ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 16.03.2018 03:43:22 يوللانغان تارىخ: 16.03.2018 03:43:22 0 12022

خانىم- قىزلارنىڭ ( بىر ئاۋاز بىر قەدەم ) ئاۋازى شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدا جاراڭلىدى

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاشقۇن سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى

خانىم- قىزلارنىڭ ( بىر ئاۋاز بىر قەدەم ) ئاۋازى شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدا جاراڭلىدى

تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىقلىرى ۋە ئاشقۇن سىياسەتلىرىگە قارشى ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى خانىم- قىزلار جەمئى 14 دۆلەتنىڭ 17 شەھىرىدە، (بىر ئاۋاز، بىر قەدەم) نامىدا ئوخشاش كۈندە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت بىناسى ئالدى، مەشھۇر مەيدانلاردا ۋە ئاۋات كوچىلىرىدا يۈرۈش قىلىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاھۇ زارىنى ئاڭلاتتى.

(بىر ئاۋاز، بىر قەدەم) گۇرۇپپىسىنىڭ شىۋېتسىيىدىكى ۋەكىللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن 15- مارت پەيشەنبە كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 12:30 دىن 13:30 گىچە بولغان ئارىلىقتا، شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاشقۇن سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئالدى بىلەن مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللىگۈچى خانىم قىزلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاشقۇن سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى. ئارقىدىن سۆزگە چىققان ئىككى نەپەر ياش ئوغۇل- قىز، نامايىش ھەققىدە شىۋېدچە ۋە ئېنگلىزچە تەييارلانغان 10 ماددىلىق باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن تەشكىلات مەسئۇللىرى سۆزگە چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم يولغا چىققان خانىم قىزلارنىڭ ھەرزامان ئارقىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىش جەريانىدا، بىر گۇرۇپ ياشلار نامايىشچىلارنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنى كېتىۋاتقان ئاممىغا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.

بۇ كۈندە شىۋېتسىيىنىڭ ھاۋا كىلىماتى نۆلدىن تۆۋەن 8 گىرادۇس سوغۇق ۋە لەپىلدەپ چۈشكەن قارلار، نامايىشچىلارنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي زالىملىرىغا بولغان غەزەپ- نەپرىتىنى تېىخمۇ ئۇلغايتىپ، نامايىشنى جاراڭلىق ئاۋازلار بىلەن خىتايغا قارشى نارازلىق شوئارلار بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىمۋولى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يېزىلغان ھەرخىل لوزۇنكىلار ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختات، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ، پارلامېنت بىناسى ئالدىنى رەڭگارەڭ تۈسلەر بىلەن قاپلىدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى