تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.04.2018 04:36:29 يوللانغان تارىخ: 07.04.2018 04:36:29 0 990

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بارىن شېھىتلىرىنى ئونۇتمىدى

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 05- ئاپرېل كۈنىنى ئۆزىنىڭ شارائىتىگە قارىتا ئەسلەپ كەلمەكتە. بۇيىلىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، 05- ۋە 06- ئاپرېل كۈنلىرى، بارىن ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بارىن شېھىتلىرىنى ئونۇتمىدى

1990- يىلى 05- ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسىدا زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىر گۇرۇپ ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ئۆزىنىڭ نارازىلىق مەيدانىنى ئىپادىلەپ، قارشىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئىدى. مەلۇماتلارغا كۆرە شۇ قېتىمقى قارشىلىق ھەرىكەتتە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 05- ئاپرېل كۈنىنى ئۆزىنىڭ شارائىتىگە قارىتا ئەسلەپ كەلمەكتە. بۇيىلىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، 05- ۋە 06- ئاپرېل كۈنلىرى، بارىن ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

05- ئاپرىل كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيىدە بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرلەپ زالىم خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە، 06- ئاپرىل جۈمە كۈنى، بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرلەپ جۈمە نامىزى خۇتبىسىدا ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن مېڭىش، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىش توغرىسىدا توختالدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى