تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.07.2017 11:52:31 يوللانغان تارىخ: 05.07.2017 11:52:31 0 1381

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

يوقالسۇن خىتايلار، زالىم خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاش بىلەن بىرگە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسسپورتلىرىنى تارتىۋېلىش

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇندىن 8 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2009- يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2017- يىلى 5- ئىيۇل چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان توختاۋسىز زۇلۇملىرىغا قارشى غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادىلەپ يوقالسۇن خىتايلار، زالىم خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاش بىلەن بىرگە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسسپورتلىرىنى تارتىۋېلىش، تەھدىت سېلىش، گۆرۈگە ئېلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى.
نامايىش جەريانىدا، نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دەرەخ تۈۋىدە ماراپ تۇرغان خىتايلارغا خىتاب قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ داۋالىرىنىڭ ھەق داۋا ئىكەنلىكىنى، گەرچە سان جەھەتتە ئاز بولسىمۇ بۇ دەۋادىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىش ئاخىرىدا سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ،! زالىم خىتاينىڭ تىزراق ھالاك بۇلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى