ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 02.04.2018 12:21:38 يوللانغان تارىخ: 02.04.2018 12:21:38 0 5943

مەن مەركەزچىلىككە قارشى "ھېچ"لىك

ئۇنۇتمىغىنكى، نە سەن سېنىڭ، نە مەن مېنىڭ. ھەتتا ئىككىنچى تېنىقىمىزمۇ بىزنىڭ قول ئىلكىمىزدە ئەمەس، ھەممىسى ئاللاھنىڭ

مەن مەركەزچىلىككە قارشى "ھېچ"لىك
(توپلاپ تەييارلىغۇچى: مىر كامىل كاشغەرىي)

بىر كۈنى بىرسى نەسرىددىن ئەپەندىمدىن سوراپتۇ:
- سەن كىم؟
- ھېچ كىشى، دەپتۇ نەسرىدىن ئەپەندىم.
سوئال سورىغان ئادەم مەنسىتمىگەن ھالدا مېيىقىدا كۈللۈپ قويۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن نەسرىدىن ئەپەندىم ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- سەن كىم؟
ئۇ ئادەم مەغرۇرلانغان ھالدا «مەن بىر ئەمەلدار» دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.
نەسرىددىن ئەپەندى يەنە سوراشقا باشلاپتۇ:
- ئاندىن نېمە بولماقچى؟
- ھەر ھالدا ۋالىي بولۇشىم مۇمكىن.
- ئاندىنچۇ؟!
- بەلكىم ۋەزىر بولىمەن.
- ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نېمە بولىسەن؟
- باش ۋەزىر بولۇش ئېھتىمالىممۇ بار.
- ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟
ئۇنىڭدىن كېيىن تىلغا ئالغۇدەك ئەمەل قالمىغانلىقىنى ئويلىغان ئادەم: «ھېچ نەرسە» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان نەسرىددىن ئەپەندى: «ئۇنداقتا نېمىگە بۇنچە كۆرەڭلىك قىلىسەن. مانا مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا سەن شۇنچە يىللاردىن كېيىن كېلىدىغان ئەشۇ ھېچلىك ماقامىدا تۇرۇپتىمەنغۇ!» دەپتۇ.
"ھېچلىك"تە ئىنسان ئۆزىدىكى پۈتۈن قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ، ئۆزىدىكى بارلىق ئۇنۋان، سۈپەتلەرنىڭ، پۈتۈن ئالاھىدىلىكى ۋە بايلىقلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئېگىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولىدۇ. شۇڭا نە يۇقۇتۇپ قويغانلىرى، نە ئېرىشكەنلىرى ئۇنىڭ ئەمەس، بەلكى يوقۇتۇپ قويغانلىرى ئىگىسىگە قايتقان، ئېرىشكەنلىرى بولسا، ئۇنىڭغا يېڭىدىن كەلگەن ئامانەتلەر ھېسابلنىدۇ.
دەرۋەقە، بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق ئەھۋالغا كېلىپ قالدۇقكى، ھېچ كىشى ھېچ كىشىنى ياراتمايدۇ. دوكتور ئەسەد سۇلايمان ئېيتقاندەك «كوممۇنېستلارچە چاكىنا مەنمەنلىك» مىللىي خاراكتېرىمىزنى ئېتىقاد ۋە مىڭلارچە يىللىق مەنىۋىي كۈلتۈر، ئەدەپ – ئەخلاق، قائىدە – يوسۇن يىلتىزىمىزدىن قومۇرۇپ تاشلىغان بولغاچقا ھەتتا بىلىملىك زىيالىيلىرىمىزمۇ تېخىچە ئەسلىگە قايتالماي، يات مەدىنىيەت ۋە يات تېرمىنلەرنىڭ ئەينەكلىرىدە ئۆزىنى تەڭداشسىز كۆرۈپ، ئۆزئارا چېقىشىش، ئېتىراپ قىلىشنى ئۇنتۇپ كەتكلى نە ۋاخ.
ئىككى - تۆت تال پۇل تاپقانلىرىمىزنىڭ گويا تاغنى تالقان قىلىۋەتكەندەك كۆرەڭلەپ يۇرىشلىرىچۇ تېخى؟!
كىچىككىنە ئەمەلگە ئېرىشىپ قالغانلىرىمىزنىڭ ھەممەيلەننى چاكىرى، ئۆزىنى بولسا، ھەممەيلەنىڭ خوجايىنى چاغلاپ كېتىشى، ئەمەل ۋە ئۇرۇندۇقنى كۆرگەندە كىشىلىك ئوبرازىنى ۋە ئادىمىيلىقىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، كىچىك نەمرۇتقا ئايلىنىشقا باشلىشىدىن سۆز قىلغۇم يوق.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئاخىرى ھامان بىر كۈنى "ھېچ"قا ئايلىنىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلالايدىغانلاردىن قىلسۇن، ئامىن!!!
بىر جۈمە كۈنى خۇتبىدە ئۆزىنى ماختاپ، «ئىككى ھەرەمنىڭ ھاكىمى» دېگەن ئىمامغا كايىپ، «ياق، ياق!!! مەن دەل ئەكسىچە، ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارىمەن» دېگىنىچە ئېتىراز بىلدۈرگەن خەلىپە ياۋۇز سۇلتان سەلىمگە ئوخشاش ئەمەل، مەنسەپ، شان – شۆھرەتلەرگە قەلبىدىن ئورۇن بەرمەيدىغان، كىبىر ۋە مەنمەنلىكنى ئاياقلىرى ئاستىدا يەنچىپ تاشلىيالايدىغانلاردىن قىلسۇن!!!
بولۇپمۇ سىياسىي رەھبەرلىرىمىز ئارىسىدىكى مەن مەركەزچىلىك، كىبىر ۋە مەنسەپپەرەسلىكنى يۇقۇتۇپ، باشقىلارغا ئەمەس، پەقەت ئاللاھقا يارىغۇدەك خىزمەت قىلىشنىڭلا كويىدا بولىدىغان ھەقىقىي مۆئمىنلەردىن قىلىپ بەرسۇن، ئامىن!!!
تىجارەتچىلىرىمىزنىمۇ ئالىي دەبدەبىلىك ھايات كەچۈرۈش مەرەزلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ھاياتىنى يېنىدا ئېلىپ كېتەلمەيدىغان مال – مۈلۈك ئۈچۈن زايا قىلىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى دەپ بىلىدىغان ۋە ھەر بىر تەڭگىسىگە قەدەر ھامان بىر كۈنى ھېساب بېرىرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇمايدىغان ئىسلام، ۋە ۋەتەن – مىللەتنىڭ پايدىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان، جۈملىدىن ئاللاھنىڭ ئامانىتىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىشتىنلا بەختىيارلىق ھېس قىلىدىغانلاردىن قىلسۇن. ئامىن!
ھېچلىك؛ كۆپلۈكنىڭ ئىچىدىكى يالغۇزلۇقتۇر.
ھېچلىك؛ ئىنساننىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئوكياننى سەيلە قىلىشى، ئىچىگە شۇڭغۇپ، بايلىقلارنى بايقىيالىغانغا قەدەر سەبىر بىلەن كۈتىشىدۇر.
بۇ شۇنداق چاغدۇركى، ئۇنىڭدا نە تاما، نە ئىككىلىنىش، نە شۈبھە يۇق، پەقەتلا يالغۇزلۇق بار، پەقەتلا ئىخلاس بار.
"ھېچلىك"تە ئۆزىنى كاتتا بىلىپ، (مەيلى مەنسەپ، مەيلى ئۇنۋان، مەيلى بايلىق بىلەن) ماختىنىدىغان ۋە ماختىنىشقا لايىق دەپ قارىغان نەرسىلىرىنى يوقۇتۇپ قويغاندا ئازابلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىش يوق.
"ھېچلىك"تە، ئىنسان ھەتتا ئۆز بەدىنىنىڭمۇ ئەسلى ئىگىسى ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلىش ئېڭىغا ئېرىشىدۇ ۋە: «مېنىڭ ئۆزلىكىم شۇنداقلا پۈتۈن ئىگە بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسى بىر "ھېچ"تۇر. ئىگە بولدۇم دەپ ئويلىغانلرىمنىڭمۇ ئەسلى ئىگىسى ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتۇر» دېيىشكە باشلىغىنىدا، پۈتۈن سەلىبىي چۈشەنچە يۈكلىرىدىن قۇتۇلغان بولىدۇ.
مال ئېگىسى، شاھلىقنىڭ ئىگىسى
قېنى ئۇنىڭ ئەسلى ئىگىسى؟
مالمۇ يالغان، شاقلىقمۇ يالغان
بار قېنى، سەن بىراز ئالدان... دېمىگەنمىدى يۈنۈس ئەمرە؟
ئۇنۇتمىغىنكى، نە سەن سېنىڭ، نە مەن مېنىڭ. ھەتتا ئىككىنچى تېنىقىمىزمۇ بىزنىڭ قول ئىلكىمىزدە ئەمەس، ھەممىسى ئاللاھنىڭ.
ئاللاھ نىسىپ قىلغاچقىلا بۇنى يېزىپ تەييارلىيالىدىم، بولمىسا ھېچ نەرسە قولۇمدىن كەلمەيتتى. چۈنكى مەن بىر "ھېچ"مەن.
2018 – يىلى 2 ئاپرېل

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى