تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 28.11.2017 05:02:04 يوللانغان تارىخ: 28.11.2017 05:02:04 0 152

«گۈلەن مۇنازىرىلىرى»نىڭ سەۋەبچىسى كىم؟

گۈلەننىڭ ماقالىلىرى ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىدا ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇنازىرىگە، ھەتتا جەڭگى-جېدەلگە سەۋەب بولغىنىدەك

‏«گۈلەن مۇنازىرىلىرى» نىڭ سەۋەبچىسى كىم؟

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بۇ بىر، ئىككى ئايدىن بۇيان ئىككى «ئابدۇۋېلى» چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بىرسى بەدىنىنىڭ توقسان پىرسەنتى تېرىدىن تەشكىل تاپقان ئاتالمىش لىدىرىمىز ئابدۇۋېلى بولسا، يەنە بىرسى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقان، ھەممىگە تونۇشلۇق ئابدۇۋېلى ئايۇپ گۈلەن.
گۈلەننىڭ يازمىلىرىنى بۇرۇندىن تارتىپ چالا قويماي ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ يازمىلىرى تەسەۋۋۇرۇمدا ئوخشىغان بىر قاچا پولوغا ئوخشايدۇ. ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا بۇ تائامنى ھوزۇرلىنىپ چايناۋاتقىنىمدا سۆڭەكتىن بىرسى گاچچىدىلا چىشىمغا پاتىدۇ-دە، ئاشنىڭ لەززىتى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ.
خۇددى گۈلەننىڭ ماقالىلىرى ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىدا ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇنازىرىگە، ھەتتا جەڭگى-جېدەلگە سەۋەب بولغىنىدەك، چەتئەلگە چىققاندىن كىيىنمۇ بۇ ھالەت ئوخشاشلا داۋاملاشتى. ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ دىن ھەققىدە توختالغانلىكى يازمىلىرى ئۇستاز ۋە تالىپلارنىڭ تەنقىدىن خالى بولالمىدى. لېكىن گۈلەن بۇ تەنقىدلەرنىڭ بىرەرسىنىمۇ قوبۇل قىلىپ باقمىدى. شۇڭا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەر داۋاملىشىۋەردى. نەچچە ھەپتە بۇرۇن گۈلەن ئەينى ۋاقىتتا قاتتىق تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان يازمىسىنى قايتا ئېلان قىلىشى بىلەن بۇ جېدەل ئەۋجىگە چىقتى. ئاخىرىدا گۈلەنمۇ، دىندارلارمۇ (بۇ يەردە دىندارلارنى دىنىي ئەھكاملارغا تولۇق ئەمەل قىلىپ ماڭىدىغان دەپ چۈشىنىپ تۇرايلى ) بىر-بىرىگە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمىدى.
گۈلەن يازمىلىرىنىڭ نىشان-مەقسەتلىرىگە كەلسەك، ئاساسەن مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىغا مەركەزلەشكەن: ئانا تىلنى قوغداش، مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، بىرلىكنى ساقلاش، ئاشقۇنلۇقتىن يىراق تۇرۇش، ۋەھاكازا...
ئەقلى-ھوشى جايىدا، قەلبى، ئىمانى ساغلام بولغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ قاراشلارغا ئىككىلەنمەي قوشۇلۇشى، توغرا تېپىشى مۇقەررەر. لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا كېلىپ چىققان نەتىجە-ئىنكاسلار باشقىچە. دىندارلارنىڭ گۈلەننىڭ يازمىلىرىدىن «قۇسۇر» ئىزدىگىنى ئىزدىگەن. ئەجەبا دىنىي ئۇستازلىرىمىز، تالىپلىرىمىز توغرىلىقى شۇنچىلىك روشەن پىكىرلەرنى قوبۇل قىلالمىغۇدەك جاھىل، رادىكالمىدۇ؟ ياكى مەسىلە گۈلەننىڭ يازمىلىرىدىمۇ؟
مەنچە بۇ سوئاللارنى گۈلەننىڭ ئۆزىمۇ ئويلىنىپ باققان. ئەمما كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئۇ بىرىنچى قاراشنى ياقلىغان. بولمىسا بۇ جېدەل ھازىرغىچە سوزۇلۇپ يۈرمەيتتى. ھەم ئۇنىڭ يازمىلىرىدا روشەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن بولاتتۇق. شەخسەن مەنمۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئويلىنىپ كېلىۋاتىمەن. گەرچە تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە رادىكال يول تۇتۇۋالغانلار، گەپ چۈشەنمەسلەر بولسىمۇ، ئەمما مەن تونۇيدىغان يىراقنى كۆرەر، پىكىرى ئوچۇق، ئىلمىگە پۇختا، گۈلەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇستاز، تالىپلارمۇ خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، سەۋەبنى ئوقۇرمەندىن كۆرۈش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇنداقتا گۈلەننىڭ يازمىلىرىدىكى، پىكىرلىرىدىكى مەسىلە زادى نېمە؟

1.لوپا ئەينەك
دىنىي ئۇستازلاردا، تالىپلاردا مەسىلە بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. خۇددى زىيالىلىرىمىزدا، سىياسىئونلىرىمىزدا، پەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا، ئاۋام-خەلقتە مەسىلە بولغىنىدەك ئۇلاردىمۇ ھەرخىل مەسىلىلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق. چۈنكى ئۇلارمۇ ئىنسان. ئەمما گۈلەن بۇلارنىڭ ئارىسىدىن دىنىي ساھەدىكىلەرنى تەنقىد ئوبيېكتى قىلىپ تاللىۋالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىدە «گۈلەن دىنىمىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋېتىپتۇ» دەپ ياخشى گۇمانمۇ قىلالايمىز. ئەمما مەسىلە شۇكى، ئۇ قولىدا لوپا ئەينەك كۆتۈرۈۋالغان. ئانا تىل مەسىلىسىنى مىسالغا ئالايلى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنۇتۇشى ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلانغان. ياۋروپادىمۇ شۇنداق، تۈركىيەدىمۇ شۇ. ئانا تىلىدىن پۈتۈن ئۈزۈلگەن تۈركىيەدىكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلارمۇ خېلى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما گۈلەن دىققىتىنى پەقەت مەدرىسلەردىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىغىلا قارىتىۋالغان. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە مەدرىسىلەردە ئانا تىل دەرسى ئۆتۈلىدۇ، يوق بولغان تەقدىردىمۇ دەرنەك ياكى شەخسلەرنىڭ كۇرسلىرى مەۋجۇت. بالامغا قەتئىي ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتمەيمەن دېگەن بىرەر دىندارنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمما گۈلەننىڭ يازمىلىرىغا قارايدىغان بولساق، تۈركىيەدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇۋاتقان، توسالغۇ بولۇۋاتقانلار دىنىي ساھەدىكىلەر قىلىپ كۆرسىتىلگەن. گۈلەننىڭ ۋەتەندىكى ۋاقىتتا ئانا تىل مەسىلىسى ئۈچۈن كۈچىگىنىنى بىلىمىز. شۇ ۋاقىتتىكى يازمىلىرىغا قارايدىغان بولساق، «ئانا تىل بىلەن دىننىڭ نېمە ئىشى» دەيدىغان مىڭدىن ئىچىدىن بىرەرسى چىقىپ قالىدىغان قارا قوساق موللىنىڭ يازمىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلىمىز. لېكىن «ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىسىمۇ بولدى، ئوبدان خىزمەت تېپىپ جېنىنى باقسۇن» دەپ پەرزەنتىنى خىتايلارنىڭ مەكتىپىگە تاشلاپ بەرگەن، ئۆيىدىمۇ خىتايچە پاراڭلىشىدىغان ئاتا-ئانىلار گۈلەننىڭ لوپا ئەينىكىنىڭ سىرتىدا قالغان. ئەمەلىيەتتە زادى قايسى توپ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ؟! ئانا تىل خورلۇقىنىڭ باش سەۋەبكارى بولغان خىتاينىڭ گۈلەننىڭ ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنماسلىقىنى ئۇنىڭ ئۆزرىسى تۈپەيلىدىن دەپ تۇرايلى، گەرچە ئۇ ۋەتەندىكى ئۇستازلارنىڭ بۇ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلمىسىمۇ.
مەسىلىلەرگە غەربنىڭ كۆزى بىلەن باقىدىغان گۈلەن ھەقىقەتەن غەربنىڭ ئەندىزىسىنى ياخشى قوبۇل قىلغاندەك. مەسىلەن: FBI نىڭ ئەڭ يېڭى سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ پەقەت 6% لا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان. ئەمما ئامېرىكىنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرى لوپا ئەينەك ئېففىكتىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا مۇسۇلمان بىلەن تېرورچى ئۇقۇمىنى بىر قىلىپ كۆرسىتەلىگەن. قارايدىغان بولساق، گۈلەننىڭ يازمىلىرى كىشىلەرگە، بولۇپمۇ دىندىن يىراق ياكى قارشىلارغا «ئەسلى ئانا تىلىمىزنى ئاقسىتىۋاتقانلار موللىلار ئىكەن» دېگەن پىكىرنى سىڭدۈردى سىڭدۈرىۋاتىدۇ، مەيلى گۈلەن شۇنى مەقسەت قىلغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن.

2. خاسلىقنى ئومۇمىيلىققا كۆتۈرۈش
گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىنى، بولۇپمۇ دىنغا ئالاقىدار يازمىلىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا مۇنداق بىر ئورتاقلىقنى ھېس قىلاتتىم. كىيىن قارىسام بۇنى ھېس قىلغان مەنلا ئەمەس ئىكەنمەن. يەنى گۈلەننىڭ يازمىلىرىدا ناھايىتى نادان، ئىنتايىن ئاشقۇن، تولىمۇ قاتمال مۇسۇلمان ئوبرازىدىن بىرسى چوقۇم بولىدۇ. بۇنداق ئوبرازلارنى ئادەتتە كۆرۈپ ئەمەس، ئاڭلاپمۇ باقمايسىز. ياكى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىسىز. مەسىلەن: ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆمرىدە ئاڭلاپ باقمىغان تالىپ، ئۇيغۇرنى تونۇمايدىغان موللا...دېگەندەك. بۇ ئوبرازلار گۈلەننىڭ پىكىرلىرىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، دەلىل سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. مەن بۇ ئوبرازلارنى ئويدۇرما دېمەيمەن، ئەمما پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنىڭ يوقنىڭ ھېسابىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل.
ئەجەبا گۈلەننىڭ مۇشۇنداق ئاز ساندىكى ئالاھىدە شەخسلەرنى دىندارلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تەسۋىرلىشى ئىنساب جۈملىسىدىنمۇ؟ ئىلمىيلىكنى تەكىتلەيدىغان بىر زىيالىنىڭ مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلىشى ئىلمىيلىككە ياتامدۇ؟ بەلكىم گۈلەن «بۇ ئىشلارنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈردۈم، شۇڭا دەلىل قىلىشقا ھەقلىقمەن» دېيىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا گۈلەن ئەپەندىگە شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتەي. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ «ئىللەت مىللەتتە بولمايدۇ» پىكىرىدىكى ئىلھام خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى يېزىۋاتقان مەزگىللىرىدە، ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئاتايىن ئىنكاس يېزىپ، ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا» ناملىق كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن «ئاپتورغا مېترودا پاھىشە ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۇچرىشى» ۋەقەلىكىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قېلىشنىڭ قانچىلىك ئېھتىماللىقى بارلىقىنى سورىغان. يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن «تۈرك ئايالنىڭ چوڭ كوچىغا چىققاندا بالىسىنىڭ ئايىقىدىكى لاينى سۈرتىۋېتىشى» ۋەقەلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئاپتورنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن توقۇپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى سۆزلىگەن. مۇشۇنداق ئىنچىگە گۈلەننىڭ ئۆزىگە كەلگەندە بولسا، بىر ئۆرۈلۈپلا ئەشۇ ئۇسلۇپنىڭ پىرىغا ئايلىنىپ قېلىشى قانداق گەپ؟! ئەجەبا خىتاينىڭ تەشۋىقات، مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق خۈنۈكلەشتۈرۈلۈپ بىر يەرگە بېرىپ قالغان موللا، تالىپ ئوبرازىنىڭ بۇ يازمىلار بىلەن تېخىمۇ ۋايىغا يېتىدىغانلىقىنى گۈلەن نېمىشقا ئويلىمايدۇ؟ ئەجەبا بىز گەپ-سۆزلىرىمىزنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىدىن سورالمامدۇق؟

3.ئەھلى بولمىغان ساھەگە پۇت كېرىش بولۇۋاتقان جېدەللەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ نۇقتا. شۇنداقلا گۈلەننىڭ ھېچ ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەي قېلىۋاتقىنىمۇ شۇ. دىنىي ئىلىم شۇنداق نەرسە، ئازراق ئۆگەنگەندىن كىين ھەممىنى بىلگەندەك ھېس قىلدۇرىدىغان. ئەمما بۇ ھالەت تولىمۇ خەتەرلىك. ئىشنىڭ ئۆز ئەھلى بولمىغانلارغا تاپشۇرۇلۇشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن دەپ كەلگەن. بۇ ھەرگىزمۇ بىز سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس. شۇنداقلا چۈشىنىپ بولالمىغۇدەك مەسىلىمۇ ئەمەس. ئاددىيسى گۈلەن ئۆتكەندە تۈركىيەدە بېسىلغان ئېلىپبەنىڭ سەككىزگە يەتكەنلىكىنى، ئەمما تۈزۈلۈشى ئىلمىي ئەمەسلىكىنى، ئۆزى ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈزگەن ئېلىپبەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك ئىكەنلىكىنى يازغان. لېكىن ئاشۇ تۈزگەنلەر ئۆزى تىلشۇناس بولمىسىمۇ، ئۆزىنىڭكىنى ئەڭ ياخشى دەيدۇ، «32ھەرپ بىلەن رەسىملەرنى قىستۇرۇپ قويساملا بولدى، مانا مۇشۇنداق ئاددىي» دەپ ئويلايدۇ. دىنىي ئىلىممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. گۈلەن ئۇستازلارنىڭ خىزمەتلىرىنى، دىنىي مەسىلىلەرنى ئاددىي ھېسابلايدۇ. «مەن ئۇلاردىنمۇ ياخشى بىلەلەيمەن» دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىنغا كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقى بار. مەسىلەن: مەن ئەھلى ئىلىم ئەمەس، تالىپمۇ ھېسابلانمايمەن. ئەمما ھەدىس ئىنكارچىلىرى توغرىسىدا، تەكفىرچىلەر توغرىسىدا بىر نەچچە يازما يازدىم. ھېچكىم مېنى دىنغا ئاتىكاچىلىق قىلدىڭ دېمىدى. ئەكسىچە، ئۇستاز، تالىپلار قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قايسى نۇقتىلارغا قانچىلىك سۆز قاتسام بولىدىغانلقىنى ئېنىق بىلىمەن. ئەمما گۈلەن ئەپەندى تا ھازىرغىچە بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ بولالمىدى.
دىنىي ئىلىمنى قەيەردە ئېلىش مەسىلىسى ئەسلىدىنلا دىنىي ئۇستازلار جاۋاب بېرىدىغان مەسىلە بولۇپ، گۈلەننىڭ ئارىلىشىش دائىرىسىدە ئەمەس ئىدى. ئەمما ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىككە سەۋەب بولدى. چوڭ ئۇستازلاردىن تارتىپ رەددىيە بەردى، ئەمما قوبۇل قىلىنمىدى، ئەكسىچە ئىككى يىلدىن كىيىن سەۋەبسىزلا قايتا يوللىنىپ، جېدەل يەنە تەكرارلاندى.
بىرەيلەندىن گۈلەننىڭ «نېمىشقا مەدرىستە شەرىئەت ئوقۇيدىغان بالىلارغا ئەرەب تىلى ئۆگىتىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىسىلەر» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. بەلكىم ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا بالىلارنىڭ خۇددى دىيانەتنىڭ مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ چىقسىمۇ، ئەرەبچىدىن بىر كىتاب ئوقۇيالمايدىغان، ئەمما ۋائىزلىققا پۇختا، سىياسەتكە ئارىلاشماي بەش ۋاق نامازغا ئىماملىق قىلىپ بېرىدىغان خوجىلاردىن بولۇپ چىقسۇن دېگەنلەرنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولسۇن بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دىنىي ئىلىمنىڭ ئاساسلىرىدىن، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ نىشان-مەقسەتلىرىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
گۈلەننىڭ يەنە بىر كۆپرەك تىلغا ئالغان نۇقتىسى ئۇستازلارنىڭ بۇرۇندىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۆرپ-ئادەت، ئەمەللىرىمىزنى بىدئەتكە چىقىرىشى. بۇ نۇقتىدا گۈلەن پۈتۈنلەي ئىنكار پوزىتسىيەسىدە بولغان. ھەقىقەتەن ھەر خىل ئېقىم جامائەتلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدە ۋە ئەمەللىرىدە قالايمىقانچىلىق بولغىنى راست. ئەمما ھەممىنى بىراقلا ئىنكار قىلىش، كەلتۈرۈپ چقارغان ئىجابىي نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، بولۇپمۇ ئۆزىگە ياقمىغان پەتىۋا، قاراشلارنى تەنقىد قىلىش ئىلمىيلىككە زىت بىر قىلىق. ئەمما گۈلەن ئۇستازلارنىڭ بەزىبىر ئىلمىي، دىلىللىك قاراشلىرىنى ئۆزى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن پىتنە تېرىغانغا، تەپرىقچىلىق قىلغانغا چىقىرىپ ماقالىلىرىدە سۆزلەپ كەلدى. ئەگەر گۈلەن دائىم تىلغا ئالىدىغان ئابدۇقادىر داموللام ھازىر بولغان بولسا، ياكى گۈلەن شۇ دەۋردە ياشىغان بولسا ئوخشاشلا داموللامنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىنى بۇزغان، دىنىنى قالايمىقان قىلغانلار قاتارىغا چىقارغان بولاتتى. مەسىلەن: داموللام دەۋرىدە قەبرىدىن مەدەت تىلەش، پالچىلىق، قۇرئان ئوقۇپ پۇل تېپىش...دېگەندەك مەسىلىلەر، خۇراپاتلار ئۆرپ-ئادىتىمىزگە، دىنىي ئىبادەتلىرىمىزگە ئايلانغان. ئەمما داموللام كېلىپ بۇ «ئادەتلىرىمزنى» بىدئەتكە چىقاردى. پۈتۈن ئۇيغۇرلار ھەنەفى مەزھىپى بويىچە ناماز ئوقۇيتتى، ئەمما داموللام رەفىيەت قىلىپ ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىپ «ئىختىلاپ تېرىغان».
ھەممەيلەن ئابدۇقادىر داموللام ھازىر بولغان بولسا دەيدۇ، ئەمما داموللامنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ، ياكى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قارشىسىغا چىقىرىپ قويىدۇ. بەزى مەسىلىلەر مۇشۇنچىلىك ئاددىي.

4. سەمىمىيەتسىزلىك 

بۇ نۇقتىمۇ تالاش-تارتىشنىڭ ھازىرغىچە ھەل بولماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى. ئەگەر گۈلەن يازمىلىرىدا سەمىمىيراق بولغان بولسا، ياكى تەنقىدلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلالىغان بولسا ئىدى، گۈزەل بىر نەتىجە چىققان بولاتتى.
ئەلۋەتتە، گۈلەننىڭ بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ھەقىقەت شۇنداق. مەسىلەن: گۈلەننىڭ سەيىد قۇتۇپ رەھىمەھۇللاھ توغرىسىدىكى يازمىسىدا ئۇنى «كوممۇنىزىم ئىدىيىسى بار» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بىر كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋە كوممۇنىست بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئىشنىڭ ھەقىقىتى بولسا، سەيىد قۇتۇبنىڭ ئۆتمۈشتىكى كومۇنىستىك ئىدىيىسى بىلەن، ھەقنى تونۇغاندىن كىيىنكى يېڭىچە قىياپىتى ئايرىلمىغان. يەنى قەستەن يوشۇرۇلغان. ئەسلى بۇ بىر زىيالىغا ياراشمايدىغان قىلىق ئىدى.
ئۇنىڭ تۈنۈگۈنكى يازمىسىغا قاراپ باقايلى، ۋەلىيسىز نىكاھنى ھالال ساناپ، نۇرغۇن پاجىئە كېلىپ چىقىپتۇ. گۈلەن بۇنى تەنقىد قىلغان ئىكەن، «دىننىڭ قوغدىغۇچىلىرى» بىرلىشىپ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپتۇ؛ «ئۇستازلار» جىھادقا، ھىجرەتكە تەشۋىق قىلىپتۇ. گۈلەن بۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئاھانەتكە قېلىپتۇ. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، نېمىشقا ھەمىشە بىر توپ رادىكال دىندارلار گۈلەنگە توپلىشىپ قارشى چىقىدۇ، گۈلەن بولسا ئۆزى يالغۇز ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ دىننىڭ، مىللەتنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ئەمما ھەقىقىي دىنىي ئۇستازلار بۇ سېنارىيەدە مەڭگۈ كۆرۈنمەيدۇ؟ ۋەلىيسىز نىكاھنىڭ باتىلللىقنى مەن چېغىمدا مۇشۇ چالا كۆرۈۋالغان دىنىي بىلىمىم بىلەن بىلىمەنۇ، ئۇستاز-تالىپلاردىن بىرەرسى چىقىپ گەپ قىلماسمۇ؟ ياكى گۈلەن ئەپەندىگە خەۋىرى يەتمەپتىمۇ؟ بۇ ئاتالمىش پەتىۋانى دىننى قوغدىدۇق دەپ ئاقلايدىغان زادى قايسى بىر توپ كىشىلەر ئۇ؟ كىشىلەرنى خىتايلارنىڭ ھىيلە-مىكىرىدىن بىرەر ئۇستازمۇ توسۇماپتىكەنمۇ ئەجەبا؟ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ لېكىن بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى گۈلەننىڭ يازمىلىرىدىن مەڭگۈ تېپىلمايدۇ.
قىزلارنى ھىجابسىز ئوقۇتۇش مەسىلىسى مۇرەككەپ مەسىلە، ئۇنىڭغا دىنىي ئىلىمدە خېلى بىر يەرگە بارغان ئۇستازلار پەتىۋا بەرمىسە باشقىلار ئالدىراپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. بۇ يەردىمۇ ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە توختىلىش نىيىتىم ئەسلا يوق. ئەمما مەسىلە شۇكى، قىزلىرىنى ئوقۇتمىغان ئاتا-ئانىلارنى خاتا قىلدى دەپ ھۆكۈم قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى ئويلىغان نىيىتىنى خاتاغا چىقىرالمايمىز. ئەمما گۈلەننىڭ قەلىمىدە بۇ «جاھىل، ئاشقۇن» ئاتا-ئانىلار قىز بالىنى ئوقۇتسا يامان بولىدىغانلىقى، ئىلىم ئېلىش ھەققى يوقلىقى، ئۇلارنى پەس كۆرگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئوقۇتمىغان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئەگەر گۈلەن ئەمەلىيەتنى شۇ پېتى يازسىمۇ پىكىرلىرىنى يورۇتۇپ بېرەلەيتتى، لېكىن ئەپسۇس.

5. ئاشقۇنلۇق
بەلكى گۈلەن ئەپەندى بۇنى كۆرسە ھەيران قېلىشى، مەن ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرغۇچى تۇرسام قانداقسىگە ئاشقۇن بولاي دېيىشى ئېنىق. ئەمما نورماللىقنى ئاشقۇنلۇققا چىقىرىشمۇ ئاشقۇنلۇقتۇر.
توققۇز ياشلىق قىزنىڭ ھايا تۇيغۇسىنى ياكى چوڭلارنى دورىغان سەبىي قىلىقىنى «بالدۇر يېتىلىش، ئايال كىشى» دەپ مەسخىرە قىلىش ئاشقۇنلۇقتۇر. سەبىيلەرنىڭ مۇجاھىت بولىمەن دېگەن مەردانىلەرچە سۆزىنى ئالقىشلاش ۋە پەرۋىش قىلماقتا يوق، ئەكسىچە رادىكاللىققا چىقىرىش ئاشقۇنلۇقتۇر. ئەر، ئاياللار ئايرىم ئوقۇيلى دەپ ئاللاھقا تەقۋادرلىق قىلىشنى ئىستىگەنلەرنى ئاشقۇنلۇقتا سازايى قىلىش ئاشقۇنلۇقتۇر. مۇسۇلماننىڭ ھايا قارىشىنى مەسخىرە قىلىش ئاشقۇنلۇقتۇر. ئەرەب ئۇستازلارنىڭ كىتابلىرىدا تەربىيەلەنسە رادىكاللىشىدۇ دېيىش ئاشقۇنلۇقتۇر. ھىجرەت، جىھاد ئۇقۇملىرىنى قەستەن خۈنۈكلەشتۈرۈش ئاشقۇنلۇقتۇر. كىچىكنى چوڭايتىپ، بارنى بۇرمىلاپ مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەشكە سەۋەبچى بولۇش ئاشقۇنلۇقتۇر.

ئاخىرىدا گۈلەن ئەپەندىگە بىر نەچچە سوئال قالدۇراي، جاۋاب بەرسۇن دېمەيمەن، ھېچ بولمىسا ئويلىنىپ باقسا بولدى.
1. سىزنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىڭىز ۋە كەچۈرمىشلىرىڭىز كىچىك بىر ئارتۇقچىلىق ئەمەس، نېمە ئۈچۈن شۇ ئەۋزەللىكىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئانا تىلىمىزنىڭ، دىنىمىزنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلاتمايسىز ياكى دىققىتىڭىزنى بەكرەك شۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرمەيسىز؟
2. ھەرقانداق گەپنى ھەرقانداق سورۇندا دەۋېرىش كېرەكمۇ ياكى ئاقىۋىتىنى ئويلىشىپ، پايدا-زىياننى دەڭسەش كېرەكمۇ؟
3. سىز ھەممە ئۇستاز، تالىپلارنى نادان، جاھىل، ئاشقۇن دەپ چاغلامسىز ياكى ئايرىپ مۇئامىلە قىلامسىز؟ ئەگەر كىيىنكىسى بولسا نېمىشقا يازمىلىرىڭىزدىن ھېس قىلالمايمىز؟
4. قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارغا نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئۇستازلىرىمىز تۇرۇپ بېرىپ دەۋەت، نەسىھەت قىلمايدۇ؟ ياكى بۇنىڭ باشقا سەۋەبى بارمۇ؟ بۇ ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
5. دىن ھەققىدىكى يازمىلىرىڭىزغا ئالقىش ياڭرىتىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇندىن بۇيان ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ئىسلامنى، مۇسۇلماننى سۆكۈپ كېلىۋاتقان دەھرىيلەر، خىرىستىئانلار، دىن بىلەن خوشى يوق «مۇسۇلمان»لار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن بىرەر نەرسە ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟
6. چەتئەلدىكى تىلشۇناسلىرىمىز ساناقلىق، نۇرغۇن مەسىلىلەر سىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، قاچان ئۆز ئىشىڭىزغا تۇتۇش قىلىسىز؟
7. سىز بىرەر قېتىم خاتالىق مەندىمىدۇ دەپ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟

ئاپتۇرى: خەزىنە 2017.11.25
مەنبەسى: فېيىسبۇك

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى