تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 18.04.2018 12:07:02 يوللانغان تارىخ: 18.04.2018 12:07:02 0 1218

ئابدۇقادىر جالالىدىن خىتايلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 80 كۈن بولغان

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2018- يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆيىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈپ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى

ئابدۇقادىر جالالىدىن خىتايلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 80 كۈن بولغان

ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدىن ئىبارەت تۈرمىسىگە قاماش ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان يازغۇچى ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالماقتا.

گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ فېيىسبۇك سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋىرىگە كۆرە: داڭلىق يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە: ئىشغالچى خىتاي باسقۇنچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تونۇلغان يازغۇچى، داڭلىق ئەدىب، خەلق سۆيگەن ئىلغار پىكىرلىك زىيالىي ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە: خىتاي دائىرلىرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2018- يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆيىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈپ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىلىپ تا بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 80 كۈن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى