تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 06.02.2018 06:58:53 يوللانغان تارىخ: 06.02.2018 06:58:53 0 5596

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 21 يىللىقىنى ئونۇتمىدى

زالىم تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي تېرورىستلىرىنى غەزەب- نەپرەتلىرى بىلەن لەنەتلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغالچىلىرىغا

‏مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 21 يىللىقىنى ئونۇتمىدى
ئىشغالچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي، دىنىي ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ كۈنسايىن ئىشىشى سەۋەبى بىلەن 1997- يىلى 05- فېۋرال كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە بىر گۇرۇپ ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى، دىنىي ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ كوچىغا چىقىپ تېنچ شەكىلدە نامايىش قىلغان بولسىمۇ، ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك- پوك دېگەندەك قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى بولمىغان نامايىشچىلارنى ئېغىر تىپتىكى قوراللار، يوقرى بېسىملىق سۇ چېچىش ماشىنىسى ئارقىلىق نامايىشچىلغارغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇنلىغان ياشلارنى قىرغىن قىلغان ۋە نۇرغۇنلىغان ياشلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سوتلاپ بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرسە، يەنە بەزىلىرىگە مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ نۇرغۇنلىغان ياشلارنى ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلغان ئىدى. ئەمما مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتكىرى، مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى ئونتۇپ قالمىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ كۈندە، 05- فېۋرال كۈنىنى تەشكىلاتلارنىڭ قىلمىسا بولمايدىغان خىزمەتلىرى قاتارىدا يىللىق خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھەر يىلى 05- فېۋرال كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ شارائىتلىرى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ كۈننى ئەسلەپ كەلدى. بۇ كۈندە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىشىپ خىتايغا بولغان نارازلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش قىلىش، بايانات ئېلان قىلىش، شېھىتلەر كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئوخشىمىغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 1997- يىلى 05- فېۋرال كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى- كېيىن شېھىت بولغانلارنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
بۇ يىلمۇ ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 05- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئەكسىچە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۈنۈمى چوڭ، ھۇسۇلى كۆپ مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 05- فېۋرال غۇلجىدا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى شەھەرلەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن شېھىت بولغانلارنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، زالىم تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي تېرورىستلىرىنى غەزەب- نەپرەتلىرى بىلەن لەنەتلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغالچىلىرىغا قارشى مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى