ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 10.12.2017 09:14:40 يوللانغان تارىخ: 10.12.2017 09:14:40 0 12199

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدرىسىسىدىن ساماغا كۆتۈرۈلگەن روھ: ئابدۇلھەمىت داموللام

«زۇلۇم» ئاشقانسىرى قىيامەتنى يىقىنلاشتۇرۇپ، قەلبلەرنىڭ تەختىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغان، يوق قىلىنغان جايلاردا بولسا،

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدرىسىسىدىن ساماغا كۆتۈرۈلگەن روھ: ئابدۇلھەمىت داموللام

كىرىش سۆز

ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ھەسسە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان 40 تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ ئايلاردىن بېرى داۋاملاشقان تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 40 ماقالىدىن تەشكىل تاپقان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە جانلىق تىل بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن "BİR DIRAM, KIRK KELAM" «بىر تىرادېگىيە، 40 سۆز؛ شەرقىي تۈركىستان» ناملىق تۈركچە كىتاب نەشىردىن چىقتى.

ئەسلىدە موزكۇر كىتابتا ئورۇن ئالغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى شۇنداقلا بۇ 40 ئوقۇغۇچى گۇرۇپپىسىدا ئاكتىپ ئەزاسى ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى تۈرك ھەمشىرىمىز مەنشۇرە يىلماز بۇ لايىھە ھەققىدە رامىزان ئېيىدىلا ماڭا مەلۇمات بېرىپ، بەزى مەنبە خاراكتېرلىك ئەسەرلەرنى تەۋسىيە قىلىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەنمۇ بىلگىنىمچە بەزى تەۋسىيەلىرىمنى بەرگەن ئىدىم. مانا ئەمدىلىكتە بىر قانچە ئايدىلا بۇ كاتتا كىتاب پۈتكەنلىكىنىڭ خۇشخەۋىرىنى يەنە شۇ ھەمشىرىمىز ئۆزى ماڭا خەۋەر قىلدى. ئاتايىن ئىش ئورنۇمغا ئىزدەپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ماقالىسى بىلەن قوشۇپ، كىتابتىن 2 نۇسقا ھەدىيە قىلدى ۋە كىتاب بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى بىرىنچى بولۇپ بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مەنمۇ سىڭلىمىزغا ۋەدە بېرىپ كىتاب بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى بىرىنچى بولۇپ ئوقۇغان كىشىلا ئەمەس، بەلكى ئىچىدىكى ماقالىدىن بىرەرسىنى بولسىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، بىرىنچى بولۇپ شەرقىي تۇركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا سۇنغان كىشى بولۇش بەختىيارلىقىغا سازاۋەر بولۇشنىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.

شۇنىڭ بىلەن تۈرك سىڭلىمىز مەنشۇرە يىلمازنىڭ شېھىت ئابدۇلھەمىت داۋمۇللام ھەققىدىكى بۇ ماقالىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىش ۋە سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇنۇشتەك بىر شەرەپكىمۇ مۇيەسسەر بولغان بولدۇم. ئاللاھقا چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇن!

بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئىنشائاللاھ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇتقۇچى، ئاكادېمىكلىرىمىزگە ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئىلھام مەنبەسى بولۇپ قالغاي ئامىن!

«وَمَا تَوْفِيقِي إِلاَّ بِاللّهِ» «ئاللاھ خالىمىغان بولسا، ھېچ بىر ئىش قولۇمدىن كەلمىگەن بولاتتى»[1]

 

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدرىسىسىدىن ساماغا كۆتۈرۈلگەن روھ: ئابدۇلھەمىت داموللام

 

بىر لەنەتلىك سۆز باركى، تەگكەنلا جاينى سورۇپ ۋەيران قىلىدىغان، ئىگىسىدىن رەھىم-شەپقەتنىڭ زەررىسىنىمۇ قويماي يۇلۇپ تاشلىسا، زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۇچقۇر ئاتلارغا مىندۈرۈپ ساماغا ئۇزۇتۇپ قويىدىغان...

زۇلۇم!!!!

«زۇلۇم» ئاشقانسىرى قىيامەتنى يىقىنلاشتۇرۇپ، قەلبلەرنىڭ تەختىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغان، يوق قىلىنغان جايلاردا بولسا، ئادىمىيلىكنى ياشنىتىپ، مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلىدىغان...

«زۇلۇم» نىزامۇلمۇكنىڭ، «دۆلەتلەر كۇپىرلىق بىلەن ياشنىشى مۇمكىن ئەمما زۇلۇم بىلەن ياشنىمايدۇ» دېگىنىدەك... ياكى قابىلنىڭ ھابىلغا ھەتتا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز نەپسىگە قىلغىنى بىلەن باشلانغان[2]، قىسقىسى، ئادەمنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھانى بىلەن تەڭ ياشقا كىرگەن... ئەنە شۇ كۈندىن بۈگۈنگە قەدەر ئازلىماي داۋاملىشىۋاتقان... خۇددى جەمىل مەرىچنىڭ ئېيتقىنىدەك «ئۇ بار يەردە بىتەرەپ تۇرۇش نۇمۇسسىزلىق» ھېسابلىنىدىغان... مانا بۇ «زۇلۇم»، خۇسۇسەن بۈگۈنكى كۈندە كۆرگەن كۆزلەرگە نىسبەتەن دۇنيانى ۋەيران قىلغان، ئادىمىيلىكنى سەكراتقا چۈشۈرۈپ قويغان ھالەتتە تۇرماقتا.

تولۇقى بىلەن ئېيتقاندا «زۇلۇم»نىڭ ئىككى بىسى بولىدۇ. بىر تەرىپىدە زالىم، يەنە بىر تەرىپىدە مەزلۇم بولىدۇ. بىزلەر زالىم بولۇش بىلەن ئەمەس، مەزلۇم بولۇش بىلەن نەسىھەتلىنىمىز، زۇلۇمنىڭ يالغۇز ئىنسانىيەتكە قارشىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەخلۇقلارغا قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مانا بۇ نۇقتىدىن بىزگە نىسبەتەن چىمغا دەسسەشمۇ بىر خىل زۇلۇم ۋە چىممۇ مەلۇم جەھەتتىن بىر مەزلۇم ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك «زۇلۇم»نىڭ ئەڭ قاتتىقى ۋە ئەيىبلەشكە ئەڭ لايىقى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ئىنسانغا قىلىنغان زۇلۇم ئىكەنلىكىنىمۇ ياخشى بىلىمىز. يەنە كېلىپ، بۇ زۇلۇم نەبىيلەرنىڭ نەبىيسى مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىگە قىلىنسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈممەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەشۇ «زۇلۇم»لار راۋا كۆرۈلگەن بولسا، تېخىمۇ لەنەتلەشكە تېگىشلىك بولغىنى- ئەلۋەتتە.

ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتىنى «ئۈممەتنىڭ قاناۋاتقان يارىسى» دەپمۇ ئاتايدىغان بىر سۆزىمىز بار! ئەمدىلىكتە ئۇ سۆزمۇ ئەھمىيتىنى يوقۇتۇپ بولدى. ئۈممەتنىڭ قانىمايدىغان يارىسى قالمىدى. مانا بۇ قان ئېقىنى ئىچىدىكى ئۈممەتنىڭ قاناۋاتقان يارىلىرىدىن بىرسى شەرقىي تۈركىستاندۇر. تۈرك مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا زۇلۇم، قىيىن - قىستاقلارنىڭ بارلىق تۈرلىرى راۋا كۆرۈلىدىغان دىياردۇر.

بۇ دىياردا تارىختىن بېرى دائىم دېگۈدەك ئەنە شۇنداق قېيىن قىستاقلار ۋە دەرت - ئەلەملەر ئىچىدە يېتىشىپ چىققانلىقىغا بىز شاھىت بولغان كاتتا ئەربابلاردىن بىرسى دەل ئەبدۇلھەمىت داموللامدۇر.

يۇقىرىقى قۇرلارنى يېزىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى «شەرقىي تۈركىستانلىق دىنىي ئالىم ئابدۇلھەمىت دامۇللام خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىندى» دېگەن خەۋەر قۇرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇق. ئابدۇلھەمىت داموللامنىڭ ئۆزى بىر مۇسۇلمان، ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە ئىلمىنى ئەتراپقا قوياش مىسالى يايغانلىقى ھەمدە مىللىتىنىڭ ئۈمىدى ۋە تايانچ كۈچىگە ئايلانغانلىقى ئۈچۈنلا قانچىلىغان يىللارغىچە خىتاي زىندانىغا تاشلانغان ۋە قىيىن - قىستاق بىلەن تۈرمىدە شېھىت قىلىنغان بىر ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. خەۋەر مۇنداق داۋاملىشىدۇ:

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى 40 يىللىق تارىخى يويىچە، ئىسلامىي تۇرمۇش ئەنئەنىسىنى قوغداش ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم زاتلاردىن بىرى، دىنىي ئالىم، مۇدەررىس ۋە مائارىپچى ئابدۇلھەمىت داموللام خىتاي تۈرمىسىدە قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ھەممىمىز چوڭقۇر قايغۇغا چۆمۈلدۇق. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ روھىنى شاد، ماكانىنى جەننەت، شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن. ئازابقا چۆمگەن ئائىلىسى ۋە دوست – بۇرادەرلىرى بولۇپمۇ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سەبىر - تاقەت ئاتا قىلسۇن»

دەرەۋەقە، فارابىنىڭ، «بىر مىللەتنىڭ ئالىملىرى ۋاپات بولغان چاغدا ئالىملارغا كۆز يېشى قىلماڭلار، بەلكى ئالىملىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەشۇ مىللەتكە يىغلاڭلار» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. دېمىسىمۇ ئالىمىمىز ئابدۇلھەمىت داموللام شاھادەت مەقامىغا يەتتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئۆز قىسمتىگە كۆز يېشى قىلماقتا.

خەۋەردە مەرھۇم شېھىت ئۇستازنىڭ مۇجادىلىسى قىسقىچە مۇنداق تۇنۇشتۇرۇلغان ئىدى:

«مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىت داموللام قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاق بېشى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كېيىن قەشقەر شەھەر مەركىزىگە يەرلەشكەن ئىدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرلىرىدىن بىرى بولغان ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە، ئەينى چاغدىكى نوپۇزلۇق دىنىي ئالىملاردىن زەينۇل ئابىدىن مەۋلىۋى داموللام ۋە ئابدۇررەشىد قارى ھاجىملاردىن دەرس ئالغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامىي نۇقتىدىن قىسمەن ئەركىنلىك پەيدا بولغان 1984 – يىلىدىن باشلاپ ئەنئەنىۋىي تۈستە قېلىپلىشىپ قالغان، پارىسچە ۋە ئەرەبچە سۆزلەر كۆپ ئىشلىتىلگەن، ئومۇمىي خەلق ئاسان چۈشىنەلمەيدىغان روھسىز ۋەز، دەرس ۋە خۇتبىلەرنىڭ ئورنىغا، بىۋاستە تۇرمۇشنىڭ يېڭى مەسىلىلىرىنى تېما قىلغان ۋە ھەممەيلەن ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي تىلدا خۇتبە سۆزلەش ۋە دەرس بېرىشنى قانات يايدۇرغان ئىدى. 1984- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە ئۆزى بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىپ سالدۇرغان تۇققۇزتاش جامەسىدە ئىمام - خەتىپلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردى. 1980 - يىلدىن تاكى ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىنغان 1996 – يىلىغا قەدەر زامانىۋى دۇنياغا ماس، بىلىملىك ۋە ۋىجدانلىق يۈزلىگەن مۇسۇلمان زىيالىي ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە مائارىپ باشلامچىسى بولغان ئىدى. خەلقنىڭ روھسىز، پاسسىپ، قالاق دىنىي چۈشەنچىلەردىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا ساھەسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان، ھەتتا كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسىنىمۇ مەغلۇپ قىلالايدىغان ھەققىي ئىسلامىي ئاڭغا ئىگە بولىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى.

ئابدۇلھەمىت داموللام 1989 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە تىل -تېخنىكا مەكتىپىنى ئېچىپ، مىللىي ۋە دىنىي ئاڭغا ئىگە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىشىگە ھەمدە تىبابەت ۋە سىستىرالىق ساھەلىرىدە كەسىپ ئىگىسى بولۇپ، يېتىلىپ چىقىشىغا باشلامچىلىق قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە زامانىۋىي تىبىي ئەسلىھەلەرگە ئىگە شەھەرلىك تىل - تېخنىكا مەكتىپى دوختۇرخانىسىنى ئېچىپ، يوقسۇل كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىدا ھەقسىز داۋالىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

1996 – يىلى 12 – نويابىردا تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى قىسىملىرى مەكتەپكە باستۇرۇپ كېلىپ، ھەممە نەرسىنى مۇسادىرە قىلغاندىن سىرت، مەكتەپنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاپتوبوسلارغا مەجبۇر بېسىپ قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، مەكتەپنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەلىم -تەربىيە مەركىزىگە ئايلاندۇرۇۋالدى.

ئابدۇلھەمىت داموللام مەكتەپ قۇرۇلغاندىن تاكى تاقالغان ۋاقتىغىچە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، غالجىر خىتاي ھۆكۈمىتى مەكتەپنى مۇسادىرە قىلىش بىلەنلا قالماستىن، ئابدۇلھەمىت دامۇللامنىڭ ئىماملىق قىلىشى، ۋەز - تەبلىغ بىلەن شۇغۇللىنىشى، نىكاھ ئوقۇشى ھەتتا بوۋاقلارغا ئىسىم قويۇشى قاتارلىق بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويدى. قەشقەر شەھەر چاسا كوچا جاڭقورغان مەھەللىسىدىكى ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىپ، دەرۋازىسى ئالدىغا ئىككى ساقچىنى تىكلەپ، ئۆيىنى گويا تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئابدۇلھەمىت داموللام 20 يىلدىن بۇيان نەزەربەنت قىلىنغان ئۆيىدىن ئۇدۇللا تۇرمىگە ئېلىپ بېرىلىپ، 80 ياشقا كىرىپ قالغانلىقىغا قارىماستىن، بىر قانچە ئايغىچە ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىش ئارقىلىق ئالدىنقى ھەپتە شېھىت قىلىندى»

بۇ خەۋەرنى ئوقۇغان ۋە تەرجىمېھالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇپ چوڭقۇر تەپەككۇرغا شۇڭغۇغان چېغىمدا، شېھىت ئابدۇلھەمىت داموللامنىڭ سىماسى كۆزلىرىم ئالدىدا جانلىنىشقا باشلىدى. زۇلۇم ئىچىدە تۇرۇپ، زۇلۇمغا قارشى قەلەم بىلەن ئېچىلغان بىر ئۇرۇش... قەتئىي بويۇن ئەگمەسلىك... ئىلىمگە ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مەھكەم ئېسىلىش... تۈرمىلەردە ئۆتكەن پۈتۈن بىر ئۆمۈر... بۇ گويا ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامدىن مىراس ئالغان بىر ھايات...

شېھىت ئابدۇلھەمىت داموللام تۈرمىدە ئاخىرىقى تىنىقىنى بېرىۋاتقان چاغدا، مانا بۇلار بىر قۇر كۆزلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن بولىشى مۇمكىن. ئابدۇلھەمىت داموللام كۆزلىرىنى بىزگە تىككەن بولۇشى، بىز تۈرك قېرىنداشلىرىغا ۋە پۈتۈن ئۈممەتكە تىككەن بولۇشى مۇمكىن ۋە ھەممىمىزگە بىر ئاخىرىقى سۆزىنى قىلىۋالغۇسى... بىر ۋەسىيەت قىلغۇسى كەلگەن بولۇشى مۇمكىن... ئۇنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغىنىنى قۇرغا يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق. دەل مانا ھازىر مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا يۈرىكىمىزدە پەيدا بولغان ھېسلار... مانا ھازىر قەلبىمىزگە پۈتۈلۈۋاتقان تۇيغۇلاردۇر.... ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى... ئۇنىڭ ئاخىرىق سۆزلىرى...

ئەنە ئابدۇلھەمىت داموللام خىتاي تۈرمىسىدىكى ۋەھشايانە قىيىن-قىستاق دەستىدىن ھالى قالمىغان ۋۇجۇدى ۋە ھەرىكەتسىز يۇمۇلۇشقا باشلىغان كۆزلىرى بىلەن ئاخىرىقى قېتىم بىزلەرگە قەلب سۆزلىرىنى دېمەكچى... يالغۇز ئابدۇلھەمىت داموللاملا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مىڭىلغان، مىليونلىغان زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىزگە بۇرۇلۇپ، كۆزلىرىنى بىزگە تىككەن ھالدا، قەلب سادالىرىنى شىۋىرلىماقچى... بىزگە ۋە پۈتۈن ئۈممەت ياشلىرىغا ئاخىرىقى سۆزلىرىنى قىلماقتا.... ئۇلارنىڭ بۇ ئاخىرىقى سۆزلىرىنى ۋەزىپە بىلىش باش تارتىپ بولالماس بۇرچىمىزدۇر، ئەلۋەتتە.

«زۇلۇم» شەرقىي تۈركىستاندا، ئاراكاندا، پەلەستىندە، ھەلەپتە، ئىدلىبتا، چېچەنىستاندا جۈملىدىن ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئايىغى تەككەن ھەممىلا يەردە داۋاملاشماقتا. ئەمما ئەقىللەرنى ھەيرەتكە سىلىۋاتقان ئىش، ئۆزى مەزلۇم ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بولمىغان ۋە زالىممۇ ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بىزلەرنىڭ قايتۇرغان ياكى قايتۇرالمىغان ئىنكاسلىرىمىزدۇر.

ئەجىبا «كىنو كۆرۈنىشى» دەپ بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا ئىكرانلاردىكى ئۆلگەن ئىنسانلارغا قۇپ - قۇرۇق كۆزلىرىمىز بىلەن قارايدىغان بولۈپ قالدۇقمۇ؟

«زۇلۇم» پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ تەبىئىتىگە پۈتۈنلەي زىت بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇنچە كۆپىيىپ، دات باسقان قەلبلىرىمىزدە مەۋجۇتلۇقى يېپىلغان ۋە كامالەتلىك روھلىرىمىزدا ياپراق تىترىگەنچىلىك ھەرىكەت پەيدا قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندىمۇ؟

بۇ سوئاللار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەمەس، ئالدى بىلەن سورىغۇچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ نەزىرىدىكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىدىن سورالماقتا.

شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، بۇنىڭ جاۋابىنى ئۆزىگە بېرەلىگەنلەرنىڭ باشقىلارغا دېيىشىنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.

ئاللاھ شېھىت ئابدۇلھەمىت داموللامنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا قوشنا قىلسۇن، ئامىن!!!

 

ئاپتورى: مەنشۇرە يىلماز (قانۇن فاكولتېتى ئوقۇغۇچىسى)

ئۆزلەشتۈرپ تەرجىمە قىلغۇچى: مىركامىل كاشغەرىي

 

[1] - سۈرە ھۇد/ 88 – ئايەت
[2] - سۈرە بەقەرەگە قارالسۇن

مەنبە: تۈركىستان ۋاقتى

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى