دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 09.12.2017 12:39:24 يوللانغان تارىخ: 09.12.2017 12:39:24 0 2507

شىۋېتسىيىدە ئامېرىكا پرېزىدىنتى ترامپ ۋە ئىسرائىلىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

درور فېيلەر (Dror Feiler ) سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، بىز پەلەستىننىڭ ئارقىسىدا، «پۈتۈن دۇنيانى ئىسرائىلنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى

شىۋېتسىيىدە ئامېرىكا پرېزىدىنتى ترامپ ۋە ئىسرائىلىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيىنىڭ پايتەختى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقى توغرىسىدا قىلغان سۆزىگە قارشى شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا ئامېرىكىغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئېرۇسالىم نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر نامايىشقا، شىۋېتسىيىدىكى ھەرقايسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن ( شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى، مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى، شىۋېتسىيە ئىسلام فېدراتسىيۇنى، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شىۋېتسىيە ئۈلكۈ ئۇجاق ) قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە ستوكھولمدا ياشايدىغان ھەرمىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن ئىككى مىڭدەك كىشىلەر قاتناشتى.

مەزكۇر نامايىش شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 12:30 دە، ستوكھولمنىڭ (Humlegarden ) باغچىسىدا توپلىنىپ ئۇ يەردىن ستوكھولمدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغىچە يۈرۈش قىلدى. قوللىرىدا پەلەستىن ۋە تۈركىيە بايراقلىرى ۋە پەلەستىنگە ئەركىنلىك دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ، يول بۇيى پەلەستىنگە ئازادلىق، قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختى دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ ماڭدى.

نامايىشچىلار ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىغا بارغاندا جانلىق شوئارلار بىلەن نامايىش مەيدانىنى زىلزىلىگە سالدى. نامايىشقا قاتناشقان ۋەكىللەر بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامنىڭ قۇددۇس توغرىسىدا قىلغان سۆزىنى قاتتىق تەنقىدلىدى.

نامايىش جەريانىدا مەزكۇر نامايىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئەسلى يەھۇدى دىنىدىن بولغان شىۋېتسىيە پۇقراسى درور فېيلەر (Dror Feiler ) سۆز قىلىپ، ترامنىڭ مەزكۇر قارارىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، قۇددۇس بولسا ( مۇسۇلمان، يەھۇدى ۋە خرىستىيان ) لارنىڭ ئورتاق مۇقەددەس شەھىرى. بۇ يەردە بۇ ئۈچ گۇرۇپ تىنىچ شەكىلدە ياشىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس ترامپنىڭ ئالغان قاراى تىنچلىقنى بۇزۇشقا سەۋەب بولماقتا. بۇنىڭدەك مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېلىنغان بىر قارارنى دۇنيانىڭ تونۇماسلىقى لازىم، دېدى.

درور فېيلەر (Dror Feiler ) سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، بىز پەلەستىننىڭ ئارقىسىدا، «پۈتۈن دۇنيانى ئىسرائىلنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى