تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 16.04.2018 09:02:58 يوللانغان تارىخ: 16.04.2018 08:51:06 0 1414

خىتاي ھاكىمىيىتى داڭلىق پۇتبولچى ئىرفاننى تۇتقۇن قىلدى

داڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىرفاننىڭ، توپ ئوينىغان كوماندىلار بىلەن بىرلىكتە چەتئەلگە چىقىپ توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان

خىتاي ھاكىمىيىتى داڭلىق پۇتبولچى ئىرفاننى تۇتقۇن قىلدى
تۈركىستان پرەس تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15- ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ يوقىرى دەرىجىلىك پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ بېرى بولغان جياڭسۇ سۇنىڭ پۇتبول كوماندىسى، 19 ياشتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 19 ياشلىق داڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىرفاننىڭ، توپ ئوينىغان كوماندىلار بىلەن بىرلىكتە چەتئەلگە چىقىپ توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.
خەۋەردە يەنە، داڭلىق پۇتبولچى ئىرفان، دەم ئىلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيىسىدىكى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان بولۇپ، ئۇ نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شۇ يەردىكى دۇكانغا بارغىنىدا، ناھىيىلىك ساقچىلار تەرىپىدىن ئائىلىسىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە ئىككى ئايدىن بېرى ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولسۇن ياكى مىللىي روھى كۈچلۈك بولسۇن، دىندارلار، زىيالىيلار، سەنئەتچىلار، ھەتتاكى تەنھەركەتچىلەردىن تارتىپ ھەممىنى قاراقۇيۇق تۇتقۇن قىلىپ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدىكى تۈرمىلەرگە ئاپىرىپ سولاۋاتماقتا. خىتاينىڭ داۋا قىلىۋاتقىنى پەقەت، دىنىي ئېتىقادى ياكى مىللىي روھى كۈچلۈك، چەتئەلگە چىققان بولماستىن مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە سولاشقا يېتەرلىك سەۋەپ بولماقتا. 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى