تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 03.02.2018 11:29:11 يوللانغان تارىخ: 03.02.2018 11:29:11 0 6918

ئىشغالچى خىتاي 84 ياشلىق يەنە بىر ئۇيغۇر دىنىي ئالىمنى تۇتقۇن قىلغان

دىنىي ئالىم ئابدۇلئەھەد بارات داموللام بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بالىلىرى ھەتتا نەۋىرىلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرپىدىن

‏ ئىشغالچى خىتاي 84 ياشلىق يەنە بىر ئۇيغۇر دىنىي ئالىمنى تۇتقۇن قىلغان

ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىنىي ئالىملارنى قېرى ياش دېمەي ھەممىنى تۇتقۇن قىلىشتەك رەزىل سىياسىتى داۋاملاشماقتا.
گىرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماسيون مەركىزىنىڭ 2-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي باسقۇنچىلىرى خوتەن شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق 84 ياشتىكى دىنىي ئالىم ئالدۇلئەھەد بارات داموللامنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە سولىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى دىنىي ئالىم ئابدۇلئەھەد بارات داموللام بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بالىلىرى ھەتتا نەۋىرىلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە سولىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
زالىم تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى تېخى يېقىندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بۇلۇپ قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان 82 ياشلىق مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىپ 45 كۈن قىيىن قىستاققا ئېلىش ئارقىلىق شېھىت قىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە 84 ياشتىكى يەنە بىر ئالىمنى تۇتقۇن قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرت قوشماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى