شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ( مۇسۇلمانلار ئائىلە كۈنى ) ناملىق كونفېرانىس غەلىبىلىك ئاخىرىلاشتى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.04.2018 12:02:47 يوللانغان تارىخ: 01.04.2018 12:02:47 0 19221

شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ( مۇسۇلمانلار ئائىلە كۈنى ) ناملىق كونفېرانىس غەلىبىلىك ئاخىرىلاشتى

مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ كۈنىمىزدە دۈچ كېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، يىغىن ئاخىرلىرىدا ئالىملار

‏شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ( مۇسۇلمانلار ئائىلە كۈنى ) ناملىق كونفېرانىس غەلىبىلىك ئاخىرىلاشتى

شىۋېتسىيىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەتىيازدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ( مۇسۇلمانلار ئائىلە كۈنى ) ناملىق يىللىق كونفېرانىس بۇ يىلمۇ 30- مارتتىن 01- ئاپرىلغىچە 3 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىننى، ئشىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى (رابىت ئەل ئىسلام)، (ئىنبى رۇشىد) تەلىم تەربىيە مەركىزى ۋە شىۋېتسىيە ئىسلام يەردەم فوندى (ئىسلامىك رېلىيېف) قاتارلىق بىرقانچە چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمنىڭ شىستا رايونىدىكى چوڭ پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىن 30- مارت جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ 01- ئاپرىل يەكشەنبە كۈنى كەچ غەلىبىلىك ئاخىرىلاشتى.
بۇ يىغىنغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن دىلىي ئالىملار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا لېكسىيە سۆزلەش، مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ كۈنىمىزدە دۈچ كېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، يىغىن ئاخىرلىرىدا ئالىملار سەھنىگە چىقىپ مۇنازىرە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتتە بۇلۇنغان.
شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇندىن بۇرۇن مەزكۇر كونفېرانىسنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتكى ئەھۋالىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي ئالىم ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلىپ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، يىغىننىڭ كۆرگەزمە زالىدىن ئورۇن ئېلىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت كىتاب ژورناللار قۇيۇش ۋە تارقىتىش، شىۋېدچە ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ( شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ) مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، ئەمما ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ ۋىزا ئىشلىرىنىڭ ھەل بولماي بۇ يىللىق كونفېرانىسقا كېلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش