دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 28.11.2017 17:04:09 يوللانغان تارىخ: 28.11.2017 16:51:23 0 256

تۈركىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەلەپ سۇنۇلدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تۈركىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەلەپ سۇنۇلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى يىغىلىش قىلدى 28- نويابىر چۈشىتىش بۇرۇن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرىنىڭ دەۋىتى بىلەن تۈركى مىللەتلەر ۋەكىللىرى يىغىلىش قىلدى يىغىلىشتا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك تەلەپلىرى سۇنۇلغان ۋە ھەل قىلىنغان.

1. تۈرك ۋەتەنداش كېپىللىك شەرتى يوق قىلىنسۇن. بۇ شەرت بۇندىن كېيىن تەلەپ قىلىنمايدىغان بولغان.

2. بالاغەت يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئىقامەت ئىلتىماسىدا ئاتا ئانىسىنىڭ بىرگە بولۇشى تەلەپ قىلىنمىسۇن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋاپىق بىر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىدىغان بولغان.

3. ئىنسانىي ئىقامەتلىرىنىڭ ھازىرغىچە ھەل بولمىغانلىرى ھەل قىلىنىپ، مۇمكىن بولسا مۇددەتسىز ئىقامەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىز ۋاقىتتا بېرىلسۇن. بۇ تەلەپنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تىزلاشتۇرىلىدىغان بولغان.

4. ئايرودرومدىن كىرگەندە ئالغان ساياھەت بەلگىسىنى يوقىتىپ قويغانلارنىڭ ئىقامەت ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنسۇن. كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا كېلىپ مەلۇم قىلسا ياكى سان كۆپ بولسا جەمئىيەتتىن تىزىملاپ ئېلىپ كەلسە ھەل قىلىدىغان بولغان.

5. نورمال ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ بالىلىرىدىن تەستىقلانغان بەلگە تەلەپ قىلىنمىسۇن. بۇ تەلەپ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۇركىستانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە ياكى بەلگە ئېلىپ كەلسە قوبۇل قىلىدىغان بولغان.

6. قولىدا ھېچنېمىسى يوقلار ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىشىنى ياكى تىزىملىتىپ ئېلىپ كېلىشىنى سورىدى.

7. كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇۋالغانلارنى قويۇپ بەرسۇن. بۇ ھەقتە بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىدىغان بولغان.

8. قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش ئارىمىزدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلدى. كونكرېت جىنايىتى بولمىغانلار تۇتۇلمىسا. مەزكۇر تەلەپ دىققەتكە ئېلىندى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈلىدىغان بولغان.

9. 2017 – يىلىدىن بۇرۇن تۈركىيىگە كىرگەنلەرگە مۇددەتسىز ئىقامەت بېرىلسۇن. بۇ مەسىلىنى كېڭىشىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغان بولغان.

10. قەيسەرىيە ۋە باشقا يەرلەردىن ئىمزا قىلىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئىقامەت ئىلىش توساقلىرى يوقىتىلغان بولسا. بۇ مەسىلە ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولغان.

11. تايلاندتىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار تۈركىيىگە ئېلىپ كىلىنسۇن. بۇ مەسىلە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈلىدىغان بولغان.

12. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كىملىكى يوق ئۇيغۇرلار تۈركىيىگە ئېلىپ كىلىنسۇن. بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ چارە ئىزدەيدىغان بولدى.

13. ئاق پاسپورت بىلەن چېگراغا كەلگەنلەر كىرىشكە رۇخسەت قىلىنسۇن. بۇ ھەقتە ياردەم قىلىدىغان بولغان.

مەنبەسى: ئىستىقلال خەۋەر تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى