دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 14.04.2018 10:09:43 يوللانغان تارىخ: 14.04.2018 10:09:43 0 1301

ئادام غالىپ، شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 15- ئىيۇل كونفېرانىسقا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

ھازىر ئىلگىرىكى جۇمھۇر رەئىسلىرى بولسا ۋە مۇشۇنداق بىر ئىسيان يۈز بەرسە، خەلقنى مەيدانلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلسا قانچە ئادەم چىقار؟

ئادام غالىپ، شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 15- ئىيۇل كونفېرانىسقا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

شىۋېتسىيىدە 15- ئىيۇل كونفېرانىسقا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

تۈركىيىدە 2016- يىلى 15- ئىيۇل كۈنى (FeTöِ) فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن بىرقىسىم ئەسكەرلەرنىڭ ئىسيان چىقىرىشى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردوغاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ھوقۇق بېشىغا چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان رەزىل ھەرىكەتنىڭ بىر (ئىشغال) قىلىش ھەرىكىتىنى تۈرك خەلقىنى (بىر ئاۋاز، بىر يۈرەك) جاسارىتى بىلەن ئىسيانچىلارنى مەغلۇب قىلغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى (UETD) نىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بۈگۈن 2018- يىلى 14- ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى، 15- ئىيۇل كېچىسى مەيدانغا كەلگەن ئىسيان ھەرىكىتىنىڭ (ئىشغال كېچىسى) نامىدا كونفېرانىس ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى كونفېرانىسقا تۈركىيىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلگەن ژۇرنالىست ياسېمىن ئاسان خانىم، تۈركىيىنىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمرە يۇنت، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى (UETD) نىڭ ستوكھولم شۆبىسىنىڭ باشلىقى سەرخات فرات باران، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى (UETD) نىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سەۋىم ئەردوغان، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ياشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئادام غالىپ ۋە كۆپ سانتا تۈرك ۋەتەنداشلار قاتناشتى.

كونفېرانىس ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن ئىستىقلال مارشى قۇيۇلدى. ئارقىدىن تۈركىيىنىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمرە يۇنت ئەپەندى بىلەن مەزكۇر كونگېرانىسنى ئۇيۇشتۇرغان ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى (UETD) نىڭ ستوكھولم شۆبىسىنىڭ باشلىقى سەرخات فرات باران تەبرىك سۆزى قىلدى.

مەزكۇر كونفېرانىسقا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلگەن ياسمېن خانىم، 15- ئىيۇل ئىسيان ھەرىكىتىنىڭ بىر ئىشغال ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەت بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىدىكى ئىسىيانلارنىڭ ھەممىسى تاشقى كۈچلەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنىڭ ئېنىق كۆردۇق دېدى.

(ئۇ كېچە بىر يۈرەك) ناملىق كونفېرانىستا سۆز قىلغان ياسمېن خانىم، فەتھۇللاچى تېررور تەشكىلاتى (FeTöِ)، پىلانلانغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، تەشكىلاتنىڭ تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن (پىشكە) ھالەتتە قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياسمېن خانىم سۆزىدە يەنە، 15- ئىيۇل كېچىدىكى ۋەقەنىڭ بى (ئىسيان) بولۇپلا قالماستىن بەلكى تۈركىيىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا زېمىن ھازىرلايدىغان بىر ھەرىكەت ئىدى. ئۇ كېچە ئىسيان ئەمەس، بىر ئىشغال ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياسمېن خانىم، «ئۇ كېچە تۈركىيىگە ئاللاھ ياردەم قىلدى»

15- ئىيۇل كېچىسى مۇسۇلمانلارنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى ئەسلەتكەن ياسمېن خانىم، ئىسيان بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئەتىگەندە كىشىلەرنىڭ كوچىلاردا (شۈكۈر نامىزى) قىلغانلىقىنى ۋە بەزى يەرلەردە باكلاۋالار تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئۇ كېچە تۈركىيىگە ئاللاھ ياردەم قىلدى. بولمىسا قولىدا بايرىقى، تىلىدا ئاللاھۇ ئەكبەر شوئارلار بىلەن ئوقلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇشىنى، تانكىلارنىڭ ئالدىدا ياتقاننى باشقا شەكىلدە چۈشەندۈرەلمەيمەن. تۈرك خەلقى ئۇ كېچە ئىسمىنى ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن تارىخقا يازدۇردى، دېدى.

ياسمېن خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈرك خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىسىيانلارغا قارشى كوچىلارغا چىقمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، مەن 15- ئىيۇل كېچىسى ئىسيانغا قارشى كوچىغا چىققانلاردىن شۇنداق بىر سوئال سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئىلگىرىكى جۇمھۇر رەئىسلىرى بولسا ۋە مۇشۇنداق بىر ئىسيان يۈز بەرسە، خەلقنى مەيدانلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلسا قانچە ئادەم چىقار؟

بىلىمەنكى، مەن چىقمايتتىم، مەن غەلىبە قىلىشىمىزغا ئىشەنمەيتتىم، دېگەن جاۋابنى ئالاتتىم. مىللىتىمىز ئۇ كېچە ئەردوغانغا ئىشەندى ۋە يېنىدا بولدى، دېدى.

تۈركىيىنىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمرە يۇنت ئەپەندى

(UETD) نىڭ ستوكھولم شۆبىسىنىڭ باشلىقى سەرخات فرات باران

ژۇرنالىست ياسېمىن ئاسان خانىم

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى