تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.02.2018 06:01:20 يوللانغان تارىخ: 05.02.2018 06:01:20 0 7367

شىۋېتسىيىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيادا ھايۋانلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداپ ئىگە چىقىۋاتقان ياۋروپانى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈۋاتقان، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغدىشىنى، ئۇلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

شىۋېتسىيىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچى ئالۋاستىلىرى 1997- يىلى 5- فېۋرال كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە تىنچلىق شەكىلدە ئېلىپ بارغان ھەق ھوقۇق نامايىشنى قانلىق باستۇرۇپ نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ياشلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنىڭ 21 يىللىقى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان توختاۋسىز زۇلۇملىرى ۋە ئاتالمىش ( تەربىيىلەش مەركىزى ) نامىدا پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنىپ 45 كۈندىن كېيىن تۈرمىدە شېھىت قىلىنىپ جەسىتى چىقىرىلغان قۇرئان ئالىمى مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قىيىن قىستاقلار بىلەن شېھىت قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 2018- يىلى 04- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار ئورۇق تۇغقان بىرلىكى، شىۋېتسىيە ئىسلام توپلىمى ( مىللىي گۆرۈش ) تەشكىلاتى ۋە شىۋېتسىيە ئۈلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتى قاتارلىقلار يېقىندىن ھەمكارلىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا شىۋېتسىيىنىڭ يىراق يېقىندا ياشايدىغان ئۇيغۇر، تۈرك، تۈركمەن، ئەزەربەيجان ۋە باشقا مىللەتلەردىن بۇلۇپ 400 ئەتراپىدا كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقۇچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى، 2009- يىلى 05- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز دېرەكسىز غايىپ بولغان قەھرىمانلارنىڭ رەسىملىرى بېسىلغان چوڭ ھەجىملىك لوزۇنكا قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈپ خىتايغا قارشى نارازىلىق شۇئارلارنى توۋلاپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىنى زىلزىلىگە سېلىپ خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرىنى ساراسىمىگە سالدى.

نامايىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 69 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن 21 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدا ئېلىپ بارغان ۋەھشىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى شۇنداقلا يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بىخەتەرلىكنىڭ قاتمۇقات ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كۆكيار، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تۇنجى بۇلۇپ تەرجىمە قىلغان قۇرئان ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۇتۇپ كېتىپ قىيىن قىستاقلار بىلەن تۈرمىدە شېھىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھ كۆكيارنىڭ سۆزىدىن كېيىن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى فارۇخ سادۇق ئاكا سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ئارقىدىن سۆز قىلغان شىۋېتسىيە ياۋروپا قۇلۇلۇلۇقلار تەلىم- تەربىيە ۋە مەدەنىيەت ياردەم ۋە ھەمكارلىق ۋەخپىنىڭ ئىلگىرىكى مەسئۇلى ھاككى قورقماز، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى بىر ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيادا ھايۋانلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداپ ئىگە چىقىۋاتقان ياۋروپانى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈۋاتقان، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغدىشىنى، ئۇلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

كېيىن سۆزگە چىققان ئۈلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى، تۈركمەن ۋەكىلى ۋە تۈرك تاشقى ئورۇق تۇغقان بىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاخىرىدا تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ( دىيانەت ) كە قاراشلىق ستوكھولمنىڭ رىنكېبۈي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋەيسەل قىلىچ سۆز قىلىپ، نوپۇسنىڭ كۆپلۈكى ھەرگىز غەلبىنى بىلدۈرمەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ سانى كۆپ ئىدى، مۇسۇلمانلارنى قىسقا ۋاقىتتا يوقىتىشقا پىلان قىلغان ئىدى. ئونۇتمايلىكى بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانبىز، بەدرى ئۇرۇشىدىمۇ مۇسۇلمانلار ئاز مۇشرىكلار كۆپ ئىدى. ئەمما ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش بىلەن سانى مۇسۇلمانلاردىن كۆپ بولغان مۇشرىكلارنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى. ھازىر دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئىقتىسادى كۆپ بولغان خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىكى 35 مىليۇن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، ئەمما دۇنيا كۆرسىمۇ كۆرمەسكە، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋاتىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ زېمىنىنى قوغداش ۋە ئۇ زېمىندا ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئەلۋەتتە ھەققى بار دېگەن ئىمام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا خىتاب قىلىپ، قۇرئان كەرىمدىكى ( مۇسۇلمانلار دىندا قېرىنداشتۇر ) دېگەن ئايەتنى مىسال كەلتۈرۈپ، بىز بىر مۇسۇلمان، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلارغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇمىغا كۆز يۇمساق، دەردىگە دەرمان بولمىساق بىر كۈنى بۇنىڭ ھېسابى بىزدىن سورىلىدۇ، دېدى ۋە ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى بىلەن نامايىش ئاخىرلاشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى