ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 25.03.2018 03:26:09 يوللانغان تارىخ: 25.03.2018 02:56:11 0 18441

ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى

ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بېرى ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى

ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ قانۇن باش مەسلىھەتچىسى (گۈلشەن ئورھان) خانىم، 2018- يىلى 25- مارت يەكشەنبە كۈنى، شىۋېتسىيىدىكى تۈركلەرگە قانۇن ۋە تېررورغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە بېرىش ئۈچۈن شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەسنادا 24- مارت شەنبە كۈنى كەچتە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە گۈلشەن خانىمنى كۈتۈۋالدى.

مەزكۇر ئۇچرىشىش شىۋېتسىيە ۋاقتى كەچ سائەت 18:30 دىن 20:30 گىچە ئىككى سائەت داۋام قىلدى. ئۇچرىشىش ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى. سۆھبەت جەريانىدا مېھمانلار ئۈچۈن تەييارلانغان تائاملاردىن غىزالانغاندىن كېيىن سۆھبەت داۋاملىق داۋاملاشتى. سۆھبەتتە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ چەتئەل ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەخمەت تۇرسۇن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەپسىلى چۈشەندۈردى.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەش مەركىزى نامىدىكى يىغىۋېلىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بېرى ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى.

گۈلشەن خانىم، دۇنيانى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەپتىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە زۇلۇم تۈگىمەيۋاتقانلىقىنى، بۇ زۇلۇملارنىڭ پات يېقىندا تۈگىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ دۇنيا بەشتىن چوڭ دېگەندىن كېيىن پ ك ك، پ ي د ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتتىن كېيىن گۈلشەن خانىمغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن مالايسىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ئىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىشىنى، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىنىڭ ھەل بۇلىشى قاتارلىق تەلەپلەر بىلەن 25 بەتلىك راپورت سۇندى. مەزكۇر تەلەپلەر بىلەن راپورتنى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىندى. گۈلشەن خانىممۇ تەلەپلەر بىلەن راپورتنى مەمنۇنىيەت بىلەن جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن گۈلشەن خانىمغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ لوگۇسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چۈشۈرۈلگەن شارپا ھەدىيە قىلىندى.


كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش