ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 20.04.2018 02:40:44 يوللانغان تارىخ: 20.04.2018 02:40:44 0 8837

"شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى"

«بۇئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز؟ بۇنىڭ بىلەن نېمىگە ئېرىشىۋاتىمىز؟» دەپ سورالغاندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان جاۋاپ كۆپىنچە تولىمۇ ئاچچىق، تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم ھەر قانداق ئىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلىشنى خالىغانلىقىمىزنى

"شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى"

(مىركامىل كاشغەرىي)

ئەسلىدە بۇ، سىياسىيون، ئۇستا تەشكىلاتچى، جەمئىيەتشۇناسلار ۋە ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىلىرى تەتقىق قىلىپ يول سېزىپ چىقىشى كېرەكلىك مۇھىم بىر تېما، ئەمما شۇنداقتىمۇ ھالىمغا باقماي، بۇ ھەقتە سۆزگە چىقىپ قىلىشىمدىكى مەقسىتىم پەقەت، بۇ ساھەنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرى ۋە يول باشچىلىرىغا ئاددى بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر تەشكىلاتتىن كۈتىدىغان ئارزۇلىرىمنى، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك بىر تەشكىلاتنىڭ قانداق بولۇشى ۋە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىگە دائىر خۇسۇسىي تەسەۋۋۇرلىرىمنى سۇنۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. چۈنكى يۈرىكىدە شۇ ۋەتەن، شۇ مىللەت ۋە شۇ ئۈممەت ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ چوغ يېنىپ تۇرغان ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇ ھەقتە چوقۇم ئويلىغانلىرى، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە كېچە-كېچە باش قاتۇرۇپ يىغىلىپ قالغان قەلب سۆزلىرى، ئۇلارغا دەۋالماقچى بولغان، يەتكۈزمەكچى بولغان پىكىر، تەلەپلىرى بولىدۇ. ئىنشائاللاھ بۇ ھەقتە تەييارلاپ كەلگەن بۈگۈنكى تېمام، ھەم مېنىڭ، ھەم مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان قېرىنداشلارنىڭ، ھەم بارلىق ئاددى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەشكىلاتلاردىن كۈتۈۋاتقان ئارزۇلىرىغا ئەينەك بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

قېنى ئەمىسە ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى تەشكىلاتلىرىمىز دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرغان خەۋپلەردىن باشلايلى!

چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىتلىرىمىزنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىش، تاقىلىپ كېتىش ياكى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپى بارمۇ؟ يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇن دائىرىسىدە قۇرۇلغان ۋە قانۇنلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەڭ ئېغىر خەۋپلەرگە دۇچ كېلىۋاتقىنى قوراللىق تەشكىلاتلار. ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەرت – شارائىتى ۋە چۇغراپىيەلىك ئورنىغا كۆرە، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە تاكتىكلىرىنى ئاللا بۇرۇن ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئۇلار ھەققىدە توختىلىشقا ھەققىمىزمۇ يوق، چۈنكى ئۇلارنى بىلمەيمىز.

ئۇنداقتا چەت ئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتلار زادى قانداق خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى، چەتئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن پىتنىكەشلىرى، ئىچكى نىزا، بىر–بىرىنى ياراتماسلىق ۋە ئۆزئارا دۈشمەنلىك... قاتارلىقلارمۇ؟

ياق، بۇلار خەۋپ ئەمەس، بەلكى ھەر دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەمما ئەتراپلىق ئىنتىزام - تەرتىپ ۋە تەربىيە پىروگراممىسى بىلەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ بولسا، تەشكىلاتنىڭ نىشانسىز خىزمەت قىلىشى، خىزمەت پىروگراممىسىنىڭ بولماسلىقى، مۇھىمى روشەن بىر يېتەكچى ئىددىيەنى ئاساس قىلغان ئىچكى تاشقى تەربىيە پىروگراممىسىنىڭ بولماسلىقى، نەتىجىدە بىر  ئىزىدا توختاپ قىلىشىدىن  ئىبارەتتۇر.

چەتئەللەردىكى 60 يىللىق تەشكىلاتچىلىق تارىخىمىز قىسمەن ئىجابىي نەتىجىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا شۇنداق بولۇپ كەلدى. يولى ۋە مەنزىلى روشەن يېتەكچى ئىددىيە ۋە خىزمەت پىروگراممىسى ئەتراپىغا ئەمەس، بەلكى شەخسلەرنىڭ نوپوزى ئەتراپىغا توپلاشقان بولغاچقا، تەشكىلاتلارنىڭ تەقدىرى ۋە كەلگۈسىمۇ ئەشۇ نوپوز ساھىپلىرىنىڭ ئېگىز - پەس قىسمىتىگە تەقدىرداش بولۇشتىن قۇتۇلالمىدى. بۇ تارىخىي ساۋاقلار تېخىچە يەكۈنلەنمىگەنلىكتىن مانا ھازىرمۇ ۋەتەندىكى خەلققە يېتەكچىلىك قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۆز نوپوزى ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولۇپ يۈرۈدىغان تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ سانى ئاشماقتا. بەلگىلىك بىر قانچە تۈرلۈك ئىشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشى يوق ياكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بولغاچقا، قىلىپلىشىپ ئەنئەنىلەشكەن بىر قانچە پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئۆزىنى بەزلەپ كەلمەكتە. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى يەنىلا تەشكىلاتچىلىققا جىددىي قارىماسلىققا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا بىرىنچى بولۇپ بۇ يەردىن ھەر قايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە خادىملىرىغا تەشكىلات ئىشىنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك جىددىيەت، سەمىمىيەت ۋە دائىم تىپىرلاپ تۇرىغان تىنىمسىز روھ تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن. تەشكىلات قۇرغانلىق ئۇلۇغ خىزمەت قىلىۋەتكەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ خىزمەتنى ئەمدى تېخى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا نىيەت قىلغانلىق ۋە تۇنجى قەدەمنى بېسىشقا تەمشەلگەنلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتمەكچىمەن. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ئەلەملەرنىڭ ئۈلگىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسلامىي ھەرىكەت مېتودىنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت مەزلۇم ئۈممەتنىڭ ئازاتلىق ھەرىكىتى بىلەن بىر گەۋەدىلەشتۈرۈپ، يولى ۋە مەنزىلى روشەن بىر يېتەكچى ئىددىيە ياراتماي ۋە ئۇنى ئۆزىمىزگە مۇكەممەل شەكىلدە ئۆزلەشتۈرمەي تۇرۇپ بىر قەدەممۇ ئالغا باسالمايمىز. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش دەۋانىڭ غېمىدە كېچىلىرى ئۇيقۇسىز، تەپەككۈرلۈك سەجدىلەردىن باش كۆتۈرمەيدىغان، دەۋانى بىر قەدەم بولسىمۇ ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن ھېلى ھەبەشىستان (ئېفوفىيە) گە ھەيئەت ئەۋەتسە، ھېلى ئۆزى تائىفقا چىقىپ،  ئاياقلىرىنىڭ يارىلىنىشىغا پەرۋاسىز ئىزدىنىدىغان... ئۆزى قۇتقۇزماقچى بولۇۋاتقان خەلقنىڭ چالما – كېسەك، تىل – ھاقارەتلىرىگە قىيداش ياكى غەزەپ - نەپرەت بىلەن ئەمەس، كۆيۈم – شەپقەت، دۇئا ۋە تىلەكلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، يەنە باشقا يول چارىلەرنى تىنماي ئىزدىنىغان ھارماس ئىرادە، داۋاملىق تىپچەكلەپ تۈرىدىغان ئىنتىلىشچان پىكىر سەزگۈرلىكى، تەپەككۈر ۋە تەسەۋۋۇر تېرەنلىكى، جۈملىدىن ئىخلاس ۋە پىداكارلىق پەيدا قىلماي تۇرۇپ داۋانى ئالغا ئىلگىرىلىتىشتىن قەتئىي سۆز ئاچالمايمىز. ئاللاھ ھەممىمىزگە غايە بىلەن رەھبەر ۋە مەقسەت بىلەن ۋاستە ئوتتۇرىسىدىكى  ئىنچىكە تەڭپۇڭلۇقنى ئايرىيالايدىغان پاراسەت، ھەمدە تىنماي تىرىشچانلىق كۆرستىدىغان ھەقىقىي ئىخلاس ۋە لاياقەت ئاتا قىلسۇن. ئامىن!

 

تەشكىلات قۇرۇلمىسى

 

دەرۋەقە ھەر قانداق بىر كۈرەش ئۈچۈن تەرتىپ ئىنتىزام ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما ئىش تەشكىلاتنى تەرتىپ – ئىنتىزاملىق شەكىلدە قۇرۇپ چىقىش بىلەنلا تامام بولمايدۇ، ئۇنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پائال ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ كونكرېت چارە - تەدبىرلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىشتىن ئىلگىرى «ئۈنۈمى يۇقىرى ھەرىكەت ياكى تەشكىلات قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ تېپىپ چىقايلى!

دەرۋەقە، يالغۇز ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى توپلىشىپ ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ تەرتىپلىك ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇشى، تەشكىللەنگەنلىكى، يەنى تەشكىلاتلانغانلىقى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئاجايىپ پەۋقۇلئاددە بىر كۈچ ـ قۇدرەت (سېنېرگىيە) پەيدا بولىدۇ. بۇنى ئاددى مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەندە، (1+1) قوشقاندا نەتىجىسى (2) ئەمەس، بەلكى (11) بولىدىغان بولىدۇ. چۈنكى تەشكىللىنىش يالغۇز ئۇلارنىڭ تالانت، ئىقتىدارلىرىنى بىر-بىرىگە قوشۇشلا ئەمەس، بەلكى قوشۇش بىلەن بىرگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئەگەر ناۋادا بىر مۇنچە كىشىلەر بىر يەرگە توپلاشقان تۇرۇپمۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىسا ياكى ئۇلاردىكى 10 كىشىنىڭ بىرلەشمە ئىقتىدارى باشقا 5 - 10 كشىنىڭ ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ، تەشكىلاتنىڭ پائال ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇنداقتا قېنى ئەمدىلىكتە «تەشكىلاتنىڭ پائال ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟» دېگەن نۇقتىغا قاراپ باقايلى.

«تەشكىلاتنىڭ پائال ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى» تەشكىلاتنىڭ غايىسى ۋە نىشانىنى تېخىمۇ تېز سۈرئەت ۋە تېخىمۇ ياخشى دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەگەر تەشكىلات قۇرۇلۇپ، ئىشخانىلىرىمۇ ئېچىلىپ، مەسئۇللارنىڭمۇ تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى بەلگىلىنىپ بولغان تۇرۇقلۇق، كۆزلىگەن نىشاندا ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىسە، بىز ئۇنى «تەشكىللىنىشى جايىدا، ئەمما پائاللىقى ۋە ئۈنۈمى يوق تەشكىلات» دەپ ئاتايمىز. مانا بۇلاردىن ئەمدى بىز «مۇنتىزىم تەرتىپلىك تەشكىلات قۇرۇلىدىغان، ئەمما بىر ئىزىدا تۇرۇپ قالىدىغان، پائاللىقى ۋە ئۈنۈمى بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرالايمىز.

دېمەك تەشكىلات ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرسى مۇئەييەن بەلگىلىك ئىشلارنى ئۆز پىتى ساقلاپ كىلىۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، ئۇنى بىر ئىزىدا تۇرىدىغان توختاق تەشكىلات دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىرسى پائال تەشكىلات بولۇپ، ئۇ تەشكىلاتنى ھەرىكەتكە سېلىۋاتقان، ئالغا ئىلگىرىلىتىپ تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان، سەۋىيەسىنى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرىۋاتقان بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرمۇ «مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىغان تەشكىلات» ۋە «تەرەققىي قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تەشكىلات» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى، پائال، كۈرەشچان تەشكىلاتلار تۇرغۇن ھالىتىنى ساقلاپ قالسا بولمايدۇ. بەلكى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەرىكەت قىلىپ، مەلۇم مەنزىلگە يېتىشى، مەلۇم غايىنى ئىشقا ئاشۇرىشى لازىم. شۇڭا ئۇنداق تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ھەرىكىتى بولىدۇ، ھەمدە يەنە ئىلگىرىلىگەن قەدەملىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاش، يەنى نوپوزىنى قوغداش ھەرىكىتىمۇ بولىدۇ. ئەمما نوپوزىنى ساقلاش ھەرىكىتى نىسپىي بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئالغا ئىلگىرىلەش، كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بىر تەشكىلات ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە بەلگىلىك رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەرىكەتچان، پائال تەشكىلات بولۇشتىن چىقىپ، بىر ئىزدىكى قاتمال تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ.

مانا بۇ چۈشەندۈرۈش بىلەن ھازىر «پائال ئۈنۈملۈك تەشكىلات»نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەرىكەت شەكلىنى مەلۇم دەرىجىدە ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغان بولدۇق. ئەمدى بىز «بىر تەشكىلىي ھەرىكەتنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ پائال ۋە ئۈنۈملۈك ھالغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟» دېگەن ئەڭ باشتىكى نېگىزلىك مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز لازىم.

دېمىسىمۇ ھەرىكەتنى پائال ۋە ئۈنۈملۈك ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ نۇرغۇنلىغان تەرەپلىرى، يوللىرى ۋە يۆنىلىشلىرى بولىدۇ. بىز بۇ يەردە پەقەت نۇقتىلىق ئاساسلىرى ئۈستىدىلا توختىلىمىز.

 

1 ـ تەشكىلات، نىشانغا يېتىشتىكى بىر ۋاستە

 

يەنى بىرىنچى بولۇپ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش، تەشكىلاتنىڭ ھەرگىزمۇ مەقسەت ۋە غايىگە ئايلىنىپ قىلىشىغا يول قويماسلىق، بەلكى دەل ئەكسىچە ئەسلىدىكى غايە ۋە نىشانغا يېتىشنىڭ بىر ۋاستىسىغا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىش لازىم. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار دائىم دېگۈدەك دۇچ كېلىپ تۇرىۋاتقان خەۋپلەرنىڭ بىرسى دەل مۇشۇ. نەتىجىلىك شەكىلدە كېڭىيىپ، تەرەققىي قىلىپ كېتىۋېتىپ، ئاخىرىدا تەشكىلاتنىڭ ئۆزى ئەسلىدىكى غايىگە ئايلىنىپ قالىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەييەن بىر غايىنى ۋە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىلات، ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىزمەت تەلەپ قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە خىزمەت قىلىشىنى ۋە باش ئېگىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە قول ئىلكىدىكى ئىمكانىيەتلەر، ۋاقىت، ئىقتىدار، ئىقتىساد قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئەسلىدىكى غايە ۋە نىشاننى ئالغا ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت نوپوزى ۋە ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ.

ئەلۋەتتە تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە نوپۇزىنى ساقلاشمۇ مۇھىم بىر تەقەززا، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بەزى ئىمكانلارنى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئەسلى خىزمەت ئەمەس. ئوتتۇرىدىكى بۇ تاناسىپ كۈچەيگەنسىرى ئەسلىدىكى غايىنى ئاساس قىلغان تەشكىلىي ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمى ئاجىزلىشىپ كېتىشكە باشلايدۇ. دەسلەپتە ئازغىنە بىر قانچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ مەلۇم بىر خىزمەتنى قىلىشقا باشلىغاندا ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، نەچچە يۈزلىگەن ۋە مىڭلىغان كىشىگىچە يەتكەندە بولسا، كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتتىن كۈتكەن خىزمەتلىرىنىڭمۇ زورىيىشىغا ئەگىشىپ تەنقىدلەرمۇ كۈچىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەشكىلات تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە خىزمەت قىلىش ۋە ھەرىكەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت نوپوزىنى ساقلاشقا ۋە مۇستەھكەملەشكە مەركەزلىشىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە نوپوزى تۆۋەنلەپ كېتىشكە يۈزلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خادىملىرى چوقۇم يۇقىرىقى نۇقتىنى ئەستە تۇتىشى، ھەر دائىم قول ئىلكىدىكى ئىمكانىيەتلەرنىڭ (يەنى، ئىقتىساد، ۋاقىت، كىشىلىك ئىقتىدار، ئاكتىپلىق ۋە ئادەم كۈچى قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ) قانچىلىك قىسمىنىڭ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاپ قىلىشقا، يەنە قانچىلىك قىسمىنىڭ تەشكىلاتنى ئالغا ئىلگىرىلىتىپ غايىگە يېتىش سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇشقا ئىستىمال قىلىنىۋاتقانلىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرۇشى، دائىم مۇشۇ مۇھىم نۇقتا ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىشى لازىم. بۇ مەيلى كېچىك، مەيلى چوڭ، مەيلى يېزا ناھىيە، مەيلى شەھەر، دۆلەت ۋە رايون خاراكتېرلىك ھەتتا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ ئەڭ دەسلەپ ئەھمىيەت بەرمىسە، بىرىنچى ئورۇنغا قويمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش.

بۇ نۇقتىدا تەشكىلاتنىڭ قول ئىلكىدىكى ۋاستىلەرنى توغرا ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى كۆپىنچى ھاللاردا ئىستېمالنىڭ يۆنىلىشى ۋە تەڭپۇڭلىقى ھېس قىلىنماستىن بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، شۇڭا بۇ نۇقتىدا ئىنتايىن سەگەك بولۇش ۋە ھەر دائىم نەتىجىسىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش لازىم. ئەگەر يولغا چىققاندا بىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قالمىسۇن دېگەننى ئويلاپ دىققەت قىلساق، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەردىن ساقلىنىپ قالالايمىز، ئەگەر يولدا پەرۋاسىزلىق قىلىپ، سەگەك بولمىساق، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە يولۇقۇپ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ. بۇ ناھايىتى ئاددى بىر مىسال.

مەسىلەن، مەلۇم جايغا يېتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغىنىمىزدا ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى بولمىسا، كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بارالمايمىز. ئاپتوموبىلدا يولۇچىنىڭ ئولتۇرغان بولۇشىمۇ شەرت، ئاپتوموبىلدا بېنزىن بولۇشىمۇ لازىم، ئېلېكتىر تولۇق قاچىلانغان بولمىسا يەنە بولمايدۇ. ئەمما شۇنداق بىر ھەقىقەتمۇ باركى، ئاپتوموبىلنىڭ ئېھتىياجلىق ھەممە نەرسىسى تۇلۇقلانغان، يولۇچىمۇ ئولتۇرۇپ بولغان، شوپۇرنىڭ قولى رولدا، پۇتى مايغا بېسىۋاتقان، ئاپتومۇبىلنىڭ موتۇرىمۇ بولۇشىغا ئاۋاز چىقىرىپ، گۈرۈلدەۋاتقان، ماي كۆيدۈرۈپ ئىس چىقىرىۋاتقان، لېكىن ئاپتوموبىل ئۆز ئورنىدا قىمىر قىلماستىن تۇرغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئېنىقكى، بۇنداق ئاپتوموبىل قوزغالمىسا، جايىدا تۇرۇپ ھەر قانچە ماي كۆيدۈرۈپ موتۇرىنى گۈرۈلدەتكىنى بىلەن بىر قەدەممۇ ئالغا باسالمايدۇ. كۆزلىگەن يۆنىلىشكە قاراپ توغرا خوتقا سېلىنمىغۇچە ئاپتوموبىل ھەرىكەت قىلالمايدۇ. بۇ ئاددى مىسالنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇنىڭدەك بىرەر جەمئىيەت ياكى تەشكىلاتنىڭمۇ مەيلى قانچىلىك ئەزاسى ۋە ئىمكانىيىتى تولۇق بولغان بولسۇن، مەيلى قولىدىكى ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىنى قانچىلىق ھەرىكەتكە سىلىۋاتقان ۋە ئىستېمال قىلىۋاتقان بولسۇن، بۇلاردىن قەتئىي نەزەر ئەگەر ئۇ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيدىكەن، ھەرگىزمۇ پائال كۈرەشچان تەشكىلات بولغان بولمايدۇ، بەلكى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان بىر ھەرىكەتكە ئايلانغان بولىدۇ.

مەن بۇ يەردە تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي تەقەززالىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى رەت قىلىۋاتقىنىم يوق، بەلكى قولىدىكى ئىمكانىيەت ۋە ۋاستىلارنى ئىشلىتىشنىڭ تاناسىپى، تەڭپۇڭلىقى، يۆنىلىشى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكە تىرىشىۋاتىمەن.

مانا بۇلار «پائال ۋە ئۈنۈملۈك تەشكىلات»قا نىسبەتەن سەل قاراشقا بولمايدىغان، دائىم ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاشنى تەقەززا قىلىدىغان بىرىنچى نۇقتىلىق ئاساس.

* ** ** ** ** ** ** ***

دېمىسىمۇ تەشكىلاتتىن سۆز ئېچىلغان ھەر قانداق چاغدا بىرىنچى بولۇپ ئىنساننىڭ ئەقلىگە تەشكىلات رەھبىرىنىڭ كىملىكى ۋە سالاھىيىتى كېلىشكە باشلايدۇ. چۈنكى رەھبەر تەشكىلاتنىڭ موتورى، ئۇنىڭ يۈكۈگە ئوخشاشلا جاۋاپكارلىقىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە بىر رەھبەردە كەم بولسا بولمايدىغان ئەمما ئەسۇسكى بىزنىڭ تەشكىلات رەھبەرلىرىمىزدە ئاز تېپىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم، نۇقتىلىق خۇسۇسىيەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

 

رەھبەرلىك سالاھىيىتى

 

بۇ نۇقتىدا، بىر كىچىك بالىنىڭ قۇشى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتايىن ئۇ بالىنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بېرىپ، تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىق لازىم. چۈنكى بۇ كېچىك ۋەقە داھى ۋە رەھبەرلىكنىڭ ئەڭ كاتتا سىرى، قەلبلەرنى فەتھى قىلىشنىڭ ئەڭگۈشتەر ئاچقۇچى ۋە ئەڭ ئاددى چۈشۈنۈشلۈك ئۆلچىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆزى يېتەكچى بولماقچى بولغان رايون ۋە خەلقنىڭ ئۇزاق يېقىن، كېچىك چوڭ ھەممە كىشىلىرى ۋە ھال – ئەھۋاللىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش، قىسقىسى دائىم شۇ خەلقنىڭ دەردىدە يېنىپ تۇرىدىغان بىر بىقارار يۈرەكنىڭ ئىگىسى بولۇش ئالەملەرنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ۋە بىزگە قالدۇرغان ئەڭ كاتتا ئۈلگىلىك مىراسى ھېسابلىنىدۇ.

دېمەك رەھبەر بولىدىغان كىشى بارلىق ئىشلاردىن ئەنە شۇنداق تولۇق مەلۇماتلىق بولۇشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. بىرىنچى بولۇپ قەيەردە زادى نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى، ئاندىن ئىش قىلماقچى بولغان يەردە مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر، قانچىلىك كىشى بار؟ قانچىلىك ئەر قانچىلىك ئايال؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانچىلىك مۇددەتكىچە قايسى كۈنتەرتىپنى قانداق يارىتىش لازىم؟ ئۇلارنى ئۆزىمىزگە تارتىش ۋە خىزمەتكە ياراملىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمەلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؟ ۋە قاچانغىچە قىلىش كېرەك؟ دېگەنلەردىن ئېنىق خەۋەردار بولۇشى لازىم. رايوندىكى دۈشمەننىڭ تەسىرى، تەشۋىق ئۇسۇللىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ قايسى كوچىدا كىملەرنىڭ قانچىلىك تەسىرى بار؟ قانچىلىك دوختۇر، قانچىلىك ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا كەسىپتىكىلەر بار؟ مانا بۇلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇلارنى بىلگەندىلا ئاندىن پىلانلىق بىر شەكىلدە رايوننىڭ يېتەكچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇغىلى بولىدۇ. ياكى رايونغا يېتەكچى بولايدىغان كىشىلەرنى بەلىگلەپ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقارغىلى بولىدۇ. خۇددى پاكىستانلىق ئاتاقلىق سىياسىيون پىروفېسسور خۇرشىد ئەھمەت دېگەندەك، "تەشكىلاتنىڭ مۇنەۋۋەر كىشىلىرىنىڭ شۇ رايوندىكى ئورنى ۋە نوپوزىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە شۇ ئارقىلىق 30 يىللىق مۇساپىنى 3 يىلدا بېسىپ بولغىلى بولىدىغان بولىدۇ".

مەسىلەن گېرمانىيە 1970 – يىلىدىلا تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرى ھەققىدە ئىنچىكە مەلۇمات توپلاپ، قەيسەرىنىڭ ھەر قايسى رايون، كوچا، مەھەللىرىدىكى شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقاد، پىكىر، پىسخىئولوگىيەلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرلىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، بىر – بىرلەپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ بولغان. جۇملىدىن پۈتۈن قەيسەرى جەمئىيىتى ۋە خەلقىنىڭ سوسسىئولوگىيەلىك خەرىتىسىنى چىقىرىپ بولغان. تۈركىيە تېلېۋىزىيەلىرى تېخى يېقىندا گېرمانىيە ئارخىپلىرى خەلققە ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن بۇ ھەقتە ئانالىز پروگراممىلىرىنى تارقاتتى. پروگراممىغا قاتناشقان پىروفېسسور دوكتور مەھمەت چەلىك ئانالىزىدا «دېمەك، سەن قانداقلا دۆلەتنى قوچۇيمەن دېسەڭ، بىرەر ئىش چىقارماقچى ۋە دۈشمەنلىرىڭنى بىر – بىرىگە چۈشۈرمەكچى بولساڭ، ياكى مەلۇم رايوندىكى خەلقنىڭ ئېڭىنى يېتەكلەپ، ئۆز غايەڭگە ئۇيغۇن چۇشەنچە ۋە كۆز قاراش پەيدا قىلماقچى بولساڭ، سەنمۇ مۇشۇ ئىستىخبارات ۋە مەلۇماتلارنىڭ ھەممىنى تولۇق ئېگەللىمىسەڭ بولمايدۇ» دېگەن ئىدى. بۇنىڭدىن بىز ۋە رەھبەرلىرىمىز زادى قانداق ساۋاققا ئىگە بولىشىمىز لازىم؟ رەھبەرلىرىمىزنىڭ ۋەتەندە ئۆزى ھەرىكەت قىلماقچى بولغان رايوندىكى كىشىلەر ھەققىدە زادى قانچىلىك مەلۇماتى بار. ۋەتەن ئۇ ياقتا تۇرسۇن، چەت ئەلدە ئۆزى ياشاۋاتقان رايوندىكى ھەتتا ئەتراپىدىكى پايپىتەك بولۇپ يۇرىۋاتقان كىشىلەر ھەققىدە زادى قانچىلىك مەلۇماتقا ئىگە؟ بۇ تولىمۇ سوغۇققانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك جىددى بىر سوئال.

يېغىپ ئېيتقاندا، مۇھاجىرەتتىكى ھەر قايسى تەشكىلات ۋە شەخىسلىرىمىزنىڭ چىقىشالماسلىقى، خىتاي بىر چەتتە قىلىپ، ئۆزئارا دۈشمەن بولۇپ يۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرسى دەل مۇشۇ خىل مەلۇماتسىزلىقتىن ئىبارەت دېسەكمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.

ئەمدى تەكىتلەشكە تېگىشلىك ئاددى ئەمما تولىمۇ مۇھىم ئىشلاردىن بىرسى شۇكى، تەشكىلات مەسئۇللىرى دائىم ئەڭ ئالدىدا، ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ ئۈلگىلىك ئىش قىلىشنى ئۇنتۇماسلىقى، خەندەك غازىتىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن قانداق تەر تۆكۈپ ئىشلىگەنلىكىنى دائىم كۆز ئالدىدا تۇتىشى لازىم.

تەشكىلات مەسئۇلىنىڭ ئىشى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىش، ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۇلاردىكى خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش بولىشى لازىم. رەھبەر بولغان كىشى ئەگەر ئىخلاس، مېھرى – شەپقەت ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئەتراپىدىكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشنى بىلىدىغانلا بولسا، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 

ئىجتىھات قابىلىيىتى پەيدا قىلىش

 

بۇلاردىن باشقا يەنە تەشكىلات رەھبىرى ۋە ئەزالىرىدا "ئىجتىھات قابىلىيىتى" پەيدا قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. ئۇنداقتا تەشكىلىي جەھەتتىكى ئىجتىھاد دېگەن زادى نېمە؟

ئىجتىھاد، دۇچ كەلگەن يېڭى ھالەت ۋە ۋەزىيەتلەرگە كۆرە، دەرھال يېڭى پوزىتسىيە بەلگىلەپ چىقىش ھەمدە كېتىپ بارغان يولدا تېزدىن بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپ، يېڭى قەدەملەرنى تاشلاش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئەنئەنىۋىي شەكىلدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەمما ھەرىكەتكە پايدىسى بولمايۋاتقان ئىشلاردىن دەرھال ۋاز كېچىش جاسارىتى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئادەتلەنگەن كونا ئىشلاردىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان، پايدىسز بولسىمۇ كېچىك-كېچىك ئىشلاردا چىش-تىرنىقى بىلەن چىڭ تۇرىۋالىدىغان خاراكتېرگە ئىگە. بىراق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىك بولغان، يەنە نۇرغۇن يوللارنى باسمىسا بولمايدىغان تەشكىلات بولسا، يولدا نۇرغۇن يېڭى ئەھۋاللارغا ئۇچرايدۇ، يېڭى بېكەتلەردە توختايدۇ. يېڭى-يېڭى مۇھىتلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قائىدە - پىرىنسىپ، قىممەت قاراشلىرىنى ۋەزىيەتكە كۆرە ئۆزگەرتەلمىسە، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ، يېڭى ۋەزىيەتلەرگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك سالاھىيىتى يېتىلمىگەن بولسا، توختىغان يېرىدە توختاپ قالىدۇ ۋە سەپەرنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. شۇڭا ئىجتىھاد «يېڭىلىق يارىتىش روھى» كىشى، جەمئىيەت، مىللەت ۋە دۆلەتلەرگە نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

 

جاۋاپكارلىق تۇيغۇسى

 

ئۆز خەلقىگە باشلامچى ۋە يېتەكچى بولۇشتەك بۇنداق ئېغىر، مۇقەددەس ۋەزىپىگە ئاتلانغان كىشىلەرنىڭ جاۋاپكارلىق تۇيغۇسى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە بولۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەر بىر كىشى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىتا جاۋاپكاردۇر» (يەنى، يالغۇز ئۆز ئەمىلىگىلا ئەمەس، تەۋەلىكىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئەمەللىرىگە جاۋاپكاردۇر) دېگەن ھەدىسىنى ھەر كۆرگىنىمىزدە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز لەرزىگە كېلىپ، كۆزىمىزگە ئۇيقۇ كىرمەيدىغان بولالىشى لازىم. خۇددى خۇلافائىي راشىدىنغا ئوخشاش جاۋاپكارلىق تۇيغۇسىنى ھەر ئەسلىگىنىدە ، «قۇش بولۇپ كەتسەمچۇ؟! ئاھ كاشكى تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ؟!» دەپ نالە قىلىپ، ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلالايدىغان، «مەن تۇرىۋاتقان شۇ زەيتۇنبۇرنىدىكى، شۇ نىيۇ يوركتىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەمەللىرىدىن مەنمۇ جاۋاپكارلىققا تارتىلىمەن، بۇلارغا ئەگەر مەن تونۇپ يەتكەن شۇ ھەقنى يەتكۈزمىسەم، ئۇلارنىمۇ شۇ مەزلۇم ئۈممەتنى خىتاينىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇقەددەس دىنىي ھەم مىللىي ۋەزىپىنى تونۇتۇپ، سەپكە قاتمىسام، يالغۇز بۇلارنىلا ئەمەس، ۋەتەندىكىلەرنىمۇ مۇشۇ سەپنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشمىسام، قىيامەتتە ئۇلارنىڭ قولى مېنىڭ ياقامدا بولىدۇ. ئۇلارغا قارىتا ئەڭ دەسلەپ مەن جاۋاپكارلىققا تارتىلىمەن» دېگەننى تەسەۋۋۇر قىلىپ كېچىسى ئارامىدا ياتالمايدىغان، ئىچ-ئىچىدىن سىقىلىپ، تېپىرلاپ، ئۆي – ئۆي چېپىپ، ئۇلارنىڭ ئېڭىنى ئېچىشقا تىرىشىدىغان بىر روھقا ئىگە بولۇشىمىز لازىم. مانا شۇنداق تىنىمسىز روھقا ئىگە بولغىنىمىزدا ئاندىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىشى ئالغا باسىدۇ، كۆزلىگىنىمىزدەك ئۈنۈم بېرىدۇ. ئەمما بۇ روھنى تىرىك تۇتۇش، دائىم ھاياجانلاندۇرۇپ تۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس، ھەممە ئىشنىڭ بىر يولى، بىر ئۇسۇلى بولغانغا ئوخشاش مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى، جاۋاپكارلىق تۇيغۇمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشنىڭمۇ يوللىرى، بۇنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق ئوزۇقى بولىدۇ، ھەر كۈنى ئەشۇ مەنىۋى ئوزۇق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى جانلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدىكى تۇيغۇلىرىنى ئۆيىگە بارغىنىدا يوقۇتۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ھەنزەلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «بۈگۈن مەن مۇناپىق بوپتىمەن، سۆھبەتتە باشقا ئۆيدە باشقا، ئىككى يۈزلۈك ئەبلەخ بوپتىمەن» دەپ ۋاقىراپ كوچىغا چىقىپ كەتكىنىگە ئوخشاش، بىزنىڭمۇ ئۆز-ئۆزىمىزنى ھېساپقا تارتىپ تۇرۇشىمىزغا، كۈندىلىك ھېس – تۇيغۇ، ئوي-پىكىرلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. جاۋاپكارلىق روھىمىزنىڭ بىردىن بىر مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغىنىمىزدا ۋە "وَلَنَسْأَلَنَّ الْمُرْسَلِينَ" (پەيغەمبەرلەرمۇ جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ) دېگەن ئايەتلەرنى كۆرگىنىمىزدە، «پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغان يەردە مەنچۇ؟!» دېگەننى ئويلاپ، ئىچىۋاتقان ئىشمىزنى يېرىمىدا تاشلاپ، دەرھال بىر قېرىندىشمىزنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ «كەل قېرىندىشىم، بىر دەم بولسىمۇ ئاخىرەت، ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى سۆزلىشەيلى، نېمە قىلالايمىز بىرلىكتە ئويلىشايلى» دېيىشكە ئالدىرايدىغان بولالىشىمىزغا، جۈملىدىن ھەر كۈنى روھىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن بىرگە مەلۇم شەكىلدە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتىدىن ھەر ئەسلىگىنىمىزدە مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى قايتىدىن ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ۋەقەنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمەن. بەلكىم ئوقۇغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپ ھاللاردا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىتىپ كىلىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرۇپ ئاڭلايتتى. بىر قېتىم يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىۋىتىپ، «فَكَيْفَ إِذَا جِئْنَا مِن كُلِّ أمَّةٍ بِشَهِيدٍ وَجِئْنَا بِكَ عَلَى هَؤُلاء شَهِيدًا» «قېنى ئويلىغىنكى، بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە ئۇلارغا سېنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرغۇزغان چېغىمىزدا قانداق بولماقچى؟» دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بولدى قىلغىن! ئى ئابدۇللاھ بولدى قىلغىن!» دەپ توۋلاپ كېتىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.

دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامدەك بىر زاتنىڭ قىيامەت كۈنى گۇۋاھلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئويلىغىنىدا يۈرەك باغرى مۇمدەك ئېرىپ تارام تارام ياشلىرى قويۇلۇپ كەتكەن يەردە، بىزنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقىنى، ئەشۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈچۈن بىزلەر نەچچە كېچە، نەچچە ئاي ياش تۆكسەكمۇ ئازلىق قىلىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز لازىم. بۇ ۋەقەنى ھەر قېتىم ئەسكە ئالغىنىمىزدا مۇسئۇلىيەت ۋە جاۋاپكارلىق تۇيغۇلىرىمىز قايتىدىن جانلىنىپ، پائالىيەت روھىمىز ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم. ئىنشائاللاھ مانا مۇشۇنداق مەنىۋىي ئوزۇقتىن ئايرىلماي، ھەر كۈنى بىر قېتىم ئەسلەپ تۇرۇشنى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش دەستۇرىمىزغا ئايلاندۇرغان چېغىمىزدا تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىمۇ كۈنسىرى ئالغا باسىدىغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ئىنايىتىگە ئېرىشىپ، ئاخىرقى غەلىبىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدىغان سالاھىيەتكە ئىگە بولىمىز.

ئەمدى تەشكىلاتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، پائال ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ كونكرېت چارە - تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

** * * ** * ** * ** ** *

خىزمەت، نىشان ۋە ۋەزىيەت ئانالىزى

 

بۇ نۇقتىدا «بىزنىڭ نۆۋەتتە قىلىدىغان ئىشىمىز نېمە؟» دېگەننى ئەتراپلىق ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىمىزنى ھەممە جەھەتتىن توغرا ئۆلچەپ، توغرا تارازىغا سېلىپ چىقىشىمىز لازىم. مەيلى كېچىك مەيلى چوڭ بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى، يەنى قەيەردە باشلىنىپ قەيەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەر - شارائىتلانى ھەممىلا جەھەتتىن ئۆزىمىز تولۇق بىلىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتى ئەمەلىي ئۈنۈم بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئەمدى ئىشنى ۋەزىيەتكە ماس شەكىلدە توغرا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن - چۇ؟ دېگەندە، بىزنىڭ خىزمەت ئوبېكتىمىز بولغان يېزا ياكى شەھەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، جەمئىيەت پىسخىئولوگىيەسى ۋە خەلق ئىچىدىكى كۈنتەرتىپلەرنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرالىغان بولۇشتىن باشقا يەنە، شۇ رايوندا قانچىلىك كىشى بار؟ كىملەرنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ۋە قەيەردە؟ ئۇلارنىڭ قەلبىنى قانداق ئۆزىمىزگە تارتقىلى بولىدۇ؟ مانا بۇلار يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولالىغان بولۇشۇ لازىم. ئەگەر بىز ئۆزىمىز خىزمەت قىلماقچى بولغان رايوندا، قەيەردە قايسى خوجايىن بار؟ قەيەردە كىم ئەڭ كۈچلۈك؟ كىمنىڭ قولىدا كۈچ – قۇۋۋەت بار؟ قايسى مەسجىدنىڭ ئىمامى ياكى خەتىپىنىڭ تەسىرى ياخشى؟ دېگەنلەرنى بىلمىسەك ئۇ رايوندا ھەرگىزمۇ نەتىجىلىك خىزمەت قىلالامايمىز. بۇنى بىلمەي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ كونكرىت بىر پىلان تۈزۈپ چىققىلى بولمايدۇ. خىزمەت، نىشان ۋە ۋەزىيەت توغرا ئانالىز قىلىنمىغان بۇنداق ئەھۋالدا، قارىسىڭىز تەشكىلات توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان، قول ئىلكىدىكى ۋاستىلەرنىمۇ ئىشلىتىۋاتقان، ھەتتا ھەرىكەتنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى، يەنى، كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، پىكىرداش كىشىلەرنى پەيدا قىلىپ ئەزا كۆپەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئاقساتماي قىلىۋاتقان بولىدۇ. ئەمما مۇناسىۋەتلىك رايوندا بۇ ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۇ ياقتا ئازراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەۋاتقان بولىدۇ.

 

ئۈنۈملۈك پىلان تۈزۈش

 

يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئۆزىمىزنى ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىمىزنى توغرا دەڭسەپ بولغاندىن كېيىن، 1 - قەيەرگە بارماقچى؟ 2 - نېمە بىلەن بارماقچى؟ 3 - قانداق ۋاستىلەر بولۇشى لازىم؟ 4 - بۇ ۋاستىلەرنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ قاتارلىق بۇ 4 سوئال، نەتىجىلىك پىلان تۈزۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مەيلى كېچىك، مەيلى چوڭ، ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەي تۇرۇپ قەتئىي پىلان تۈزگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن كوچىلارغا ۋاراق تارقىتىشتىن تارتىپ بىرەر مەكتەپ، ياكى تەربىيە مەركىزى قۇرۇشقىچە، بىرەر يىغىن چاقىرىشتىن تارتىپ دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ سايلاملارنى ئۆتكۈزۈشكىچە بولغان چوڭ-كىچىك ھەممىلا ئىش، ئالدى بىلەن مۇشۇ 4 سوئالغا جاۋاپ تاپماي تۇرۇپ قەتئىي ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

نىشانغا قانداق يېتىپ بارىمىز؟ يېتىپ بېرىش ئۈچۈن قانداق نەرسىلەرگە ئېھتىياجىمىز بار؟ ئىمكان ۋە ئىنسان كۈچى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، روھى، ئەخلاقىي ۋاستىلەرنى قانداق، قەيەردىن ھەل قىلىمىز؟ مانا بۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا پىلان تۈزۈش، «پائال ئۈنۈملۈك تەشكىلىي ھەرىكەت"نىڭ نۇقتىلىق تۈپ ئاساسىي ھېساپلىنىدۇ.

دۇنيادىكى ئاتاقلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ كېلەركى 5 يىللىق بازارنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە تىرىشىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك زور مەبلەغ، زېھىن سەرپ قىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ شىركەتلەر ئالدىمىزدىكى 5 يىلدا نېمىلەرنىڭ بازار تاپىدىغانلىقىنى، خىرىدارلارنىڭ ئىھتىياجى ۋە قىزىقىشىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، قايسى يېڭىلىقلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، شۇنىڭغا قارىتا ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن مال تەييارلاشقا، ھەتتا خىرىدارلارنىڭ ئىھتىياج، قىزىقىشلىرىنى ئۆزلىرى خالىغان نىشانغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ يالغۇز شىركەتلەرلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتتىن تارتىپ چوڭ-كىچىك تەشكىلاتلارغىچە ھەممىسى قوللانمىسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرىدۇر.

دېمەك، بىر دۆلەت، بىر ئىدىئولوگىيەنىڭ بايراقدارى بولماقچى بولغان تەشكىلاتمۇ مانا شۇنداق ئالدىن كۆرەرلىككە، خەلقنىڭ ئىدىيە، كۆز قاراشلىرىغا يىتەكچى بولۇپ ۋە ئۇنى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان يۆلۈنۈشكە يۈزلەندۈرۈشكە موھتاج. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى باشلامچى بولماقچى بولغان جەمئىيەتنى تەكشۈرۈپ، توغرا ئانالىز قىلىش ئاساسىدا ھەرقايسى قاتلاملارغا قارىتا يېڭى پىكىر، ئۇقۇم ۋە تاكتىكىلارنى ئالدىنئالا بىكىتىپ چىقىش تولىمۇ مۇھىم.

ئەگەر بۇ ئاساسىي شەرتلەرنى قاندۇرماستىن، 5 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە «بىزنى قوللايدىغانلاردىن مۇنچىسى كۆپەيدى، مۇنچىسى ئازايدى» دەپ دوكلات يېزىپ يۈرسەك، بىر ئىزدا توختاپ قالغان بولىمىز. ئەكسىچە، 5 يىل بۇرۇنقى بۈگۈندىلا «بۇ ۋە شۇ جايلاردا شۆبىمىز 10غا يېتىدۇ. بۇ شەھەر، ياكى دۆلەتتىكى قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ سانىنى 100گە يەتكۈزىمىز. پالانى رايوندا تەسىرى كۈچلۈك بولغان پالانى زات، ئىمام ياكى سودىگەر، ئەمەلدار يېقىنلىرىمىزغا ئايلانغان بولىدۇ» دەپ ئىنىق نىشان ۋە ئەمەلىي ماس پىلان لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويالىساق، ئىنشائاللاھ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن، تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق نىشانلىرىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ ئورۇندىيالايمىز.

مانا بۇلار ھازىرقى دەۋرنىڭ دەبدەبىلىك ئاتالغۇلىرى بويىچە پىلانلاش، لايىھە تۈزۈش سەنئىتى دەپ ئاتىلىدۇ. پىلان ۋە لايىھە تۈزۈشكە نىسبەتەن باشقا نۇرغۇن ئۆزگىچە ئۇسۇل قائىدە، مېتود، پىرىنسىپلارمۇ بار. بىراق ئاساسىي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يۇقىرىقى 4 ئاددى سوئال پىلان تۈزۈشنىڭ تۈپ نېگىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا ھەر دائىم نىشاننى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋە «ھازىر قايسى باسقۇچتا تۇرىۋاتىمىز؟» دېگەنگە قاتتىق دېققەت قىلىشقا ھەمدە ئىلگىرىلەشنىڭ قەدەممۇ-قەدەم، تەدرىجى بولىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ بىر ئاتلاپلا مەنزىلگە يېتىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، قىسقىسى چوقۇم بىرىنچى قەدەمنى تاشلاپ بولۇپ ئاندىن ئىككىنچى قەدەمنى تاشلىشىمىز لازىم. شۇڭا ئۇزۇن مۇساپىلىق پىلانلارنى تۈزۈش بىلەن بىرگە قىسقا مۇساپىلىق پىلانلارنىمۇ تۈزۈپ، كېچىك-كېچىك قەدەملەر ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، كېلەر بىر ئايدا ياكى بىر يىلدا بەلگىلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ داۋاملىق تەپەككۈر قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

 

نەتىجىگە قاراش

 

بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۆزىمىزنى داۋاملىق «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سوئالنى سوراشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. گەرچە بۇ ناھايىتى ئاددى سوئالدەك قىلسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە جاۋابى ئىنتايىن قېيىن بولغان بىر سوئال. «بۇئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز؟ بۇنىڭ بىلەن نېمىگە ئېرىشىۋاتىمىز؟» دەپ سورالغاندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان جاۋاپ كۆپىنچە تولىمۇ ئاچچىق، تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم ھەر قانداق ئىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلىشنى خالىغانلىقىمىزنى، ئەگەر قىلىۋاتقان بولساق، نېمە ئۈچۈن قىلۋاتقانلىقىمىزنى ياكى قىلىپ بولغان بولساق، نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىمىزنى سوراشنى ئادەتلەندۈرۈش لازىم. شۇنىڭدەك قىلماقچى بولغان بارلىق ئىشلارنى مۇشۇ سوئالنىڭ تارازىسىدا تارتىپ قارايدىغان بولغاندا ئىشنىڭ ئەسلىدىكى غايىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ياكى ئىلگىرىلىمەيۋاتقانلىقىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر كۆزلىگەن مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرىلەش كۆرۈلمەيۋاتقان بولسا، ئۇ چاغدا يا قىلىۋاتقان ئىشنى ياخشىلاشقا ياكى تاشلىۋىتىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى پايدىسى بولمىغان ئىشنى قىلىش خۇددى زاۋۇتتا سېتىلمايدىغان رەختنى توقۇغانغا ئوخشاش بىر ئىش. «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سوئال سورالغاندا يا ئىشنى بەلگىلىك نىشانغا پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈشكە ياكى قىلماي ۋاز كېچىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

شۇنىمۇ قايتا تەكىتلەش لازىمكى، بەلگىلەنگەن خىزمەتلەردە تەشكىلاتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى داۋانىڭ ۋە ۋەتەن، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بولىشىمىزغا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز لازىم. «بۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن؟» دەپ سورىغىنىمىزدا «داۋانىڭ ۋە ۋەتەن، مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن» دەپ ۋىجدانىمىزنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك جاۋاپقا ئېرىشەلىگەن بولىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭدىك باشقا يەنە شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لازىمكى، ئۆزىمىزگە چوقۇم قىلمىساق بولمايدىغان بۇرچ قىلىپ بەلگىلىۋالغان ھەممىلا خىزمەتنىڭ ئۆز پېتى داۋاملىشىشى مۇھىم ئەمەس. مۇھىم بولغىنى ئىشنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. بىز بۇرۇنلا ئۈنۈمى ياخشى دەپ بەلگىلەپ بولغان بىر ئىش ئەگەر دەۋاغا پايدىسىز بولۇۋاتقان بولسا، ئۇنى تاشلىۋەتكۈدەك جاسارىتىمىزنىڭمۇ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۆزلەشتۈرگەن تەقدىردە نۇرغۇنلىغان پايدىسىز ئىشلارنى تاشلاپ يۈكلىرىمىزنى يېنىكلەتكەن ھالدا ئەسلى غايىمىز تەرەپكە تېخىمۇ تېز سۈرئەت بىلەن ماڭالايدىغان بولىمىز.

 

تەشكىلاتنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېنىك خىزمەتلەرنى تاللاش.

 

بۇ نۇقتىدا ئېغىر ئاستا ئىشلارنىڭ ئورنىغا ئاز ۋاستە كېتىدىغان يېنىك ئىشلار بىلەن تېخىمۇ تېز قەدەم تاشلاپ ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. ھەربىيەلەرمۇ قانچە يېنىك ئۆتكۈر قوراللار بىلەن قوراللانسا، شۇنچە چاققان شۇنچە تېز سۈرئەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. تارىختىن بۇيان يېنىك ۋە تېز سۈرئەتلىك پارتىزان قوشۇنلار ھەر دائىم ئۇتۇق قازىنىپ كەلگەن. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، تەشكىلاتلار قانچە كېڭەيگەنسىرى شۇنچە ئېغىرلىشىپ ۋە ئاستىلاپ كېتىشكە مۇبتىلا بولىدۇ. بۇنداق چاغدا قىسقا مۇددەتلىك، ئاددى ئەمما ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان يېنىك پائالىيەتلەرنى كۆپ قىلىش تەشكىلاتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىنى مەقسەت قىلغان بەزى چوڭ يىغىنلارنى چاقىرىشنىڭ ئورنىغا، رايوننىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان 3 – 4 كىشىلىك سۆھبەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نۇقتىلىق شەخسلەرنى بىۋاستە زىيارەت قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى شۇنداقلا غايە - نىشانلىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشنىڭ چوې يىغىنلاردىنمۇ يۇقىرى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. شۇڭا مانا ئەردوغانمۇ ھەر قېتىملىق نۇتىقىدا پارتىيە ياشلىرىنى ئۆيمۇ –ئۆي زىيارەتكە بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.

 

ۋاستە، ئىمكانىيەتلەرنى توغرا ئىشلىتىش (ۋاقىت)

 

تەشكىلاتنىڭ قول ئىلكىدىكى بارلىق ۋاستىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ۋاقىتتۇر. ۋاقىتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكى ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا ئايان بولغان ئوقۇم، ئەمما بىلگەن ئۇقۇمغا كۆرە بۇنىڭغا بولغان ھوشيارلىق، سەگەكلىك يەنىلا يېتەرسىز. ئەگەر تەشكىلات رەھىبىرى ۋە ئەزالىرىدا ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭى يېتىلىدىغانلا بولسا، ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغان ئۈنۈملۈك تەشكىلاتقا ئايلىنىدۇ.

شۇمۇ بىر ھەقىقەتكى ۋاقىت ئىسراپ بولمايدىغان ئەھۋال قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، بىز پەقەت ئامالنىڭ يېتىشىچە ئىسراپ بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ غېمىنى قىلالىساقلا، بۇ ئۇتۇققا قاراپ تۇنجى قەدەمنى تاشلىغانلىقىمىز بولىدۇ. شۇڭا ۋاقىتنى ئەڭ ياخشى ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى يوللىرىنى ئىزدىنىشىمىز لازىم.

 

ئادەم كۈچى

 

ھەر قانداق پائال ئۈنۈملۈك تەشكىلاتقا نىسبەتەن ۋاقىتتىن قالسىلا ئەڭ چوڭ بايلىق ۋە ئەڭ قىممەتلىك مەبلەغ ئادەم كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر مەنىدىن ئىنسان بىلەن ۋاقىت بىر پۈتۈن، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاخىرقى تىنىقنى ئۈزگەندە ۋاقىتمۇ ئاخىرلاشقان بولىدۇ. دېمەك ھەرىكەتكە تەۋە ۋاقىت ۋە ھەرىكەتكە سۇنۇلغان پۇرسەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئىنسان كۈچى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

يامان يېرى تەشكىلاتنىڭ يادروسى ھېساپلىنىدىغان بۇ ئىنسان كۈچى بىر- بىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەزىدە بىزنى «بۇ ئىنسان دېگەن بىلەن بىرلىشىپ ئىش قىلىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس» دەيدىغان يەرگىمۇ ئەكىلىپ قويىدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ چەكسىز ئىلىم – ھېكمىتىنىڭ سىرى يەنە شۇ يەردىكى، ئاللاھ ئائىلە، جەمئىيەت، مىللەت ۋە دۆلەتلەر دائىرىسىدە ئوخشاش بولمىغان تەقەززا ۋە ئېھتىياجلارنى پەيدا قىلىپ، ئۇنى ئورتاقلىقنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىلمۇخىل ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ، بىرلەشتۈرۈپ تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەيلى ئىسلامىي مەيلى غەيرى ئىسلامىي دۇنيادىكى پۈتۈن چوڭ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەرمايىسى ۋە بىردىن بىر خىتاب ئوبېكتى ئىنساندىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلانغانچە بۇ تەشكىلاتقا باغلىنىشلىق ۋە باغلىنىشسىز پۈتۈن ئەتراپتىكىلەرنى تەربىيەلەش، نەپسىنى تەزكىيە قىلىش يەنى ئېڭىنى تازىلاش ۋە ئويغۇتۇش، داۋانىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشى ئۈچۈن قايسى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىنسان مودىلىغا ئېھتىياج بولسا، شۇ خىل ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەتتۈر . دېمەك ئىنسان ياخشى بولغاندا ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سۈپەت - ساپاسى ئاشقاندا ئاندىن ئۈنىمىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا سۈپەتلىك خىزمەت ئېھتىياجىغا ماس ئىنسان پەيدا قىلىش ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپە قاتارىدا تۇرۇشى لازىم.

مانا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەگەر تەشكىلاتتىكى ۋە ئەتراپىدىكى ئىنسانلار ھازىرمۇ 5 يىلنىڭ ئالدىدىكى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە تۇرىۋاتقان بولسا، تەشكىلاتنىڭ يېتەكلىگۈچىسىنىڭ پائالىيەت سەۋىيەسىمۇ 5 يىلنىڭ ئالدىدىكىدىن پەرقلەنمىگەن بولسا، بۇنىڭ مەنىسى «تەشكىلات 5 يىلنىڭ ئالدىدا تۇرغان يېرىدە تۇرىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. تەشكىلاتنىڭ نەپسىنى تەزكىيە قىلىش يەنى ئېڭىنى تازىلاش ۋە ئويغۇتۇشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغانلىقىنى، يەنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئۈلگىسى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامىي ھەرىكەت مېتودىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. (بۇ ھەرگىزمۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ يېڭى دىپلوما ئېلىشى بىلەن ئەمەس، جەمئىيەتتىكى ئۈلگە بولۇش رولىنى قانچىلىك ياخشى جارى قىلدۇرغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ) بىز بۇنىڭدىن كىشىلىك تەربىيەنىڭ يەنى تەشكىلاتنىڭ ئىچكى تاشقى تەربىيە پىروگراممىىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئۇنداقتا كىشى ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى قانداق يېتىشتۈرۈپ چىقىشى لازىم؟ بۇ ئىنتايىن ئەتراپلىق توختالمىسا بولمايدىغان ئايرىم ئۇزۇن بىر تېما. بۇيەردە پەقەت ئەزالارنىڭ تالانت – ئىقتىدارلىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەيىپ – نىقسانلىرىغا ئەمەس، ئارتۇقچىلىقلىرىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن كۇپايە قىلىمىز. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. ئەگەر قېرىندىشىمىزنىڭ كەمچىلىكىگە ئېسىلىۋىلىشنىڭ ئورنىغا ئارتۇقچىلىقلىرىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىدىغانلا بولساق، ئۇنىڭ تالانت – ئىقتىدارلىرىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە داۋاملىق ئۆگىنىشكە ئېھتىياجىمىز بار. ئۆگىنىش ئارقلىق سەۋىيىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، ئۆزىمىزدە يوق بولغان ئىقتىدارلارنىمۇ پەيدا قىلالايمىز.

شۇنى قەتئىي ئەستە تۇتىشىمىز كېرەككى، ئائاللاھ سىنىماقچى بولغان ھەر قانداق كىشىنى سىناقتىن ئۆتەلىگۈدەك تالانت ئىقتىدار ئاتا قىلىپ ئاندىن سىناققا دۇچار قىلىدۇ. چۈنكى سىناقتىن ئۆتەلىگۈدەك كۈچ - قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ سىناش ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە خىلاپ. (لا يۈكەللىفۇللاھۇ نەفسەن ئىللا ۋۇسئەھا) «ئاللاھ ھېچ بىر كىشىگە كۈچى يەتمەيدىغان يۈكنى ئارتمايدۇ» مانا بۇ ئايەتنىڭ روھىغا بىنائەن ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۈستەملىكىسى بولۇپ قىلىشتەك ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەن بولساق، بىزگە بۇ سىناقتىن ئۆتەلىگۈدەك كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ئاللىي بۇرۇن ئاتا قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىمىز لازىم. بىزنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ۋازىپىسى دەل ئەشۇ كۈچ - قۇۋۋىتىمىزنى بايقاپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ئۇنى ھەرىكەتكە سېلىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەتتۇر.

مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى ئەتراپلىق ئاڭلىتىش ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمىزدا قىلماقچى بولغان ئىشنى چوقۇم قىلالايدىغانلىقىغا دائىر تەۋرەنمەس ئىشەنچ پەيدا قىلىشىمىز، ئەگەر تىرىشىدىغانلا بولساق، ئۆگىنىپ ئۆزىمىزنى يېتىلدۈرىدىغانلا بولساق، تەشكىلاتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ماڭدۇرالايدىغانلىقىمىزغا، كۆزلىگەن نىشانغا چوقۇم يېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز لازىم.

ئاخىرىدا «بۇنداق گەپنى قىلىشقۇ ئاسان، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس» دېمەكچى بولغان تەشكىلاتچىلىرىمىزغا دەيدىغىنىم شۇ:-

«توغرا، تەشكىلات ئىشىدا مۇشىنچىلىك ئەستايىدىللىقنىمۇ تەس كۆرىۋاتقانلار سەۋەبىدىن بىزدىكى توختاق تەشكىلاتلارنىڭ سانى ئاشماقتا. شۇنى ئۇنۇتمايلى! ئىسلام ۋە ۋەتەن - مىللەت داۋاسىنى چاۋاك – ئالقىش، گۈل – گۈلىستانلىق ئىچىدە ياكى ساپا - ئۈستەل ئۈستىدە ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقانلار مەڭگۈ ئولتۇرۇپ قىلىشقا مەھكۇمدۇر»

ئاللاھ تەشكىلاتلىرىمىزنى پاسسىپ توختاق تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قىلىشتىن ساقلاپ، يالغۇز شەرقىي تۈركىستانغىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا چىراق ۋە مەشئەل بولالايدىغان سالاھىيەت ئاتا قىلسۇن. ئامىن!!!!

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

تۈركولوگ، مېھرى- مۇھاببەت، ياخشىلىق ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ