ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 03.02.2018 06:45:02 يوللانغان تارىخ: 03.02.2018 06:45:02 0 5027

شىۋېتسىيىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

پەلەستىن، سۈرىيە، يەمەن، سومالىي ۋە سودان قاتارلىق دۆلەتلەردە زۇلۇم بار دەيمىز، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بۇلۇۋاتقان زۇلۇم ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ

شىۋېتسىيىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ياندۇرۇپ دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان رەزىل سىياسەتلىرىدىن بېرى بولغان ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىرى» نامىدىكى ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلىرىدىن بىرىگە ئېلىپ كېتىلىپ ئارىدىن 45 كۈن بولغاندا تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ شېھىت بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن داڭلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىمنىڭ قايغۇلۇق خەۋىرى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى چوڭ قايغۇغا سالغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمغا قاراشلىق مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بېرى بولغان رىنكېبۈي، تېنستا، گەۋلې ۋە رىسسنېيدىكى سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسجىتى قاتارلىق 4 مەسجىدتە، 02- فېۋرال جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەرھۇم دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىنى ئوقۇغا رىنكېبۈي مەسجىتىنىڭ ئىمامى فەيسەل غوجا، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە ھەدىس كىتابلارنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تارقىتىش ئارقىلىق ئىسلامغا قوشقان تۆھپىسىنى ئاڭلاتتى.
ئۇ يەنە خۇتبىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ زالىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان 30 مىليۇندىن كۆپ مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا سېلىۋاتقان زۇلۇمى، دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە يوق. پەلەستىن، سۈرىيە، يەمەن، سومالىي ۋە سودان قاتارلىق دۆلەتلەردە زۇلۇم بار دەيمىز، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بۇلۇۋاتقان زۇلۇم ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنداق زۇلۇملارنى تارتىشىدىكى جىنايىتى پەقەت ۋە پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىشەنگەنلىكى، نامازدىن ئىبارەت دىنىي ئىبادەتلەرنى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن دىن مىللەت تونۇمايدىغان خىتاي ئۇلارغا زۇلۇمنى ئاشۇرماقتا، دۇنيادا بىرەر ھايۋانغا بىرەر ئەرزىيەت كەلسە چىدىمايدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغدايدىغانلار، ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغدايدىغانلار شەرقىي تۈركىستاندا ئۈلۈۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى كۆرمەيۋاتىدۇ، 82 ياشتىكى مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ جىنايىتى نېمە؟ ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمە قىلىشىمۇ؟ ياشانغان بىر ئادەمنى تۇتۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈش بۇ نۇمۇس قىلارلىق بىر ئىش، دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن ئىمام، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى 04- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى سائەت 14:00 خىتاينىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا، نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ نامايىشقا بىر مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قاتنىشىشىمىز كېرەك دېدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى