تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 02.04.2018 08:20:47 يوللانغان تارىخ: 02.04.2018 08:20:47 0 4965

داڭلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقېيۇم مۇھەممەد خىتايلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدا ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە سولاپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە

داڭلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقېيۇم مۇھەممەد خىتايلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان

گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە: كىنولاردا رول ئېلىش، ئاۋاز بېرىش ۋە قىزىقارلىق ئىتوتلارنى ئىشلەش بىلەن خەلق ئارىسىدا تونۇلغان داڭلىق ئۇيغۇر ئاۋاز ئارتىسى (ئابدۇقېيۇم مۇھەممەد) بىلەن ئايالى ئاينۇر خانىمنىڭ ئىشغالچى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدا ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە سولاپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەربىيىلەش نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى سانى ئېنىق بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستى ئوچۇق ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى رايۇنلىرىدا ياشايدىغان ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن ئەڭ ئاز بىر كىشىنىڭ (تەربىيىلەش مەركىزى) دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدىكى تۈرمىلىرىگە ھەربىر ئۆيدىن ئەڭ ئاز بىر كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خەلقئارا ئاخباراتلىرىنىڭ ئېلان قىلغان بىر مىليون دېگەن سانىدىن نەچچە ھەسسە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. چۈنكى ئۇ يەرگە ھېچقانداق بىر چەتئەل مۇخبىرىنىڭ كىرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا قانچە كىشىنىڭ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا ئاخباراتلىرى خىتاينىڭ تەمىنلىگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن خەۋەر بەرگەنلىكىنى، خىتاي بولسا ھېچبىر ۋاقىت راست مەلۇمات بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى