تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 14.04.2018 11:24:53 يوللانغان تارىخ: 14.04.2018 11:24:53 0 1322

ساددام خىتايغا جەڭ ئېلان قىلدى

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە سادام ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان ۋە ئۆلگىچە خىتاي بىلەن قېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ساددام خىتايغا جەڭ ئېلان قىلدى

ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشقۇن سىياسىتى 7 ئايلىق بالىنىڭ دادىسىنى خىتايغا جەڭ ئېلان قىلىشقا سەۋەپ بولدى.

13- ئاپرىل كۈنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بىر قىسقا سىن كۆرۈنىشى كەڭ تارقالغان بولۇپ، مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە سادام ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان ۋە ئۆلگىچە خىتاي بىلەن قېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئەمدىلا 7 ئايلىق بولغان بىر بوۋاقنىڭ دادىسى بولغان سادام، ئايالىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، تېخى ئانا سۈتىدىن ئايرىلمىغان ئەمدى 7 ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ ئانا سۈتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا بالىسى ۋە ئايالىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەت ۋە نامايىشلارغا قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خاتا ئادەم بىلەن تۇتۇشۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ساددام، ئايالىنى خىتاينىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى، ئايالىنى بالىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلگىچە خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتايغا جەڭ ئېلان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى مۇشۇ ياشنىڭ نالە پەريادىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، دادىسىنىڭ چەتئەلدە بۇلۇپ قېلىشى سەۋەبلىك تېخى ئانا سۈتىدىن ئايرىلمىغان بوۋاقنى مەجبۇرىي ئانا سۈتىدىن ئايرىشى، خىتاينىڭ نەقەدەر رەزىل بىر مىللەت، رەزىل بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدىكى تۈرمىلەرگە يىغىۋېلىش جەريانىدا ئانا سۈتىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ سانىنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىنمۇ كۆپ بۇلىشى ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى