوندى (URA) نىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا جەمئىي 13 ھەيئەت ئەزاسى، 3 نەپەر تەپتىش، 4 نەپەر مەسلىھەتچى بولۇپ جەمئى 20 كىشى خىزمەت ئالغان.

مەزكۇر فوندىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى تۆۋەندىكىچە:

رەئىس: فەرۇخ سادۇق

مۇئاۋىن رەئىس ۋە كاسسىر: نىجات تۇرغۇن.

مۇئاۋىن رەئىس ۋە كاتىپ: ئابدۇمىجىت تۇردىيۇۋ.

تاشقىي ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى: ئەخمەت تۇرسۇن.

مۇئاۋىن كاسسىر: شاھابىدىن.

مۇئاۋىن كاسسىر: ئابدۇخېلىل ئابدۇمەننان.

مۇئاۋىن كاتىپ: مۇھەممەد ئەلى ئابدۇللىتىپ.

تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى: تۇرغۇن ھىمىت.

باش مەسلىھەتچى: ئۆمەر ئەزىز.

مەسلىھەتچى: ئازات ياقۇپ.

تەپتىش: بەختىيار جاپپار.

تەپتىش: ئادىك ھاسانوۋ.

قاتارلىقلار ئۇيغۇر ياردەم فوندى (URA) دا رەسمىي خىزمەت تاپشۇرۇپ ئالدى.

يىغىن ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ياردەم فوندى (URA) نىڭ رەئىسى فەرۇخ سادۇق ئاكا، مەزكۇر (URA) غا يىغىلغان ئىقتىسادنى مۇنداق 5 ئورۇنغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 1- مەسچىت. 2- يىتىم ۋە تۇل ئاياللار. 3- ئوقۇغۇچىلار. 4- مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە. 5- ئۇيغۇر ياردەم فوندىنىڭ تەرەققىياتى. قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ فۇندقا ئەزا بولغانلار يۇقىرىقى 5 تۈرلۈك ئورۇننىڭ قايسىسىغا بېرىشنى خالىسا شۇ ئورۇنغا بەلگە قويسا بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر ياردەم فوندى بۈگۈندىن باشلاپ ئىقتىساد يىغىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلانغان.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى