ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 10.02.2018 03:40:16 يوللانغان تارىخ: 10.12.2017 05:39:58 0 12483

دىن بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ۋە (sekularism)

ھەر خىل دىنلار ئارىسىدا كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىۋاتقان سەلبى رىقابەت، بىر بىرىنى دەلىل ئىسپاتسىز قارىلاش، ھەر خىل دىندارلارنىڭ مەلۇم

دىن بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ۋە (sekularism ) سىكولارىزىم


ئابدۇللا كۆكيار


ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرىمىزگە قەدەر ياشاپ ئۆتكەن ئومۇمى ئىنسانىيەت تارىخىغا ئىلمى نۇقتىدىن نەزەر سالغىنىمىزدا، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلىرىدە ياشىغان ھەر قانداق بىر قەۋم،مەيلى چوۋالچاق قەبىلە شەكلىدە ياشىسۇن، مەيلى ئوخشاش بىر تېرىتوريەدە ياشىغان بىرنەچچە قەبىلە ۋە ئايماق ئىتتىپاقلىشىپ بىر مىللەت توپلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ مۇنتىزىم دۆلەت قۇرۇپ ياشىسۇن، مەيلى ئىلىم پەن ۋە ھەرخىل سانائەت راۋاج تاپمىغان ئىپتىدائى تاش قۇرال دەۋرىدە ياشىسۇن، توغرا خاتا بولىشىدىن قەتئى نەزەر، بىرە دىنغا چوڭقۇر ئېتىقاد قىلماي ۋە ياكى ئەڭ ئەقەللىسى تەبىئەتتىكى  بىرە شەيئىنى يۈزەكى بولسىمۇ ئۇلۇغلىماي ياشاپ باققان ئەمەس.
يەر شارىدا بۇنىڭدىن بىر نەچچە مىڭ يىل مۇقەددەم  ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانىيەت تارىخىنى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىش يۈزىسىدىن، قۇم دۆۋىسى ئاستىدا قالغان قەدىمى شەھەر خارابىلىقلار ئىنچىكە قېزىپ تەكشۈرۈلگەندە، كۆپىنچە ھالدا بىرە دىننىڭ قائىدە يۇسۇنلىرى بويىچە دەپنە قىلىنغان جەسەت(مۇمىيا)لار پارچىلىرى، بىرە دىنغا ئائىت بۇت- ھەيكەللەرنىڭ ساپ ساق گەۋدىلىرى، ئەينى دەۋىردە ئىشلتىلگەن مەدەن پۇللار، ھەربى قوراللار ۋە باشقا تۇرمۇش بويۇملىرى ئارخىلوگلارنىڭ كەتمەن كۈجەكلىرىگە تەڭ ئىلىنىپ چىقىدۇ. مەدەنى يادىكارلىقلار قاتارىدا قوغدىلىۋاتقان ساپ- ساق قەدىمى شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىش ئۇچۈن كەزگىنىمىزدىمۇ، ئەشۇ شەھەرلەردە قەد كۈتۈرۈپ تۇرغان بىنالار ئارىسىدا ھەشەمەتلىك ئىبادەتخانىلارنىڭ مۇنارلىرى ئەڭ ئەۋۋەل كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.كۆز ئالدىمىزدىكى ئۇشبۇ تارىخى رىئاللىقلار ئەزەلدىن دىن بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل ھالدا بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ داۋاملاشقانلىقتىن ئىبارەت رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
شۇنداق…ئوزاق تارىخنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە ھەرخىل شەرت شارائىت ئاستىدا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت يارىتىپ دۇنيانى پەيدىن پەي گۈللەندۈرۈپ ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىنسانىيەت ئائىلىسى بىزگە ئوخشاش،تىكنلوجىيە دەۋرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇپ،ئەقىللىق تېلېفون،ئالما كومپىيوتېر ئىشلىتىشكە سازاۋەر بولالمىغان بولسىمۇ،بىرە دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روھى دۇنياسىنى نۇرلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان ئەمەس.قىسقارتىپ ئېيتقاندا ئىنسانلار مەلۇم بىر دىنغا چىن دىلىدىن چوڭقۇر ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىپ، ياكى ئەڭ ئەقەللىسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەلۇم بىر شەيئىنى دوگما ھالدا ئۇلۇغلاپ،ئۇنىڭدىن بەرىكەت تىلەپ ئادەتلەنگەن.
دۇنيا تارىخىنىڭ ھەرقانداق بىر دەۋىردە قۇرۇلغان ھەر قانداق بىر نورمال دۆلەت، ئەشۇ دەۋىردىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى، مال مۈلۈك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداپ، ئۆز ئىچىدە سادىر بولغان جىنايەت ۋە ھەق داۋا ئىشلىرىنى ئادىل بىتەرەپ قىلىش مەقسىتىدە،خەلىق ئارىسىدىن تاللانغان مۇنەۋۋەر ئۆلگىلىك شەخىسلەر تەرپىدىن قۇرۇلغانلىقى ئۇچۈن، دۆلەتنى كىملەر قۇرسا شۇلارنىڭ دىننى ئېتىقاد ۋە ئەخلاقى قىممەت قاراش ئۆلچەملىرى، ئەشۇ قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىنى چىقىرىشتىن باشلاپ تاكى ئۇنى ئىجرا قىلىپ يۈرگۈزۈشكە قەدەر جەريانلارغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ بېشىغا كىم كىلىپ ئۇنى ئىدارە قىلسا،شۇلار ئۆز ئېتىقادلىرىنىڭ قانۇنغا ئائىت ۋە ئەخلاققا ئائىت ئۆلچەملىرىنى دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە دۆلەت سىستېمىسىدا خېلى قويۇق شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇشبۇ ئەنئەنىۋى ئادەت، دىن بىلەن دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋېتىنى پۈتۈنلەي ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش، شۇنداقلا بارچە دىنلارغا ئوخشاش دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسى ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى يوق قىلىش، شۇنداقلار ھەر خىل دىنلار ئۆتتۇرىسىدىكى نىزا ۋە توقۇنۇشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان سوغۇق ئۇرۇشلارنى يوق قىلىشنى ئاساسى نىشان قىلغان (Sekularism) سىكولارىزىم سېستىمىسىنى دۆلەت قۇرۇلمىسىدا كەڭ قانات يايدۇرۇشنى خېلى ئۇزاقتىن بىرى تەكىتلەپ كىلىۋاتقان غەرىپ جەمئىيتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ھېلى ھەم سۇس دەرىجىدە بولسىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.

مەسىلەن ئالايلۇق: ئاسىيا ۋە ئافرىقا تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئاتالمىش رادىكال سىكۇلارىزىمچىلار «دۆلەت ئەربابلىرى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بولغاندىلا ئاندىن سىكۇلارىزىمنى دۆلەت سىستېمىلىرىدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرەپسىز ئجرا قىلالايدۇ، بولمىسا دۆلەت تەرەققى تاپمايدۇ» دېگەندەك كوممۇنىستلارغا يېقىن بىرخىل قاتمال ئىدىيەدە چىڭ تۇرسىمۇ، خىرىستىئانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان، شۇنداقلا سېكۇلارىزم ئىدىيسىنىڭ بۈشۈكى ھېسابلىنىدىغان غەرىپ جەمئىيىتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەر قانداق بىر دۆلەت ئەربابى سايلىنىپ ۋەزىپسگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى چىركاۋغا بېرىپ ئىنجىل تۇتۇپ قەسەمياد قىلىپ ئاندىن يىڭى خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى، خىتاي كوممۇنىستلىرىدەك دىن ۋە دىندارلارنى چەتكە قېقىش ئەمەس، بەلكى ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما ئۆتتۇرىسىدىكى نىزا ئختىلاپلارنى ئىلمى دىيالوگ بىلەن ئامال بار ئازايتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاق ئېھتىياج ۋە قىممەت قاراش نۇقتىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ چىقىش ئارقىلىق ئاممىنى دۆلەتنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن دۆلىتى بولۇش ساپاسىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ ھەر جەھەتتىن تەكشى تەرەققى قىلدۈرۇشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ھالەت، دۆلەت ئەربابلىرىغا دىنسىز بولۇشنى شەرت قىلماستىنلا، دىننى دۆلەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتمەيمۇ، دۆلەتنى ئۆز پۇقرالىرى ئالدىدا مۇسۇلمان، خىرستىئان، يەھۇدىي، باي، نامرات ۋە ئىرق پەرقى قىلماستىن ھەممىسىگە ئوخشاش مۇساپىدە تۇرالايدىغان تەرەققىيات پەرۋەر سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى گەۋدىلىك يۇرتۇپ بىرىدۇ.
ئەمما زامانىمىزدا سېكۇلارىزم ئىدىيسىنى ئونىڭ تولۇق سولچى مەنىسىدە تارلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىۋالغان بەزى بىر دىننى گوروھلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: «دۆلەت دېگەن بىر قۇرۇلما، قۇرۇلمىنىڭ دىنى بولمايدۇ. شۇڭا دۆلەت ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ ۋە ئاخىرەت ھەققىدە بىر ئەندىشە قىلمايدۇ. باشقا ھەرقانداق قۇرۇلما ۋە ئورگانلارنىڭمۇ دىنى بولمايدۇ. ئەمما ئادەم بالىسى ئىنساننىڭ دىنى بولىدۇ» ۋاھاكازالار.
ئۇلار، ئىسلام دىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ پەقەت ئىبادەت قىسمىنىلا، ئىسلام دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان. ۋەھالەنكى ئۇلار ھەر قانداق بىر نورمال دۆلەتنىڭ ئادەتتە بىر نەچچە ماددا دىن تەركىب تاپقان ئاساسى قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك دائىرىسىنى بەلگىلەشكە ئالاقىدار قانۇنى، دېگەندەك بىر يۈرۈش تارماق قانۇنلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق بىر نۇمال، دۆلەت پۇخرالارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا ئەشۇ قانۇنلارنى ئۆلچەم قىلىپ، يۇرتتا داۋا ۋە ئەرىز سوراپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلىقىدەك بەدىئى رىئاللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا دۆلەتتىن ئىبارەت بىر قۇرۇلما گەرچە ناماز ئوقۇشقا، ياكى يەنە بىر دۆلەت بىلەن توي قىلىپ ئەۋلاد كۈپەيتىشكە، مۇكەللەپ بولمىسىمۇ، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەرخىل جەمئىيئەت ئەزالىرىنىڭ، دىندار دىنسىز،ھەممىسىنىڭ ھەق ھوقۇق، ئەركىنلىك دائىرىسى، جىنايى ئىشلار، نىكاھ، مىراس قاتارلىق ئىشلىرىغا ئەدلىيە ۋە قانۇن چىقىرىش تارماقلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتا ياكى ۋاسىتىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىكەنلىكى، دۆلەت قۇرۇلمىسى نىڭ كوممۇنىزمچە، سىكۇلارزىىمچە ۋە باشقا بارلىق ھەرقانداق بىر دىنىچە بولىشى ئۇنىڭ قانۇنلىرىنىڭ نىمىنى ئاساسى ئۆلچەم قىلىشىغا باغلىق بولىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا دۆلەت قۇرۇلمىسىغا ھەر دائىم ئادەم بالىلىرىنىڭ ۋاكالەتچى بولىدىغانلىقىغا، ئۇلار دىققەت قىلىپ ئايرىپ كەتمەيدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ تونۇشىدا دىن پەقەتلا (ناماز، روزا، زاكات- سەدىقە ۋە ئىستىنجا، غۇسلى- غەپسەل) لەر توپلىمىدىن ئىبارەت. بۇخىل كىشىلەر ”دىن“دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ”قانۇن ۋە تۈزۈم“دېگەن ئۇقۇمنى بېرىدىغانلىقىنى بەلكى تىگى تەھتىدىن چۈشەنمىگەن.
سېكۇلارىزم (Sekularism) تۈزۈمى، نەزەرىيە جەھەتتە، دىن بىلەن دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋېتىنى پۈتۈنلەي ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش، شۇنداقلا بارچە دىنلارغا ئوخشاش دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسى ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى يوق قىلىش،شۇنداقلار ھەر خىل دىنلار ئۆتتۇرىسىدىكى نىزا ۋە توقۇنۇشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان سوغۇق ئۇرۇشلارنى يوق قىلىشنى ئاساسى نىشان قىلغان بىردىن بىر خەلقارالىق پاك ئىدىيە دەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەمىلى ئجرا قىلنىش جەھەتتە، ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردە پەرىقلىق شەرھىلىنىپ پەرىقلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان، غايىۋى شۇئاردىن ئىبارەت. بۇ خىل رېئاللىققا ئىنچىكىلەپ نەزەر سالغىنىمىزدا، دىن بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەيلى ئۇ قانداق دىن بولىشىدىن قەتئى نەزەر پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىشنى قاتتىق شەرت قىلىش خاھىشى، ئەسلى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر گوروھ دىنغا ئۆچ غەرەزلىك كۈچلەرنىڭ سېكۇلارىزم ئىدىيسىنى قورال قىلىپ دىندارلارنىڭ ئاساسى ھەق ھوقۇقلىرىنى ئىكىسپىلاتسىيە ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئاشكارلايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا سېكۇلارىزىمنى قاتتىق داۋا قىلغان كونا تۈركىيەدىمۇ كىشىلەرنىڭ دىننى ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچۇرغانلىقىدەك ئەمىلى تارىخ بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇ ھەقتە ئايرىم توختىلىش كېرەك.
بەزى دىنلار تارىخىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا دۇنيا تارىخىدا تاكى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىگە قەدەرتەخمىنەن 124000- نەپەردىن ئارتۇق پەيغەمبەر ياشاپ ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكىمۇ ھەرخىل بولغان، بۇ ھەقتە قۇرئاننىڭ پاتىر سۈرىسىنىڭ 23- ئايەتلىرىدە مۇنداق ئىشارەتلەر بار (قانداقلا بىر مىللەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن).
دۇنيا تارىخىدىكى ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن يەنە بىر پەيغەمبەر دۇنياغا كەلگۈچە بولغان ئارلىقتا كىشىلەر نىسپى جەھەتتىن دىندىن ئۇزاقلاشقان ئەھۋاللارمۇ بولغان، كۈپۈنچە ھالدا كىشىلەر پەيغەمبەرنى ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋالغان. نېمىلا بولمىسۇن تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە بىر بىرىدىن قانۇن تۈزۈم جەھەتتە پەرىقلىق بولغان ھەرخىل دىنلار، ئەينى دەۋرنىڭ ھاكىمىيەت قاتلاملىرىدىن تارتىپ، قانۇن تۈزۈملىرىگە قەدەر مەلۇم دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈپ، ھەتتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ ھەر ياندا ھۆكۇم سۈرگەن. شۇ سەۋەبلىك ئادەملەرنىڭ دىن ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرمۇ ھەرخىل بولۇپ كەلگەن.
ھېلى ھەم كىشىلەرنىڭ دىن توغرىسىدىكى قاراشلىرى ھەرخىل.دۇنيادا ياشاۋاتقان ئالتە مىلياردقا يېقىن ئادەملەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىنلارمۇ ھەرخىل.
Epicurus قا ئوخشاش قەدىمى يۇنان پەيلاسۇپلىلىرىنىڭ خىيالى پەلسەپىسىدىن تەسىرلىنىپ، ياكى ئۆتكەنكى ئەسىردە يالاڭتۆش كوممۇنىستلار قوزغىغان دۇنياغا تونۇشلۇق ”ئۆكتەبىر ئەكسىن ئىنقىلابى“نىڭ تەسىرىدىن زەھەرلىنىپ قالغان بەزى ئىنسان توپلۇقلىرىنىڭ دىن توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى ۋە باھاسى ئىنتايىن قالاق ۋە قاتمال.

مەسىلەن خىتايدا، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار بارلىق دىنلارنى قارا قويۇق، ئېشەك ھەيدەيدىغان بىرلا تاياقتا ھەيدەپ، (دىن ئادەمنى زەھەرلەيدىغان بىر خىل ئەپيۈن،بارلىق دىنلار ئىنسانلارنىڭ ئىجادىيتى،) دەپ ،بارلىق دىنلارنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى تارىخى پاكىت ۋە ئىلمى ئاساسقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سولچى ئىدىيە بىلەن بىرخىل غەلىتە ئىزاھلايدۇ. بۇنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرۇپ، دىننى ئومۇمى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى(دىندار) كىشىلەرنىڭ كۆز قارشى بۇيچە بىر كۆرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇمۇمى جەھەتتىن بۇ ھەقتە بىر ئاز توختىلايلى:
دىن دېگەن نېمە؟
دىن، ئەرەبچە سۆز بولۇپ، لۇغەت مەنىسىنى ئاساس قىلىپ تەتقىق قىلغاندا، قىيامەت كۈنى، جازا، ئىتائەت، قانۇن، دېگەندەك كۆپ مەنا ۋە ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ.
دىن، دىندارلارنىڭ ئورتاق تونۇشى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا «تەبىئەت دۇنياسى ۋە ھاياتلىقنىڭ تۈپ مەقسىتىنى توغرا يورۇتىدىغان ئېتىقاد ،مەپكۇرە،ھەق داۋا ئىشلىرىنى ئادىل بىتەرەپ قىلىدىغان قانۇن، تۈزۈملەر توپلىمىغا قوللىنىلىدىغان بىرخىل ئېتىقادى ئۇقۇم» لاردىن ئىبارەت. يەنە بەزىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا ،دىن ئەسلىدە ئىنساننىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى شۇنداقلا تەبىئەتتىن ھالقىغان سىرتقى كۈچ بىلەن بولغان ئالاقىسىغا توغرا ئېنىقلىما بېرىپ چۈشەندۈرىدىغان،شۇنداقلا ئىنساننىڭ پانى ۋە باقى ئالەمدىكى بەخىت سائادىتىگە بىۋاستا مۇناسىۋەتلىك بولغان يول خەرىتە ۋە بىر پۈتۈن كۆرسەتمىلەرنىڭ ئۇمۇمىي مەجمۇئەسىدىن ئىبارەت.
ئادەتتە،تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ماددىي شەيئىلەرنىڭ مەنىۋى مەپكۇرەلەرنىڭ ھەتتا يېمەك- ئىچمەك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭمۇ، ئەسلىسى «تەبىئىلىرى» سۈنئى ياسالغان سۈنئىي «ساختىلىرى» ئۇلىما، ئەبجەشلىرىمۇ بولغىنىدەك، ئەلۋەتتە دۇنيادا مەۋجۇت بولغان ھەرخىل دىنلارنىڭمۇ ئەسلىنى ساقلاپ قالغان «تەبىئىلىرى» شۇنداقلا ئويدۇرما «ساختىلىرى» ھەم بار. ئەگەر سىز ھېچ قانداق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلمىسىڭىز،خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارغا ئوخشاشلا تەبىئەت دۇنياسى ۋە ھاياتلىقنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن ھېچ خەۋەرسىز قالغان ماددىزىمچى ماشىنا ئادەم بولۇپ بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداقلا سىز ئېتىقاد قىلماقچى بولغان دىننى توغرا تاللىيالمىسىڭىز، تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭغا خەلىپە بولۇپ ياشىغۇچى ئىنسانلارنى يوقلۇقتىن بار قىلغۇچى ھەق مەبۇد ”ئاللاھ“نىڭ نەزىردە مەقبۇل قىلىنغان بىردىن-بىر، دىن بىلەن تۇنۇشۇپ چىقالمىسىڭىز، تەبىئەت دۇنياسى ۋە ھاياتلىقنىڭ تۈپ مەقسىتىدىن توغرا خەۋەردار بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن. مۇبادا سىز خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ بارچە دىنلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشى بىلەن خەلقئارادا مودا بولۇۋاتقان (سىكۇلەرىزىم) ئېقىمى ماھىيەت جەھەتتە، بىر بىرىدىن ئايرىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەنمەي، شۇنداقلا دىننى دۆلەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىپ دۆلەتنى تولۇق دىنسىزلاشتۇرۇشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلماي تۇروپ سىياسەتكە ئارلىشىپ قالسىڭىز ھەرخىل ئېتىقاد ۋە ئىدىلوگىيەگە ئىگە خەلىقلار بىلەن خەلق ئارىسىدىن سايلاپ چىقىلغان ھۆكۈمەتنىڭ بىر بىرىگە ماسلىشىشچانلىقىنى ياخشى تەڭشىيەلمەي قىلىشىڭىز مۇمكىن.
ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ۋە ھاياتلىقنى شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ تۈپ مەقسىتىنى توغرا چۈشىنىشىگە ۋە ئۆز ئارا ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقنى ئادىل بىتەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا غايەت زور ئىيجابى تەسىر كۆرسەتكەن ئىسلام دىينى ھەققىدە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەھلىل يۈرگۈزەيلى!
ئادەتتە ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتنى كەشىپ قىلغۇچى ئىنژېنېر،ئۆزى كەشىپ قىلغان مەھسۇلاتنىڭ قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشقا يارايدىغانلىقى ھەقتىكى مەلۇماتلارنى باشقىلاردىن ئەڭ ياخشى، ھەم پىششىق بىلگەن بولىدۇ، نورمال ئەھۋاللاردا ھەر قانداق بىر مەھسۇلات بىلەن بىرگە كەشپىياتچىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ”ئىشلىتىش قوللانمىسى“بىرگە كېلىدۇ. مەھسۇلات ئىشلىتىش قوللانمىسىغا ئاساسەن ئىشلىتىلگەندە ئەڭ توغرا ئىشلىتىلگەن بولىدۇ. مەھسۇلاتنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجىنى قامداش ئىقتىدارىنى ئارشۇرۇش ئۇچۈن، ئىنژېنېر مەھسۇلاتلارنى كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىرىنچى ئەۋلاد ئىككىنچى ئەۋلاد دەپ نام بىرىپ سېستىم جەھەتتىكى بەزى بىر ئىقتىدارنى ئېھتىياج ۋە تەلەپنىڭ تەقەززاسىغا ماس ھالدا ئۆزگەرتىپ يىڭىلاپ تۇرىدۇ. يىڭى ئەۋلاد مەھسۇلاتلارنىڭ (information) كۆرسەتمىلىرى كونا نۇسخا كۆرسەتمىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە ئېنىقراق بولىدۇ. بۇ، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرىتىدىغان ئەھۋاللار. شۇنىڭدەك تەبىئەتتىن تاشقىرى بىر كۈچنىڭ يەنى تەبىئەت دۇنياسىنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇچى بارلىق ساماۋى دىنلارنىڭ ئېتىقادچىلىرى،بەرھەق پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرگە ئاللاھ تەرەپتىن نازىل قىلىنغان بارلىق مۇقەددەس كىتابلارنى ”تەبىئەت دۇنياسىدىن پايدىلىنىش قوللانمىسى“ سۈپىتىدە تونۇپ ئۇلۇغلايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار ئارا مۇئامىلە، ئەخلاق، ھەق ۋە ھوقۇق، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت، توغرا ۋە خاتا، جىنايەت ۋە تۆھپە، گۇناھ ۋە ساۋاب قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ توغرا ئۆلچەملىرى ئەسلىنى ساقلىغان مۇقەددەس كىتابلاردا تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئەڭ يىڭى ئەۋلاد نۇسخىسى بولغان قۇرئاندا ئەڭ توغرا بايان قىلىنغان دەپ قارايدۇ.
ئېتىقادچىلار ”تەبىئەت دۇنياسىدىن ئۈنۈملۈك ۋە توغرا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىنسانلار مۇقەددەس كىتابقا مۇراجەت قىلىپ، شۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن كۆرسەتمىلەرگە چوقۇم ئەمەل قىلىشلىرى لازىم“ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش مۇقەددەس كىتابلارغا ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى قۇرئان كىرىمگە ئۇنى پارچىلىماي تولۇق ئەمەل قىلغۇچىلاردا بەك كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتلەردە چوڭقۇر نونۇشقا ئىگە.
مەسىلەن: بارلىق مۇقەددەس كىتابلاردا تارىختىن بىرى ھەمجىنىسلىقلارنىڭ ئۆز ئارا توي قىلىشى، ئورتاق ھالەتتە قەتئىي مەنئى قىلىنغان گۇناھ ھېسابلانغان بولسىمۇ، ھازىرقى كۈندە ئەسلى خۇسۇسىيىتىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئاللا بۇرۇن يوقاتقان مۇقەددەس ئىنجىلدەك كىتابقا ئەمەل قىلغۇچى خرىستىيان مۇرىتلىرىنىڭ مەلۇم تۈردىكى مەزھەپكە تەۋە چىركاۋلىرىدا، ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ نىكاھلىرى بىمالال ئۇقۇلىۋىرىدۇ. بىلمىدىم ،ئۇلارنىڭ قولىدىكى كونا ئەۋلاد مۇقەددەس كىتاب «ئىنجىل» دا بۇ ھەقتە بۇرۇن قانداق بەلگىلىمىلەر بار ئىدى؟ ھازىر نىمىلەر ئۆزگەرتىلىپ نىمىلەر قالدى.
ھەمجىنىسلىقلارنىڭ ئۆز ئارا نىكاھلىنىش مەسىلىسى بولسا سىكۇلارىزىمچى ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئەركىنلىك شوئارىنى جار سېلىپ دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلمىلىرىغا ۋاسىتىلىك ئۆز تەسىرىنى ئاستا- ئاستا سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە قانۇنلىشىپ مەيدانغا كەلگەن يىڭى بىر خىل مەدەنىيەت، بۇ ھەقتە ئىچكىرلەپ مۇنازىرە قىلىش، ياكى ئۇنىڭغا قارشى گەپ قىلىپ ھاقارەتلەش دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ ھەقتە بىر نېمە دىمەيمەن.
ئەمما مۇقەددەس قۇرئاندا، ھەمجىنىسلىقلارنىڭ ئۆز ئارا نىكاھلىنىشى توغرىسىدا كەلگەن چەكلىمىلەر بىرقەدەر كەسكىن ۋە ئۆزگەرمەس بولۇپ،قۇرئانغا توغرا رەۋىشتە ئەمەل قىلغۇچىلار ئارىسىدا ھەمجىنىسلىقلارنىڭ ئۆز ئارا نىكاھلىنىشى رەسمى شەكىلدە نە ئۆتمۈشتە نە ھازىر قانۇنلاشتۇرۇلۇپ باقمىغان. قۇرئاندا بايان قىلىنىشىچە تارىختا ئۆتكەن لۇت ئەلەيھىسسالام دەۋىردە جەمىيەتتىكى كۆپ سانلىق ئەرلەر ئارىسىدا ھەمجىنىسلىقلار نىڭ ئۆز ئارا توي قىلىش خاھىشى كۈچىيىپ، ئادەملەر ياش ئوغۇل باللىرىنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىدىن ئەندىشە قىلىدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەبلىك ئاللاھ ئاسماندىن زور مىقداردا تاش ياققۇزۇپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن.
مۇقەددەس قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلغۇچى مۇسۇلمانلار بىلەن دىندار سىكۇلارىزىمچىلار ئوتتۇرىسىدا جەمئىيەتنى ھەر جەھەتتىن تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا خېلى كۆپ ئورتاقلىقلار مەۋجۇت. لېكىن كۆپىنچە توقۇنۇشلار مانا مۇشۇنداق دىينى ۋە ئەخلاقى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر نۇقتىلاردىن باشلىنىدۇ.
دىنىنى دۆلەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش Sekularism سىكولارىزىم خاھىشى تۈنجى قىلىپ 13-ئەسىردە مەيدانغا چىققان بولۇپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن دىمۇكراتىيە ۋە ئەركىنلىك شوئارى ئاستىدا ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر دەۋرىدىكىدىنمۇ بەكرەك كۈچىيىپ مەيدانغا چىققان بىر خىل تۈزۈم شەكلى بولسا، بارچە دىنلارنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش، جەمىيەتنى رەتكە سېلىپ ئادالەت بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ چەتكە قېقىپ،يۇقۇتۇشتەك تولۇق سولچىلىق تۈسىنى ئالغان قىزىل پاچاقلىق خاھىشى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن رۇسىيەدە مەيدانغا چىقىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قەدەر كېڭەيگەن بىر خىل تۈزۈم. مۇشۇ خىل تۈزۈملەرنىڭ ئۆز ئارا مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ ئىتتىپاقداشلىق ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە، دۇنيا تۈزۈمى مۇشۇ بويچە داۋام قىلغان تەقدىردە تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تەييىپ ئەردوغان تەشەببۇس قىلىپ ئاگاھلاندۇرغاندەك (دىننى دۆلەتتىن ئايرىش ۋە دېمۇكراتىيە تۈزۈمى بىلەن دۇنيانى ئىدارە قىلىش) دېگەندەك ئاتالمىش دۇنيا مىخانىزىمىغا ئېنىق بىر ئېنىقلىما بىرىپ تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەكمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئاز سانلىق دېمۇكراتىيە شەكلى بىلەن ياۋرۇپادىكى كۆپ سانلىق دېمۇكراتىيە شەكلى پەرىقلىق بولىدۇ؟ دۇنيا بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارغا كەلگۈسىدە قۇرماقچى بولغان دۆلىتىمىزگە قايسى خىلدىكى دىمۇكراتىيە شەكلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ؟ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ياۋروپا پارلامېنتىدا قارار ئېلىش ئۈچۈن ئاز سانلىق دېموكراتىيە شەكلىنى ئىجرا قىلىشقا نېمە مەجبۇر قىلدى؟خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى (ۋىيتو) ھەققى دىمۇكراتىيە پرىنسىپىنىڭ قايسى خىلىغا بوي سۇنىدۇ؟ ياكى ئاتالمىش دېمۇكراتىيە تۈزۈمى،دۇنيانىڭ ئادالەت ئۆلچىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر كېڭىشىگە دائىمى ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ئىككى كالپۇكى ئارىسىدا بولاپ داۋاملىشىۋېرەرمۇ؟ دېگەندەك تالاي سوئاللار سىكۇلارزىم تەشەببۇسچىلىرىنىڭ قۇلاقلىرىنى ئاغرىتىپ ئۇلارنى قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا قىستاۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە.
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك. بىز دىننى شۇنداقلا دىننىڭ ئاساسى بولغان مۇقەددەس كىتابلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ تۇنشى بۇيىچە ”تەبىئەت دۇنياسىدىن پايدىلىنىش قوللانمىسى“ دەپ چۈشەنگىنىمىزدە تەبىئەت دۇنياسىدىن ھەممە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋەت ئۆلچەملىرىنى توغرا رەتكە سېلىش ئۈچۈن شەخىستىن باشلاپ جەمئىيەتكىچە, جەمئىيەتتىن باشلاپ دۆلەتكىچە ھەممىسى بىردەك چوقۇم ئەسلى خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان دىنغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تونۇش،ۋە چۈشىنىشكە باغلىق بىر مەسىلە، بولۇپ گەرچە بۇ ھازىر مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنگەن بىلەن ئۇنىڭ مۇمكىن بولغانلىقى تارىختا ئەمىلى ئىسپاتلانغان.
دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بارلىق دىنلار نىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى تەرەققىيات جەريانلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكىنىمىزدە، ئېتىقادچىلار ۋە دىن شۇناس-تەتقىقاتچىلار بارچە دىنلارنى ئۇنىڭ تەبىئىيلىك ۋە ئەسلى ئاساسىنىڭ بار يوقلىقى قاتارلىق نۇقتىلاردىن تەتقىق قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كاتىگورىيىگە بۆلۈپ چۈشەندۈرىدۇ.
1-ساماۋى دىنلار
ساماۋى دىنلار، تەركىبىگە ئەلمىساق-ئادەم تەبىئەت دۇنياسىدا تۈنجى بولۇپ ھايات كەچۈرۈشكە باشلىغان ئۇزاق تارىختىن باشلاپ تاكى مىلادىي611- يىلى، ھىجرىيە دىن 11 يىل ئىلگىرى يەنى ھەزرىتى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ“ئەلەيھىسسالام“ ئىسىملىك پەيغەمبەر ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دۇنياغا كېلىپ قىرىق ياشقا كىرگەندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر بولۇپ تاللانغان بۆلگۈنچى تارىخقا قەدەر ئاللاھ تەرەپتىن ئىنسانلارغا كىتاب بىلەن بىللە ياكى كىتابسىز چۈشۈرۈلگەن بارلىق دىنلار، (مەيلى ئۇ سىياسى ۋە ئىجتىمائىي بوران چاپقۇنلارنىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك ئەسلى ماھىيىتىنى ۋە شانلىق تارىخى باغلىنىش شەجەرەسىنى ۋە ساپلىق ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان ياكى يوقاتمىغان بولسۇن) ھەممىسى كىرىدۇ.
2- ۋەزئى دىنلار
ۋەزئى (ئويدۇرما) دىنلار، جەمئىيەتتىكى بەزى ئىنسان توپلۇقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ ئادىتى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تۈزۈملىرىنى رەتكە سېلىپ باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ياكى مەلۇم دەۋىردە مەلۇم بىر تەبىقە يەنە بىر تەبىقىنى ئىكىسپىلاتسىيە ئاستىغا ئېلىشنى قەستلەپ ئۆزلىرى ئۆز ئالدىغا قۇرۇپ چىققان، كېيىنچە تەرەققى قىلىپ دىن بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان، تارىخى قاراڭغۇ، ئورتىغا قويغان ئىدىيىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ ئورتاق تەلىپىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قاندۇرالمايدىغان دوگما شەكىلدىكى دىنلار،ياكى ئىرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان ئۇنسۇر دىنلار ۋەزئى يەنى (ئويدۇرما- سۈنئىي ياسالما) دىنلار توپىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۈچىنچى بىر خىل تۈردىكى ياسالما دىنلار بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇزاقتىن بىرى مەۋجۇت بولغان ھەرخىل ساماۋى ۋە ۋەزئى دىنلارنىڭ مەلۇم دەۋىردە ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، ئۆز ئارا تۇقۇنۇشۇپ قېلىشى سەۋەبلىك، مەيدانغا كەلگەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسى كرىزىسلارنى ھەل قېلىشنى، شۇنداقلا ئورتاق بىر خىل مەدەنىيەت بايلىقىغا ئىگە بىر مىللەتنىڭ مىللى بىرلىك پۈتۈنلىگىنى ياكى بىر نەچچە مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىر دۆلەت پۈتۈنلىگىنى قوغداشتەك ئىجتىمائىي ۋە سىياسى مەنپەتنى مەركەز قىلىپ، شۇ دەۋىردىكى ۋەتەنپەرۋەر مۇنەججىم كىشىلەر تەرىپىدىن ياخشى نىيەت بىلەنمۇ قۇرۇلغان. تارىختىكى ھىندى قىتئەسىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېقىنلاپ، كېيىنچە ھىندىستان، پاكىستان، بىنگال قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئايرىلىپ كەتكەن جۇغراپىيىلىك رايونلاردا ”Guru Nanak مىلادىيە 1469-يىلى تۇغۇلۇپ، 1539-يىلغىچە ياشىغان“ مەشھۇرشەخىس تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان ”سىخىزىم“ دىينى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
بىز يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كۆپىنچە ”ساماۋى“ دىنلار نىڭ تارىخى شەجەرىسى، تارىخنىڭ بۇران چاپقۇنلىرىدا ئۇزاق مۇددەت ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبلىك ئۇنىڭ بەزى تەلىماتلىرى ئەۋلاتتىن ئەۋلادقا توغرا يەتكۈزەلمەي ئېتىقادچىلىرىنىڭ زېھنىدىن كۈتەلىپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا بۇ دىنلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىمۇ زايە بولۇپ كېتىپ،بىر نەچچە يۈز يىلدىن كىيىن ،تارىخى رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ غۇۋا بىر خىل مۇھىتتا رەتلەنگەنلىكىدەك نۇقتىلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا، شۇ دىنلار ئارىسىدىن ئەڭ يورۇق تارىخقا ئىگە“ئىسلام“ دىننى ئۈچۈرتىمىز.
بەزى دىن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە ئىسلام دىننىڭ تارىخى ئۇ قەدەر يورۇق بولىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىنىڭ تارىخى شەجەرىسى“ھەدىس“ نامى بىلەن ھېچ بىر دەۋىردە ئۈزۈلۈپ قالماي ساقلانغانلىقى، شۇنداقلا ئۇ كىتاب قەغەز ئۈستىدە پۈتۈك شەكىلدە ساقلانغاندىن سىرت يەنە ھەر دەۋىردە بىر نەچچە يۈز ھەتتا بىر نەچچە مىڭ ئېتىقادچىسى ”قارى“لارنىڭ زىھنىدە تولۇق يادقا ئېلىنىش ئارقىلىق پۇختا ساقلىنىشىدا، بەلكى بۇنىڭدا يەنە باشقا بىر سىرلارنىڭمۇ بولىشى ئەلۋەتتە مۇمكىن.
دېمىسىمۇ،بەزى خېلى مەشھۇر دىنلارنڭ ئېتىقادچىلىرى، ئۆز دىينىنىڭ تەرجىمانى ھېسابلىنىدىغان پەيغەمبەرنىڭ نەدە تۇغۇلۇپ،نەدە ۋاپات ئەتكەنلىكى ،قەبرىسىنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىدەك،ئاساسى تارىختىنمۇ بىخەۋەر. ئەمما ياشقا توشقان ئادەتتىكى ئىسلام ئەگەشكۈچىلىرى بولسا ئۆز پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان تارىخىدىن باشلاپ قەبرىسىنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىغىچە بولغان جەريانلارنى پىششىق بىلگەندىن سىرت باشقا پەيغەمبەرلەر ھەققىدىمۇ مەلۇم ئاساسى مەلۇماتقا ئىگە.
گەرچە بارلىق ساماۋى دىنلارنىڭ كىلىش مەنبىيى بىربولسىمۇ،ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش جەھەتلەردە ئۆز ئارا بىرخىل ئىتىقادى ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ،كۆپىنچە دىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى،بىر -بىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ئېتىراپ قىلىشمايدۇ.

مەسىلەن: رادىكال يەھۇدىيلار،ئومۇمى خىرىستىيانلارنىڭ دىننى ئاساسى يوقلىقىنى ئوتتۇرغا قويسا، خىرىستىيانلارمۇ،يەھۇدىلارنىڭ دىننى ئاساسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئىشەنچىلىك تارىخقا ئاساسلانغاندا ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىلار خرىستىيانلارغا پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن ئەيسا ئەلەيھىسالامنى دۈشمەن كۆرۈپ،شۇ، زاماننىڭ ھاكىمىيتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ،ئەيسا ئەلەيھىسالامغا نۇرغۇن سۈيقەستلەرنى پىلانلىغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ ئەيسا ئەلەيھىسالامنى رادىكال يەھۇدى ئۇنسۇرلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ساق سالامەت ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن. قىسقارتىپ ئېيتقاندا يەھۇدى ۋە ناسارالار ئۆز ئارا سىياسى جەھەتتە يۈزەكى ئىتتىپاقداشتەك كۈرۈنسىمۇ،ئىتىقادى جەھەتتە بىر بىرلىرىنى ئەسلا ئېتىراپ قىلىشمايدۇ. ئىسلام بولسا بارچە ساماۋى دىنلارنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس كىتابلارنى بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىسلام ئۆزىنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكى ۋە تامامى پەيغەمبەرلەرنى ھۆرمەتلەش ئەخلاقى پەزىلىتى بىلەن بارچە دىنلارنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش،ئادەملەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش،ئوخشىمىغان ئىدىلوگىيەدىكىلەرنىڭ ئورتاق مەجۇت بولۇپ تۇرىشىنى قوغداش جەھەتلەردە باشقا ھەر قانداق بىر دىنغا ئۆلگە بولالايدۇ.دۇنيادىكى ھەر قانداق بىرتۈزۈمدىن ئۈستۈن تورىدۇ.يۇنۇس سۈرىسىنىڭ 98- ئايەتلىرىدە بۇ،ھەقتە ئېنىق كۆرسەتمىلەر بار.
بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ”ئادەم ئاتا دەۋرىدىن باشلاپ نازىل بولغان بارچە ساماۋى دىنلارنىڭ شەرئىي «قانۇن-بەلگىلىمىلىرى» ھەرخىل بولسىمۇ، ئېتىقادى جەھەتتە بىر خۇدالىقنى تەشەببۇس قىلىشتا ئوپ ئوخشاش بىر دىن ئىدى“دېگەن قاراشنىڭمۇ ئىلمى ئاساسى بارلىقىنى تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ.بۇ ھەقتە ئىسلامنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئاندا نۇرغۇن بايانلار بار، ئەمما تەتقىقاتنىڭ تەرەپسىزلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە قۇرئاندىكى ئۇ بايانلارنى نەقىل قىلمايمەن. ئىسلام يۇقىرىقىدەك ئۆزىنىڭ مۆدىتىللىكى،ساپلىقى،دادىللىقى ،ئادىللىقى، زامان تەلىپىگە ماسلىشىشچانلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇكەممەللىككە ئىگە بولۇش ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق ،پۈتۈن ئىنسانىيەت ئائىلىسى دۈچ كېلىۋاتقان بارلىق سىياسى ۋە ئىجتىمائىي نىزا ۋە كىرزىسلارنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغان بىر دىن بىر «دىن» بولۇپ قايتىدىن مەيدانغا چىقىشى مۇقەررەر بولغان بىر ھەقىقەت.
ئنسانىيەت ئائىلىسى ماددى جەھەتتىن كۈندىن كۈنگە ئۈچقاندەك تەرەققى قىلىپ، ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك كەشپىياتلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتىن يوقۇتۇپ ماڭغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار مەنىۋى جەھەتتىن يۇقاتقانلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن كېلەچەكتە چوقۇم ساپلىقىنى ساقلىغان دەۋىر نىڭ يوللۇق تەلىپىگە ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر دىنغا ئىھتىياجىنىڭ ئەزەلدىن بارلىقىنى ئىېتىراپ قىلماي مۇمكىن ئەمەس.https://youtu.be/fh1Xt_Ej77o يېقىندا مەن بارلىق دىنلارغا بولۇپمۇ ئىسلامغا چىش تىرنىقى بىلەن ئەشەددى قارشىلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيتىنىڭ مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىيىلەش ئۈچۈن «كۇڭزى» نىڭ رەسىمىغا تازىم قىلدۇرۇشنى باشلىغانلىق خەۋىرىنى ئۇقۇپ ھەيران قالدىم. خىتايدىكى كوممۇنىستلار تېخى تۈنۈگۈن كۇڭزى ئىدىيسىنى تەنقىت قىلىپ ئاتىزىمدىن ئىبارەت زەھەرلىك ئىدىينى جار سېلىپ تەشۋىق قىلغانغۇ؟ مەن بۇيەردە كۈڭزى ئىدىيسىنى ماختىماقچى ئەمەس، بەلكى بىر مىليارتقا يېقىن ئىنسانىيەتنىڭ دىنغا بولغان ئىھتىياجىنى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق بوغۇپ،ھېچ قانداق بىر ئىجابى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كىيىن يەنە ئاتتىن چۈشكەن بولسىمۇ ئىزاڭگىدىن پۇتىنى ئالماي،مىللەتچىلىك مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ،ئاتا بۈۋىلىرى تارىختا ئۇلۇغلىغان كۆنا قاتمال «كۇڭزى ئىدىيسى» نى خەلىقنىڭ توغرا دىنغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش قاندۇرالماسلىقنى ئويلاشماستىن «ئالە مانا» دەپلا مەجبۇرى تۇتقۇزۇپ ،خەلقىنىڭ جانى جان مەنپەتى بىلەن چاق-چاق لىشىۋاتقان كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ يېرىم ئەسىر قايمۇققاننى ئاز دەپ خەلقىنى يەنە باشقا بىر تۇيۇق يولغا يىتەكلىشىدەك خاتا تاللىشىنى يۇرۇتماقچى.
مانا بۇ «دىننى قائىدە تۈزۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۈرۈپ، دىننى پەقەت دىنىي سورۇنلارغا پالاپ چىقىرىش، دۆلەتنى دىنسىز ئېتىقادسىز ئادەملەرگە تۇتقۇزۇش، كۆپ سانلىق خەلقنىڭ ئورتاق خاھىشىنى توغرا خاتا بولىشىدىن قەتئى نەزەر دۆلەتكە قانۇن قىلىپ بىكتىش كېرەك» دېگەن ئىدىيىنىمۇ بەش قاتلاپ، «دىننى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرتۇش كېرەك» دېگەن ئەڭ خەتەرلىك قۇرۇق شۇئارنى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك جار سالغان، ۋە بۇ يولدا دىننى كىتابلارنى كۆيدۈرۈش، دىندارلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشى جىنايەتچىلەرنى سادىر قىلغان خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئەھۋالىدىن بىر ئۆرنەك.
ھازىر ئۇمۇمى جەھەتتىن دىنلار بىلەن دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ئادىل ۋە توغرا تەڭشەلمىگەن بولۇپ، ھازىر دىننى تۈزۈم ئاساسلىق ئۆلچەم قىلىنغان دۆلەت تەسەۋۋۇرىدىن بىر كىم بەھىس قىلسا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا، مىلادىيە 1600-يىلى فېئۇدال چېركاۋلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئاسترونومىيە ئالىمى Giordano Bruno ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەتقىقاتچىلارنى ”ئىنجىلنىڭ روھىغا قارشى گەپ قىلدىڭ“ دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلاپ، ۋەھشىلەرچە ئۇنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈپ جازالىغىنىغا ئوخشاش ئىنسانىيەتكە قارشى ئىلىم پەنگە قارشى سادىر قىلغان قاباھەتلىك جىنايەتلىرى يىتىپ كېلىدۇ. يېقىنقى تارىختا ئىسلام نامى بىلەن قىزلارنى مەكتەپكە بېرىشتىن چەكلىگەن تالىبان مىللىتانلىرىنىڭ سادىر قىلغان بەزى خاتالىقلىرى، سۈرىيەدە يەزىيدى قىزلارنى ئەسىر ئېلىپ بازاردا ساتقان بىر گوروھ ئىمانسىز قارا قۇساقلارنىڭ دىننى سۇيسئىستېمال قىلىپ سادىر قىلغان دىنغا قارشى ۋە بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان كەچۈرگىسىز جىنايەتلىرىنىڭ كارتىسىنى كېلىدۇ.
ئادەملەر تارىختا ئوسمانلىلار ئىسلامى ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ، قانۇن چىقىرىپ، دۇنيادىكى ئۈچ قىتئەگە ئادىل ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە كاپالەت قىلغان شەكىلدە بارچە دىنلار بىلەن دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئارىسىنى ياخشى تەڭشەپ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىدەك شانلىق تارىخىنى كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ. ئوسمانلىلارنىڭ چىركاۋ لار بىلەن مەسچىت يانمۇ يان قەد كۈتۈرۈپ تۇرغان، كۆپ دىنلىق كۆپ مەدەنىيەتلىك گۈزەل شەھەر بازارلارنى، ئىناق جەمئىيەتنى بەرپا قىلغانلىقىدەك يۇرۇق تارىخنى بەك ئاسان ئۇنتۇپ كەتتى.
خۇلاسە كالام: ھەر خىل دىنلار ئارىسىدا كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقان سەلبى رىقابەت بىر بىرىنى دەلىل ئىسپاتسىز قارلاش، ھەر خىل دىندارلارنىڭ مەلۇم بىر دىننى ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈنلا سۈيئىستىمال قىلىپ رەقىبىنى يېڭىش ئۈچۈن ھازىرلىغان دارامما ئويۇنلىرى، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنىڭ دىننى قارغۇلارچە قارىلاپ دىننى ئۆچ كۆرىشى، ھەركىم ئۆزى ياقتۇرغان مەلۇم بىر كۆز قاراشنىڭ ئۇمۇمى ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ جانى-جان مەنپەتىگە زىيانلىق ياكى پايدىلىق بولىشىنى ئويلاشمايلا ئونى باشقىلارغا قانۇن قىلىپ تېڭىشى، قاتارلىق زىددىيەتلىك ۋەزىيەت نۇرماللاشتۇرلۇپ، ھەممە ئادەم يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ، كېمىدە ئورتاق نىشان ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ، ئادىل كېڭىشىپ،ھاياتلىقنىڭ تىپ تىنچ ھۇزۇر ئىچىدە داۋام قىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەندە،ھەركىم ھەر دۆلەت ھەددىنى بىلىپ، ئىنسانى مەجبۇرىيتىنى تونۇپ، ئۆزگىنىڭ مەنپەتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش تۇيغۇسىغا ئىگە بولغاندا، ھەركىمنىڭ ئەمىلىيتى ئاغزىدا دىگەندەك دۇرۇس بولغاندا، ئىنسانلار ۋە دۆلەتلەر ئارا ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك دەۋىر سۈرگەندە يەر شارى ئەسلىدىكى جەننەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇشتەك گۈزەل ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ. يەر شارى مىقياسىدا، مۇھىم قارارلار ھازىرقىدەك ئۆز ئارا مەنپەت ئاساسى ئۆلچەم قىلىنغان سىياسەت بويچە ئەمەس، يۈكسەك ئەدلى ئادالەت پىرىنسىپلىرى ئاساسى ئۆلچەم قىلىنغان، ھەركىمنىڭ ھەق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بىرىنسىپ بويچە ئېلىنغىلى باشلىغاندا، ئىنسانىيەت ئائىلىسى ئۆز ئارا بىر بىرىگە تىغ كۈتۈرۈشنى تاشلاپ ئەسلىدىكى بىر تۇققانلىق مۇناسىۋېتىنى كۈچلەندۈرۈشكە قاراپ ھەرىكەت قىلىشىدۇ.ئادەملەر ئۇنداق بىر گۈزەل كىلەچەكنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ ئەمىلى ياشىغاندا،ئىلگىركى ھاياتىنىڭ مەنىسىز ئۆتكەنلىكىگە ئېچىنىپ بۈگۈننىمۇ ئۇنتۇپ تېخىمۇ گۈزەل بىر كىلەچەككە چوقۇم ئنتىلىدۇ.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى