تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 02.04.2018 09:26:49 يوللانغان تارىخ: 02.04.2018 09:26:49 0 979

شەرقىي تۈركىستاندا ئايروپىلاننىڭ قاتنىشى خىتاي يولۇچىلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ

خىتاينىڭ ئاۋىئاتسىيىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق مەنپەئەت قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قۇلايلىق ئېلىپ

شەرقىي تۈركىستاندا ئايروپىلاننىڭ قاتنىشى خىتاي يولۇچىلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىشىچە: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى- كۇچا- يەكەن قاتارلىق لىنىيەلەردە تۇنجى ئايروپىلان قاتنىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنلىكىنى، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۈرۈمچى- كۇچا- يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ- كېلىش لىنىيىسىنى ئاچقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيىسى ئايروپىلانى ئۈرۈمچى-كۇچا-يەكەن بېرىپ-كېلىش لىنىيىسىدە ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە ئۈچ كۈن قاتنايدۇ. بۇ لىنىيىنىڭ ئېچىلىشى ساياھەتچىلەرنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىغا زور قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ دېيىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەرلەرنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك ئاتالمىش يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئائىلىدە يول يۈرۈپ تىجارەت قىلىپ پۇل تاپىدىغان ئەرلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى، قالغانلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتى، قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە يول يۈرۈش ئىجازىتىنىڭ يوقلىقى سەۋەبلىك ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يېزا- شەھەرلەردىن باشقا شەھەرلەرگە بارالمايدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئاۋىئاتسىيىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق مەنپەئەت قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى