دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 20.04.2018 00:50:30 يوللانغان تارىخ: 20.04.2018 00:50:30 0 4463

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالستلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى باياناتى

بىز جۇڭگونى تەتۈر ۋە ئۇنۈمسىز سىياسەتلىرىنى تۈگىتىشكە چاقىرىمىز ۋە بارلىق قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز!

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالستلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى باياناتى
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزى نامىدىكى تۈرمىلەرگە قاماش ھەرىكەتلىرى، ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتى قوزغىدى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىتسرلىكى باياناتچىسى ھېزىر نائۇيىر خانىم، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى ئەيىبلىدى.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇرىئان. ئەڭ ئاخىرىدا، خۇددى سىلەر كۆرىۋاتقاندەك، بۈگۈنكى بۇ مېھمانلىرىمىز باشقا كۈنلەردىكىگە قارىغاندا بىر ئاز كۆپ، ئۇلار مانا ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇپتۇ، مەن بۈگۈن ئۇلارنىڭ دۆلەت مەھكىمىسىگە كەلگىنىدىن بەك شەرەپ ھېس قىلىمەن، ئۇلار ئۇيغۇر مۇخبىرلار بولۇپ، ئۇلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئىشلەيدۇ، تۈنۈگۈن مېنىڭ ئۇلار بىلەن بىر سائەت ئەتراپىدا بىللە ئولتۇرۇپ سۆزلىشىش پۇرسىتىم بولدى، بىز ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدۇق، بۇ مۇخبىرلارنىڭ ھېكايىلىرى بولۇپمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى تۈرلۈك پاكىتلارنى ئۆز يۇرتىغا يەتكۈزۈش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ بېشغا كەلگەنلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلىرى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ.
شۇڭلاشقا مەن تۆۋەندە مۇنۇلارنى جاكارلايمەن :
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ (ش ت -ت) دىكى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان باستۇرۇشلار ھەققىدە بارغانسېرى ئەندىشىلەنمەكتە. مەن تۈنۈگۈن ئامېرىكىنى بازا قىلغان بۇ ئالتە نەپەر مۇخبىر بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ نەچچە ئونلىغان تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، سەۋەبى ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان، سىلەر مۇخبىرلار ھەر كۈنى بۇ يەردە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا ئەركىن ھالدا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمەتنى قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇخبىرلارنىڭ تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، دۆلىتىمىزدە مۇخبىرلارنىڭ چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرى ھېچقانداق خېيىم-خەتەر، قېيىن- قىستاققا دۇچ كەلمەي ئىشلەيسىلەر!
مەن بۈگۈن ئۇلارنى سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى، ئالدى بىلەن مەمەتجان جۈمە خۇش كەپسىز، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرى، شۆھرەت ھوشۇر، شۆھرەت قىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، كۆپ رەھمەت، ئۇمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن، ئەمدى ئالىم سېيىتوف، سىلەر بەكلا رەتلىك ئولتۇرۇپسىلەر، رەھمەت، تونۇشقا بەك ئاسان بولدى، نېمە دېگەن تەشكىللىك سىلەر!
يەنە روھى ماھاجان (ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- تاشقى ئىشلار بۆلۈمىدىن ھىندىستانلىق)
سىلەرگە كۆپ رەھمەت!
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا جۇڭگوغا باردى، ئۇ بىزگە جۇڭگودىكى كىشنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بېرىدىغان ۋەزىيەت ھەققىدە قىسقىچە خەۋەر بەردى. بىز جۇڭگودىكى دىنى ئېتىقاد ۋە دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ھەدىدىن زىيادە چەكلىمىلەر ھەققىدە قاتتىق قايغۇرىمىز،
بىز يەنە جۇڭگونىڭ باشقا ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى جۇڭگوغا مەجبۇرى قايتۇرۇشقا بېىسم قىلىۋاتقانلىقىغا ياكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانلىرىغا بېىسم قىلىۋاتقانلىقىغا قايغۇرىمىز!
بىز يەنە كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان تۇتقۇن قىلىش ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن نازارەت قىلىش قىلمىشى ھەققىدە ئەندىشە قىلىمىز، بىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ جەسۇر مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز، بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بۇ چوڭقۇر ئەندىشىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئىستەيمىز!
بىز جۇڭگونى تەتۈر ۋە ئۇنۈمسىز سىياسەتلىرىنى تۈگىتىشكە چاقىرىمىز ۋە بارلىق قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز!
مەن ئۇلارنىڭ يەنە بىر خىزمەتدىشىنى تىلغا ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈن سۆزلەشكەن، بۈگۈن كېلەلمىدى،ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئۇنىڭ 23 نەپەر ئائىلە ئەزاسى قولغا ئىلىنغان، تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار، ئۇ سىلەرگە ئوخشاش ئامېرىكىدا مۇخبىرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 23 نەپەر تۇغقىنى قولغا ئىلىندى دېگەن گەپ، تۈنۈگۈنكى سۆھبەتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. ئەگەر ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ ھېكايىىسگە قىزىقىدىغانلار بولسا، ئۇلارغا ھەم سىلەرگە قولاي بولسا بۇ باياناتتىن كېيىن سىلەرنى بۇ جەسۇر مۇخبىرلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرىمەن.
(ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىغا قاراپ) سىلەرنىڭ كېلىپ قاتنىشىپ بەرگىنىڭلارغا، سىلەر دىققەت بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت!
ئەمدى سۇئال سوراشنى باشلىساڭلار بولىدۇ.



بايانات بەرگۈچى : ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىتسرلىكى باياناتچىسى ھېزىر نائۇيىر
ئورنى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى
ۋاقتى: 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇرىئان (ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى)

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى