ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 30.06.2017 00:45:06 يوللانغان تارىخ: 30.06.2017 00:42:52 0 957

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۆز مەسچىتىدە روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى

بۇ قېتىمقى روزا ھېيت نامىزىغا كەلگەن جامائەتنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكى ھېيت نامىزىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئاشتى. بۇ قېتىمقى روزا ھېيت نامىزىغا ستوكھولم ئەتىراپىدا ياشايدىغان ئەر- ئايال ۋە بالىلاردىن بۇلۇپ تەخمىنەن 250 ئەتىراپىدا

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۆز مەسچىتىدە روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى

ئون ئىككى ئاينىڭ سۇلتانى بولغان رامزان ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇبارەك روزا ھېيتنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى شادلىققا چۆمدى. ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا بىردەك بايرام قىلىپ بەرگەن بايراملىرىدىن بىرى بولغان روزا ھېيت نامىزى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاققا كېلىشى بىلەن 25- ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى ئوقۇلدى. شۇ قاتارىدا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 25- ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، «شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا» تۇنجى مەيدانغا كەلگەن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىگە جەم بولۇپ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ مەسچىتىدە روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئورۇن كىرالاپ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ھەر يىلى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا چوڭ پەرقلىق بۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەسچىتىگە يىغىلىپ ئوقۇدى.

بۇ قېتىمقى روزا ھېيت نامىزىغا كەلگەن جامائەتنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكى ھېيت نامىزىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئاشتى. بۇ قېتىمقى روزا ھېيت نامىزىغا ستوكھولم ئەتىراپىدا ياشايدىغان ئەر- ئايال ۋە بالىلاردىن بۇلۇپ تەخمىنەن 250 ئەتىراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 176 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان مەسچىت جامائەت بىلەن لىق تولدى.
ھېيت نامىزىغا سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم ئىماملىق قىلدى، ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئۇيغۇرچە ناماز خۇتپىسى ئوقۇلدى. نامازغا كەلگەن جامائەت سۈكۈت ئىچىدە ناماز خۇتپىسىنى ئاڭلىدى. خۇتپىدىن كېيىن دۇئا قىلىندى.
دۇئادىن كېيىن ھەممەيلەن بىر- بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ھېيتلىق سالاملار يوللاشتى. كېيىن جامائەتلەر توپلىشىپ ئۆي- ئۆيلەپ ھېيت پەتىسى قىلىشىپ خۇشال- خۇرام ھالدا ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى