ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 19.02.2018 10:19:24 يوللانغان تارىخ: 19.02.2018 10:19:24 0 9241

قولىڭىزنى بىرىڭ قېرىندىشىم بىللە ماڭايلى

سۆزنىڭ ماھىتىنى، مەخسىدىنى چۈشىنەلمەيدىغان ئۆزەمنىڭ راست دەيدىغان قىرىنداشلىرىم ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ

 قولىڭىزنى بىرىڭ قېرىندىشىم بىللە ماڭايلى ( karaxan )

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە جان تالىشىپ ئازاپ چېكىۋاتقان، زۇلۇمدىم قەددىلا ئەمەس روھى مۈكچەيگەن سۆيۈملۈك، قەيسەر ئۇيغۇرۇم ھەممىڭلارغا سالام .
مەن ئاددى بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئۈچۈن يۈرەكلىرى ئوت بۇلۇپ يېنىۋاتقان، ئىمانى، مىللى كىملىكى، ئىنسانى ھەققى، ھۆرلۈك، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ بار كۈچى بىلەن تىركىشىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرغا ئاللاھنىڭ گۈزەل سالاملىرى بولسۇن.
بىز ئىزىلگەن خەلق، بىز روھى ئازاپلارغا ئۇچراۋاتقان، قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ پىراق چېكىۋاتقان بىر خەلق، ئانام دادام ھايات تۇرۇپ كۆرەلمەيۋاتقان، بالام ھايات ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمايۋاتقان ،تۇققانلىرىم ھاياتمۇ دەپ كۈندە جاينىمازدا ياش تۆكىۋاتقان ،دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن قوللار ئاللاھقا سىغىنىپ قانچىلىك كۆتۈرلۈپ تۇرغىنىنى ھەم بىلمەي سىغىنىش ،يالۋۇرۇش ،پىغان ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان بىر خەلق .بىز ھايات مامات باسقۇچىدا جان تالىشىۋاتقان بىر خەلق ،بىزنىڭ ھازىرقى ھالىمىز مىسىرنىڭ قەدىمكى گىلادىياتورلىرىنىڭ ھالىنىڭ دەل ئۆزى ،«نەچچە كۈن ئاچ قويۇلغان يىرىتقۇچنىڭ ئالدىغا تاشلانغان بىر ۋاخ غىزا» بۇنى چۈشىنەيلى قىرىنداشلار .بىزگە ھازىر شان شەرەپنى ئويلايدىغان ،مال دۇنيا ئويلايدىغان ،يۈز ئابروي ئويلايدىغان ۋاقىت ئەمەس .ھالقىلىق جەڭگە چۈشكەن پۇتبۇل كاماندىسى بىز .ئون بىرىمىز قاتنىشىمىز بۇ مۇسابىقىگە توپنى رەقىبىمىزنىڭ ۋارتاسىغا تىپىپ كىرگۈزۈش پەقەت ئارىمىزدىكى بىرىمىزنىڭ بىرلا پۇتىغا مەنسۇپ بولسىمۇ ،ئۇ ئون بىر ئادەمنىڭ ئىككىدىن يىگىرمە ئىككى پۇتى ،كاللىسى ،زىھنى ،ھۇجۇدىنىڭ بىر نىيەتتە توپنى قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا ھەمكارلىشىپ يەتكۈزىلىشى بىلەن شۇ يىگىرمە ئىككى پۇتنىڭ ئىچىدە بىر پۇتقا بىرىلىدىغان شان شەرەپكە نائىل بولغىنىدەك بىر ئىش .توپنى قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا تىپەيلى قىرىنداشلار ،بەزىلەر يۆلىنىشنى مۆلچەرلىيەلمەيۋاتامدۇ؟ ياكى ئىزىپ كېتىۋاتامدۇ توپنى ئۆز ۋارتايىمىزغا تىپىپ تاشلاۋاتىدۇ .
مەن ئوت يۈرەك ۋەتەن سۆيەر ئەزىمەتلەرنى كۆردۈم ،ئاچچىغى كەلگەندە بالىنى ئۇرۇپمۇ قويىدىغان ،بىراق ئىچىدىن كۆيىدىغان مىھرىبان دادىلارنى كۆردۈم ،بەزى تۇزىكور ئەبلەغ ،ئاش بەرگەنگە مۇش بىرىدىغان ،ئانا دادىسىنى سىتىپ پۇلىنى خەجلەيدىغان ھارامخور لەنەتتەككۈر بالىلارنى كۆردۈم .بىر قوساقتىن ئارغامچا توقماقتىن باشقا ھەممە نەرسە چۈشىدۇ ،شۇ مىھرىبان ئاتا ،مىھرىبان ئانىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ،مەرھىمىتى ،بەرىكىتى بولسۇن ،ئاللاھنىڭ گۈزەل سالاملىرى ئۇلارغا بولسۇن .پەرزەنت بولغىچى ئاتىنىڭ ئۇرغىنىنى ئەمەس ، نىمە ئۈچۈن خاپا بولغىنىنى چۈشىنىشى كىرەك ،ھەر ئادەمنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە ئىشلىتىدىغان ئۇسۇلى ،ۋاستىسى ئوخشىمايدۇ .سىز پەرزەنت كۆرۈپ باققانمۇ ؟ئاچچىقىڭىز كەلگەندە بالىڭىزنى ئۇرۇپ باققانمۇ ؟ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بالىڭىزنىڭ چىرايىدىكى ئازاپنى كۆرۈپ پۇچۇلنۇپ باققانمۇ ؟چوڭلارنى ھۆرمەتلەش بىزنى جەننەت مەقامىغا يەتكۈزىدۇ . ئاتىلار بالىلارنىڭ تەنتەكلىكىگە ئاچچىقلانسىمۇ ،ئىچىدىن ئۇنىڭغا كۆيىدۇ .مانا بۇ قىرىنداشلىق مىھرى .
بىز ھازىر ھەممىمىز بۇ ئۆتكەلدىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتسەككەن ،مەۋجۈتلىقىمىزنى ساقلاپ قالساقكەن دىگەن ئۈمىتتە ،خەلقتىن ئاغرىنىش توغرا ئەمەس .ئەزەلدىن خەلقنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بوپ كەلگەن ،خائىندىن قورقۇش توغرا ئەمەس ،خائىن تا قىيامەتكىچە مەۋجۈت ،ئۇنى بىز قورقۇتۇپ تىترىتىپ ياشىغاندىلا غەلبە قىلالايمىز .بىر بىرىمىزدىن يامان گۇمان قىلمايلى ،باشقىلار سۆز قىلغاندا ھىسياتىمىزغا ئەمەس ئەقلىمىزغا تايىنىپ يەكۈن چىقىرايلى .چوڭلارنىڭ سۆزىنى خوش ياقمىسىمۇ ئەستايىدىل ئاڭلاش كىرەك ،بۈگۈن خوش ياقمىغان تىتىقسىز گەپ ئەتە ھاياتىمىزغا ئەس قىتىپ قىلىشى مۇمكىن .ياشلار سوغۇققان ،ئەپۇچان بولايلى ،دادىمىز ئۇرسا ياندۇرۇپ تىپەمدۇق ؟ئۇنداق قىلىش نە ئىسلامدا نە ئادىمىيلىكتە يوق .چوڭلارغا ھۆرمەتنى بىز باشلاپ بىرىپ ئەمەلىيلەشتۈرمىسەك ،بالىلار بىزدىن ئاشۇرۋەتسە ئاشۇرۋىتىدىكى ھەرگىز تۆۋەن قىلمايدۇ .سۆزنىڭ ماھىتىنى، مەخسىدىنى چۈشىنەلمەيدىغان ئۆزەمنىڭ راست دەيدىغان قىرىنداشلىرىم ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ ،سىزنىڭ ئەمەس داۋانىڭ نىشانى راس ،ئۇنىڭدىن توغرىسىنى مەن ھازىرغىچە تاپالمىدىم .
داۋا ئادەملىرى يۈز ئابروي ،شان شەرەپ ،پۇل مالنى خىيالىدىن تولۇق سۈپۈرۈپ تاشلاپ ،ئەل قىساسى ئۈچۈن دۈشمەنگە ئىتىلغاندا داۋا بىر باشقا چىقىدۇ ،شامال بىزنىڭ كىيمىنى قىرغاققا يىقىنلاشتۇرۋاتىدۇ ،خەلق قىرغاقنىڭ شولىسىنى كۆسۇن ،پەردە بوپ توسىۋالماڭ ،رولىنى قالايمىغان بۇرىماڭ ،رولنى باشقۇرۇشنى بىلمىسىڭىز رولچىلار بار ،كاپىتاننىڭ ھۆكىمىگە ئىشىنىڭ ،نىشانىمىز ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق .
بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئەسىرلەر بويى ۋەتەن ئۈچۈن قان ،جان بىرىپ كەلدى ،ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەپ بىزنى ئىچىندۈرۈپ كەلدى ،جەڭدە غەلبە قىلىپ دۈشمەننى غال غال تىترەتكەن باتۇر بوۋايلار ،تاماق شىرە ئۈستىدە ھىلىگە ئالدىنىپ يىقىلىپ ئىچىنىشلىق جان بەردى ،خىتاي تارىختىن بۇيان كۈچلۈك ئەمەس ئىدى ،ماۋ قاتىل زامانىدا رەزگى بىر چۇخەي يەيدىغان ماڭنۇر ئىدى ،چىڭ سۇلالىسىمۇ شۇنداق رەزگى ھالەتتە بىزنى كونتىرول قىلىپ كەلدى ،تارىخنى ۋاراقلاپ باقايلى قىرىنداشلار ،خىتاي ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىللىرىدە ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قورقۇپ سەددىچىندەك ئۇزۇن سىپىلنى سوقۇپ ئىچىگە كىرىۋىلىپ ،ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مۇداپىئەلىنىپ ياشىغان ،بىز تارىخنى نىمىشقا چۈشەنمەيمىز ،نىمىشقا ئىبرەت ئالمايمىز .
ئاددىغىنە، ئىككى ساننى قوشۇپ ھىساپلاشتا، ئاز دىگەندە تۆت خىل ئۇسۇل بىلەن ھىساپلىغىلى بولىدۇ ،ئۆيدىن مەكتەپ بارىمەن دەيدىغان كىچىك بالىلار ئۈچۈنمۇ بارغىلى بولىدىغان نەچچە خىل يول بولىدۇ ،كىم خالىسا قايسى يولنى تاللاپ ماڭسا بولىۋىردۇ .بۇ داۋا بىر پاي ئوق بىلەنلا ھەل بولىدىغان داۋا ئەمەس ،بىر قىتىملىق نامايىش بىلەنلا بىر باشقا چىقىدىغان داۋا ئەمەس ،ھەر ساھە ،ھەر كەسىپتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆز ساھەسىدە بەجانىدىللىق بىلەن تىرىشىشى ئارقىسىدا يەتكىلى بولىدىغان نىشان بۇ ،بىر قوساقتىن چىققان قىرىنداشلارنىڭمۇ پىكرى بىر يەردىن چىقماسلىقى مۇمكىن ،مىنىڭ پىكرىم توغرا دەپ قارشى تەرەپ بىلەن ئىلبشىشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى ،نىشان ئوخشاش ،قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل ،كاللىمىزدىكى تەپەككۈر يولى ،پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس ،بۇ تەبئىي قانۇنىيەتقۇ ؟نىمىشقا بۇ قانۇنىيەتنى يىمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى سەرپ قىلىمىز ،ئۆز ئادەملىرىمىزنى ئەيىپلەشكە چىقارغان ۋاختىمىزنى ،سەرپ قىلغان كۈچىمىزنى بىر خائىنغا ،بىر دۈشمەنگە قاراتساق شۇ نىمىلەرنىڭ پىيى سىقىراپ قورقۇنچتىن ئىشتانغا چىقىرۋىتەتى ،يۈركى يىرىلىپ ئۆلەتى .
ئىككى ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ،پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ،ئىش قىلىش ئۇسلۇبى ئوخشىماسلىقى ناھايىتى تەبىئىي ،نورمال ئىش ،بۇ داۋادا بىز ئۈچۈن مەغلۇپ بولۇش يوق بۇنى بىلەيلى قىرىنداشلار ،بىردىن بىر يول يىڭىش ،ئاتا بوۋىلىرىمىزغا نىسىپ بولغان يىڭىلىش پۇرسەتلىرى بىزگە كەلگەندە پەقەتلا تۈگىدى ،يا يىڭىمىز ،يا ئۆلىمىز ،ياشاشنى تاللامسىز ئۆلۈشنىمۇ ؟ئەمدى ھەقىقى خائىنغا زەربە بىرەيلى ،بىر دۆلەتتە نەچچە پارتىيە تەڭ مەۋجۈت بولۇپ ،شۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئوخشاش دەرىجىدە ئالغا سىلجىتالايدۇ ،بىزنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىمىز چوڭ بىلىدىغان ئىسرائىليە (يەھۇدىلار دۆلىتى ) دە پارتىيە ئەڭ كۆپكەن ،پارتىيەنىڭ كۆپلىكىدە دۇنيادا بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن ،بىردىمۇ شۇنداق ئوخشىمىغان پارتىيەلەر ئۆزلىرى بىرلىككە كىلەلەيدىغان چىقىشالايدىغان ئادەملەرنى ئەتراپىغا يىغىپ داۋانى داۋاملاشتۇرسا ،ھەممە جەمئىيەت، پارتىيە ،ئۆزى قىلالايدىغان دائىرە ئىچىدە داۋانى ئالغا سىلجىتسا بولمايدىغان يىرى يوق ،بىلمىسىڭىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىڭ ،ئۈگىنىدىغان كاللىنى ئانىڭىزنىڭ قوسقىدا قويۇپ كەلمىگەندىكىن ،خىتاينىڭ مەخسىدى خەلقنى باشسىز قويۇپ ،داۋادا كىم توغرا گەپ قىلسا شۇنىڭغا زەربە بىرىپ ئىچىمىزگە بىلىندىرمەي پىتنە تىرىۋىتىپ ۋاقىتنى ئۇتماقچى ،بىزنىڭ ۋاقىتنى ئۇتتۇرۇشقا پۇرسىتىمىز بارمۇ ،بىزنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدىغانغا يەنە ۋاختىمىز بارمۇ سىزنىڭچە ؟بۆشۈكتىكىدىن تارتىپ تۆشۈكتىكىگىچە ئۆلىۋاتىدۇ ،دۇنيا ياردەم قىلمىدى دەيمىز ،ئالدى بىلەن كاپىتان ئۆزىمىز بولغاندا ،كىمىنى توغرا يۆلىنىشتە ھەيدىگەندە باشقىلار يىتەرسىز ،ئاجىز ھالقىمىزغا كىچىككىنە مەلھەم سۈرسە شۇ كۇپايە بولىدۇ ،ھەركەت قىلىۋاتىمىز دەيسىز ،توغرا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز ،ئەمما يىتەرلىك ئەمەس ،خەلقنىڭ كۈچى چەكسىز ،بىز بۇ كۈچنى جايىدا ئىشلىتىشنى بىلىشىمىز كىرەك ،خەلقنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قوياپ كۈچىنى تىقىپ قويغاندا قانداق ئىشلىتىسىز ،شۇڭا دەيدىغىنىم ،پاسسىپ ئىنىرگىيەنىڭ خەلق ئىچىگە تارىلىپ كىتىشىگە يول قويمايلى ،پىكىرلەردە پەرق بولسا ،سەبىر قىلايلى ،تەپەككۈر قىلايلى ،باشقىلارنىڭ سۆزلەش ئۇسلۇبىغا ئىسىلىۋالماي مەخسىدىنى چۈشىنىشنى ئۈگىنەيلى .
قىرىنداشلار ئارتۇقچە ئارازنى قويۇپ بىر پىيالە چاي تۇتاي كۆڭۈل ئاغرىقلىرىمىز يوقالسۇن ،خائىنلارنى ئىنجىقلىتىپ يەر يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاپ ،دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە خەنجەر ئۇرايلى ،قولىڭىزنى بىرىڭ بىللە ماڭايلى .
چوڭلار ياشلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ،كىچىك ئەمەسمۇ قىززىققان كىلىدۇ ،كىچىكلەر سەبىرچان بولۇڭلار ،چوڭلار قوپال سۆزلىگەن بىلەن مەخسىدى توغرا بۇنى كىيىن چۈشىنىپ يەتكەندە كىچىكىپ قالىمىز ،شۇڭا سەبىر ئەڭ چوڭ نىئمەت .
ئۇيغۇر ئۇيۇشتى ،بىزنى ھىچكىم قورقىتالمايدۇ ،ھىچكىم بىزنى يىقىتالمايدۇ ،ھىچكىم بىزنى يوقىتالمايدۇ ،پەقەت ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم بىز يوق قىلىۋىتەلمەيدۇ ،ئاللاھ خالىمىسا دۈشمەن ئاتقان شىلتىڭلىرىنىڭ ھەممىسى بىر تىيىن ،ھەر ئىشتا بىر ھىكمەت بار .بۈگۈنكى كۈنگە قىلىشىمىز ئۆز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن بولغان بولسا ئاللاھقا سىغىنىپ مىھرىبان ئاللاھنىڭ كەچۈرشىنى تىلەيمىز ،بىزنى غەلبىگە ئىرىشتۈردىغان ئاللاھ بىزنىڭ يىنىمىزدا ،مەن ئاللاھنىڭ ئادىللىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن ،ئىتنىڭ ئىنجىقىنى يەردە قويمىغان ئاللاھ بىزنىڭ بۇ ئازاپلىرىمىزغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ ،تىرىشساقلا نۇسرەت بىزگە مەنسۇپ .ئۈمىدلىك بولايلى ،قارشى تەرەپنىڭ ۋاتاسى ئالدىمىزدا ،توپنى مەن كىرگۈزەي ،سىز كىرگۈزۈڭ پەرقى يوق ،شان شەرەپ كۆپچىلىككە مەنسۇپ ،مەغلۇبىيەتمۇ ئوخشاش ،ھەممىمىزگە تەڭ مەنسۇپ ،شۇڭا دۈشمەن ئىنىق ،بۇ قىتىم مەغلۇپ بولساق قايتا دەيدىغان گەپ تارىخىمىزدا يوق ،بۇ ئاخىرقى جەڭ ،توپنى ئۆزىمىزنىڭ ۋارتاسىغا ئەمەس دۈشمەننىڭكىگە قارىتىپ تىپەيلى .
بىر پىيالە چاي تۇتتۇم ،كۆڭۈل ئاغرىقى تۈگىسۇن ،ئارازلار تۈگىسۇن ،چايدىن كىيىن ئەنئەنىمىز بويىنچە ھالۋا تۇتىمەن ،قىرىنداشلىق بىغىمىز چىڭىسۇن ،مەندىن ئۆتكەن يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلڭلار ،جان تەندە ئامانەت ،ھەممىمىزنى بۇ داستىخاندا سىڭىشلىك غىزا بىلەن رىزىقلاندۇرغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن ،ئاخىرىدا بارلىق قىرىنداشلىرىمغا ئاللاھتىن چىدام ،غەيرەت ،ئەقىل پاراسەت ،بىرلىك ئىتتىپاقلىق تىلەيمەن .

ياشىسۇن ئۇيغۇرۇمنىڭ مىھماندوستلىقى !
ياشىسۇن ئۇيغۇرۇمنىڭ كەڭ قورساقلىقى !
ياشىسۇن ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەپۇچانلىقى !
ياشنىسۇن ئۇيغۇرۇمنىڭ يۇلغۇن توغرىقى!

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى