تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 17.12.2017 05:45:12 يوللانغان تارىخ: 17.12.2017 05:45:12 0 3349

تاشقى كېيىم بىزنىڭ كىملىكىمىزنىڭ ئىسپاتى

بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كۆينەك ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن كېيىم كەيگەنلىكىنى تارىخىي رەسىملەرگە قاراپ بىلىۋالالايمىز

‏تاشقى كېيىم بىزنىڭ كىملىكىمىزنىڭ ئىسپاتى

ھەرقانداق بىر ئىدارە ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر شۇ ئىدارىنىڭ خىزمەت كىيىمىنى كېيىدۇ. ھەرقانداق بىر كىشى ئۇ خىزمەتچىنى كۆرگەن ھامان ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدۇ. شۇنداقلا ھەرقانداق بىر دىننىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دىنىي كىيىملىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ھەربىر مىللەتنىڭ ھەم مىللىي كېيىم كېچەك مەدەنىيىتى ھەم بولىدۇ. ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىگە قاراپ ئۇنىڭ قايسى دىن ياكى قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. ئىسلام دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ كېيىم كېيىش جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلىمە بار، يەنى ئاياللارنىڭ كېيىملىرىنىڭ كەڭرى، ئوزۇن ۋە قېلىن دېگەندەك، ئەمما رەڭ جەھەتتە چەكلىمە بارمۇ يوق ئۇنى بىلمەيمەن. بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كۆينەك ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن كېيىم كەيگەنلىكىنى تارىخىي رەسىملەرگە قاراپ بىلىۋالالايمىز. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆز مىللىي كېيىملەرنى كېيىش ئادەتلەنگەن. پەقەت دىنىي ئېتىقادى چىڭ دەپ قارالغان ئاياللار يۈزىنى قېلىن ياغلىقلار بىلەن يۈزىنى يېپىپ يۈرەتتى. يېقىنقى يىللاردا ئاياللارنىڭ كېيىنىشىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ ئېتىقادى چىڭلار قارا كېيم كېيىشكە، ئېتىقادى سۇسلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كېيىملىرىنىمۇ سېلىپ مودىلىشىپ يېرىم يالىڭاچلىنىشقا باشلىدى. ئېتىقادىنى ساقلاش، ئاللاھقا بولغان سادىقلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوزۇن، كەڭرى ۋە قېلىن كېيىم كېيگەن ئاياللارنىڭ بۇ خىلدىكى ياسىنىشلىرى ئەلۋەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغمىغىلى باشلىدى.
ئالدىنقى ئايدا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى خىتاينىڭ خالىشى بىلەن تۈركىيە تۈرمىسىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچان ئاكىمىزنىڭ (مىللىتىم ئۇيغۇر، دىنىم ئىسلام، ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان، دۈشمىنىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى) دېگەن ئىدىئولوگىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر تورلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن، مەزكۇر پائالىيەتنى قوللاپ بىر گۇرۇپ ئاياللار كۆزىدىن باشقا يېرىنى تۇلۇق ياپقان ھالەتتە شوئار توۋلىغان بىر سىن كۆرۈنۈشى فېيىسبۇك ۋە ۋاتىسئاپ گۇرۇپپىلىرىدا كەڭ تارقالغان ئىدى. ئۇ سىن كۆرۈنىشى يوللىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ سىن كۆرۈنۈشتىكى ئاياللارنىڭ كېيىنىشى توغرىسىدا بەزى كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇ خانىم قىزلارنىڭ كېيىملىرىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىيىمى ئەمەس، ئۇ ئەرەبلەرنىڭ دېسە، يەنە بەزى كىشىلەر قۇرئاندا ئۇنداق كېيىنىڭ دەپ يوق ئۇ خىلدىكى كىيىملەر ئەرەبلەرنىڭ ياكى ئىرانلىقلارنىڭ كىيىملىرى دەپ بۇلبۇلدەك سايراشقا باشلىدى.
ئەسلىدە ئىسلامدا ئاياللارنىڭ كەڭرى، ئۇزۇن ۋە بەدىنى كۆرۈنمىگىدەك ھالەتتە قېلىن كېيىنىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان بولغاچقا، بەزى خانىم قىزلار بۇ خىلدىكى كىيىمنى ئىسلامغا لايىق دەپ چۈشەنگەچكە شۇنداق كىيىنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ خانىم قىزلار قانداقتۇ ئىسلامىي كىيىنىش مۇنداق بولىدۇ دەپ ئېلان قىلماستىن نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشىنى، دۈشمىنىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلەرگە ئۆزىنىڭ دىنىي كىملىكى، مىللىي كىملىكى ۋە دۈشمىنىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىۋاتقان بىر كۆرۈنۈش بەزى كىشىلەرگە رەكسىيە قىلدىمۇ تۇرالماي قالدى. ئەسلىدە بۇ بىر خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى. دۈشمەنگە قارشى ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئۆزلىرىنى نامايان قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بەزى كىشىلەر ئۇ خانىم قىزلارنىڭ كېيىنىشىدىن خوشلانمىدى ۋە خۇددى قەپەس ئىچىگە كىرىپ قالغان قۇشلاردەك تىپىرلاپ ئۇلارنىڭ كېيىنىشلىرىنى خاتاغا چىقىرىش ئۈچۈن ھەرخىل باھانە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشتى، يەنە بەزىلەر مەخسۇس ئۇلارنىڭ كېيىنىشى توغرىسىدا ئالىملاردىن پەتىۋا سوراشقا ئۈلگۈردى. بىزنىڭ سورايدىغىنىمىز ئىسلامىي كىيىم كەيگەنلەرنىڭ كېيىنىشلىرىنىڭ توغرا- خاتاسى، قۇرئاندا بار- يوقلىقى ئەمەس. جەمئىيەتتە يۈرگەن بېشى ئوچۇق، بوينى ئوچۇق يېرىم يالىڭاچ يۆرۈش توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىستە بارمۇ يوق، ئەگەر بار بولسا ئۇنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟ مۇكاپات ۋە جازاسى نېمە دەپ سورىشىمىز كېرەك ئىدى. يەنە بەزىلىرى بۇخىلدىكى كېيىملەرنى ئەرەبلەر ۋە ئىرانلىقلارنىڭ كېيىمى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس دېگەنلەرمۇ ھەم بولدى. شۇلاردىن شۇنداق سورىغىم كەلدى، سىز ئەر بولسىڭىز خوتۇن قىزلىرىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كېيىملىرىنى كېيەمدۇ؟ ئەگەر سىز ئايال بولسىڭىز نورمال ھاياتىڭىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كېيىملىرىنى كېيىپ يۈرەمسىز؟ سىز ھاياتىدا قانچە قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كېيىمىنى كەيدىڭىز؟ سىزنىڭ قانداق كېيىنىشىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ كارى يوقكەن، سىزنىڭمۇ ھەم باشقىلارنىڭ كېيىنىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. ئىنساپ قىلايلى. بەزىلەر ئۇلارنىڭ قارا ئوزۇن كېيىنگەنلىرىگە قاراپ بۇنداق كېيىنىش بىزنىڭ سىياسىي داۋايىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەيدۇ. قايسى ئايالنىڭ قايسى داۋاغا توسقۇنلۇق قىلدى بۇ نامەلۇم. ئۇنداق دېيىش پەقەتلا ئارتۇقچە خۇدۇكسىرەشتىن ئىبارەت. خۇددى نامايىشلاردا ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە خىتاي تېررورىست قالپىقىنى كېيدۈرۈپ داۋايىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ گۇمان قىلىش بىلەن ئوخشاش. ۋەتەننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان، خىتايلار ۋەتەندە دىنىي ئېتىقادى چىڭ بولسۇن ياكى، سۇس بولسۇن خىتايلاشمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىنى تۇتقۇن قىلىش، نەزەربەندىگە ئېلىش، نامى ئوخشىمىغان تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىش ئارقىلىق جازالىماقتا.
دىنىي ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ داۋاغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر مۇمكىن دېسەك تىبەتلەرنىڭ روھانىسى دالاي لاما قىش ياز بىر مۈرىسىنى ئۇچۇق قۇيۇپ يۈرۈيدۇ، ئۇ شۇ ھالەتتە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە بېرىپ نوتۇقلارنى سۆزلەش، سىياسەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئېتىقادى ۋە كېيىنىشى ئۇنىڭ داۋاسىغا توسقۇنلۇق قىلمىدى. بەلكى خەلقئارادا يۇقرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئەمما بىزنىڭ داۋايىمىزچۇ؟ بىزنىڭ داۋايىمىزغا توسقۇنلۇق بولغىنى بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ۋە دىنىي ئېتىقادىمىزنىڭ كۈچلۈكلىكىنى نامايان قىلىدىغان كېيىملىرىمىز توسۇپ قالدىمۇ؟ مېنىڭچە بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە كېيىملىرىمىز ئەمەس بەلكى بىزنىڭ داۋايىمىزغا بولغان ساداقەتمەنسىزلىكىمىز، بىر- بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچىسىزلىكىمىز، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقسىزلىقىمىز، گۇرۇپپىلاردىكى خاتا چۈشىنىشلەر بىزنىڭ داۋايىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
بىز چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسەن خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ (ھىجرەت قىلىپ) چىققانلار، ۋەتەندىن چىقىپ ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كەلگىنىمىزدە ھەممىمىزنىڭ دەيدىغان گېپىمىز بىز ۋەتەندىن ئاچ قېلىپ جان باقالماي چىقتۇق دېمىدۇق ھەم دېمەيمىز. دەيدىغىنىمىز بىز زۇلۇمغا ئۇچرىدۇق، دىنىمىز دەپسەندە قىلىندى، دىنىي ئېتىقادىمىز بىلەن ياشىيالمىدۇق، تىلىمىز چەكلەندى، خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىمىزنى چەكلىدى، ئەرلەر ساقال قويالمىدۇق، ئاياللار ئىسلامىي كېيىملەرنى كېيەلمىدى، خىتايلار مەدەنىيىتىمىز يوق قىلدى دەيمىز.
ئەركىن دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز، ئەمما ئەركىن دۆلەتلەردە ۋەتەندە چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىرىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۋاتىمىز؟ ئۆزىمىز قىلىش قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەمەل قىلغانلارنى ھەرخىل باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ ھاقارەتلەپ دۈشمەننى خوش قىلىۋاتىمىز. بىزدە ئوينىساڭمۇ ئولاپ ئوينا، سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلەي دەيدىغان تەمسىلىمىز بار، شۇڭا گەپ قىلغاندا ئىنساپ بىلەن ئويلاپ گەپ قىلىشىمىز لازىم. يەنە كېلىپ شۇ ئاياللارنىڭ كېيىملىرى توغرىسىدا بىلجىرلاشقانلارنىڭ ئاغزىدىن ھە دېسە ئاتالمىش دېموكراتىيە چۈشمەيدىغان كىشىلەر، ئەلۋەتتە يېرىم يالىڭاچ كېيىنگەن ئاياللارنىڭ شۇنداق كېيىنىشتە ئۆزلىرى تاللىغان ۋە شۇلارنىڭ قىلغىنى دېموكراتىيىگە چۈشىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ قانداق كېيىنىشنى ھەم تاللاش ھەققى يوقمۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلغىنى دېموكراتىيىگە ئۇيغۇن ئەمەسمۇ؟ دۇنيادا دېيىلىۋاتقان ئاتالمىش دېموكراتىيە زادى كىملەرگە خاس؟ ئەگەر بۇ دېموكراتىيىنى ھەممە ئادەم قوللىنالىسا ئۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ كېيىنىشىگە ئارلىشىۋېلىش ئۆزىمىز دەۋاتقان دېموكراتىيىگە خىلاپ، شۇڭا گېپىمىزدە راستچىل بولايلى.

قىساسكار يىگىت

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى