تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 17.04.2018 13:15:12 يوللانغان تارىخ: 17.04.2018 13:15:12 0 2225

دولقۇن ئەيسا، ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسانى بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ يىغىنغا كېرىشىنىڭ چەكلىنىشىدە

دولقۇن ئەيسا، ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ، 16- ئاپرىل دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا ئېچىلغان ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغىنىدا، دولقۇن ئەيسانىڭ يىغىن زالىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئۇلار دولقۇن ئەيسانىڭ كىرىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن چەكلەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، يىغىن باشقۇرغۇچىلىرى بىخەتەرلىك ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ب د ت بولسا بىرلەشكەن مىللەتلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان بىر ئورۇن بولسىمۇ، ئەمما زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاجىز مىللەتلەرنىڭ دەردىگە پىسەنت قىلمايۋاتقانلىقىنى، خىتايغا ئوخشاش نە قانۇن، نە دېموكراتىيىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئۆكتەم دۆلەتلەرنىڭ شەخسىي مۈلكىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسانى بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ يىغىنغا كېرىشىنىڭ چەكلىنىشىدە، ئۆكتەم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

دولقۇن ئەيسا، ئالدىنقى يىلىمۇ بىر قېتىم ب د ت نىڭ يىغىنىغا كىرىشى چەكلەنگەن ئىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى، دولقۇن ئەيساغا تۆھمەت قىلىپ خەلقئارالىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ بۇيىل خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت نىڭ يىغىنىغا كىرەلمەسلىكىدە خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى