تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 01.06.2017 10:29:27 يوللانغان تارىخ: 01.06.2017 10:29:27 0 2227

كېچىكىپ ئويغانغان مىللى روھ

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقانداق بىر يەرلىك پۇقرا ۋە ھەتتاكى يەرلىك مىللى كادىرلارنىڭمۇ ئاللا بۇرۇن بېيجىڭ مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىدا جۇۋىسى تىكىلىپ، ھۆكۈملىرى پىچىلىپ بولغانلىقىدەك بىر شۇم پىلاننىڭ بېشارەتلىرىنى تاراتقىلى باشلىدى

كېچىكىپ ئويغانغان مىللى روھ

ئا-كۆكيار

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت رايونلىرىنىڭ تەبىئىى بايلىقىنى تالان تاراج قىلىپ، ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلق ئاممىسىنىڭ قېنىنى شوراپ، شۇنداقلا ئومۇمى خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئۈلەش تىرىلىشىگە قارىماي، ھۆكۈمران كۈچنى مەركەز قىلغان كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ چۆنتىكىنى تولدۇرۇش ئارقىلىق ھارام بايلىق توپلاپ،ئىقتىسادى ۋە ھەربى كۈچ جەھەتلەردە مەلۇم سەۋىيىدە تەرەققى قىلغانلىقىدىن كۆرەڭلەپ، قىن- قېنىغا پاتماي، ئۇزاقتىن بىرى ئۇخلىماي كۆرۈۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقىنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىش ئارقىلىق تەلتۆكۈس يوقىتىشتەك» خام خىيال ۋە شىرىن چۈشلىرىنى تىزراق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش، ئۈچۈن نەپسى تاقىلداپ، جۇدۇنلۇقى تۇتۇپ، قەبىھ ماھىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تارىختىن بۇيان يۈزىگە ئورىۋالغان مەنىۋى چۈمبەردىلىرىنىمۇ ئامالسىز يىرتىپ تاشلاپ، ئەسلىدىكى رەزىل ماھىيىتىنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زەربە بېرىش ئوبېكتىسى بولغان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» دېگەن سىياسى ئۇقۇمغا يەنە بىر خىل «ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار» دېگەن يىڭى بىر ئاتالغۇنى قېتىپ چىقىپ، بىلىكىدىكى كۈچكە ئىشىنىپ، ھەرخىل باھانە سەۋەب ۋە بىمەنە سىياسەتلەرنى چىقىرىپ زەربە بېرىش دائىرسىنى كېڭەيتىپ، مىللى كادىرلارنىڭ مۇستەملىكە قارىتا تەسلىم بولغانلىقى، سۈكۈت قىلىپ چىشنى- چىشقا چىشلەپ، مىللى خاسلىق ۋە دىننى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان ھالدا كومپارتىيىگە سادىق ئىشلەپ بەرگەنلىكىنىڭ ئەمدى ھېچ نەرسىگە يارىمايدىغانلىقىنى، ئاشكارا قىلىشقا باشلىدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقانداق بىر يەرلىك پۇقرا ۋە ھەتتاكى يەرلىك مىللى كادىرلارنىڭمۇ ئاللا بۇرۇن بېيجىڭ مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىدا جۇۋىسى تىكىلىپ، ھۆكۈملىرى پىچىلىپ بولغانلىقىدەك بىر شۇم پىلاننىڭ بېشارەتلىرىنى تاراتقىلى باشلىدى.

شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەرلىرىدە ئۆز خەلقىنىڭ جانى جان مەنپەتنى ئالدىن قاتارغا قۇيۇپ، خەلق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ مەمۇرىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان خەلىقچىلىق ئېڭى يۇقىرى مۇنەۋۋەر مىللى كادىرلارغىمۇ يېقىندىن بۇيان «ئىككى يۈزلىمىچى، مەيدانى ئېنىق، بايرىقى روشەن ئەمەس» دېگەندەك ئويدۇرۇلما جىنايەت ۋە سىياسى قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، قاتتىق جازالىنىۋاتقانلىق خەۋەرلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز. كۆتىرەلمىسىڭىز ساڭگىلىتىۋېلىڭ دېگەندەك، ئاتالمىش (ئۈچ خىل كۈچ) دېگەن كاتېگورىيەنىڭ بىرەرسىگە كىرىپ قېلىپ بىكاردىن بىكار قاتتىق جازالىنىۋاتقان قوۋم قېرىنداشلارنىڭ سانى ھەددى ھېسابسىز بولۇپ كەتكەنلىكىگە شۇنداقلا، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى قوڭىغا ئۇرۇپلا ئويدۇرۇپ چىققان بىمەنە قانۇنسىز جازالار نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ ئازاب ئوقۇبەت چېكىشىگە ،يۇرتلىرىنى تاشلاپ، جانلىرىنى ئالقانلىرىغا ئېلىپ يۇرت تېشىغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىشىغا ھەركىمنىڭ ئىچى ئېچىشىپ تۇرغان بىر پەيتتە بۇنداق يىڭى تۈردىكى بىمەنە ئەھۋاللار دەرتلىرىمىزگە دەرد قاتتى. شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى بىئارام قىلدى.

كۆز ئالدىمىزدا ئەمىلى يۈز بەرگەن بۇ تىراگىدىيلىك ئەھۋاللار، بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان بىر رەزىل يولسىز ئۇنسۇر كۈچ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىدىن باشقا بارلىق كوممۇنىست بولمىغان، تولۇق ماڭقۇرتلاشمىغان ھەرقانداق بىر يەرلىكنى جان جەھلىدىن ئۆچ كۆرىدىغان ياۋايى بىرخىل كۈچ ئىكەنلىكىنى، ئېنىق ۋە ئەمىلى كۆرسىتىپ بەردى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ، كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ، تېخىمۇ ناچارلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشى، بىزگە تەبىئىى ھالدا مەشھۇر سىياسى ھېكايە چۆچەكلەردىكى بىر گۇرۇپپا يالاڭتۆش قانخور يولۋاس گۇرۇھىنىڭ كۈچلۈك بىر بۇقا توپلۇقىنى قارا، قىزىل، ئاق ۋە سېرىق دىگەندەك رەڭلىرى بۇيىچە بىر نەچچە تۈرگە ئايرىپ، ھىيلە ئىشلىتىپ، بۇقىلار ئائىلىسىنىڭ ئىدىيىسىنى يۇيۇپ، مىللى بىرلىك روھىنى تورمۇزلاپ توختىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قۇساق ئېھتىياجغا قاراپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ يېگەنلىكى، ئەڭ ئاخىردا ئۆلۈم نۆۋىتى كەلگەن ئاق بۇقىنىڭ مىللى بىرلىك روھى كېچىكىپ ئويغۇنۇپ، جان بېرىشنىڭ ئالدىدا ھەسرەت ئىچىدە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۇچۇن ئىنتايىن تەسىرلىك بىر تەپەككۇر خاتىرىسىنى قالدۇرغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

”قانخور يولۋاسلار ۋە بۇقا ئائىلىسى“دېگەن سىياسى ھېكايىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

بۇرۇنقى زاماندا بىپايان چەكسىز پەلەكنىڭ مەلۇم بىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بىر يېشىللىققا چۆمگەن تىنىچ جاڭگالدا بىر ئەۋلاد كالا ئائىلىسى ياشايدىكەن،كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقا بىر ئوتلاقتىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ،يەپ تۈگىتىپ، ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭمۇ بىر تىرە بىر سۆڭىكى قېلىپ يالاڭتۆش بولۇپ قالغان بىر تۈركۈم يولۋاس گۇرۇھى بۇ تىنىچ جاڭگالغا جاڭگالنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچى قىياپەتتە شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، كۆچۈپ كېلىشكە باشلاپتۇ،يالاڭتۆش يولۋاسلارنىڭ ساختا سەمىيمىيتىدىن گۇمانلانغان قارا كالا قەبىلىسىنىڭ كاتتىۋېشى بارلىق كالا قەبىلىلىرىنىڭ ئاق ساقال بۇقىلىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ يىغىن ئېچىپ،يالاڭتۆش يولۋاس گۇرۇھىنى تىنىچ جاڭگالدىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدە پىلان لايىھە تۈزۈپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تىنىچ جاڭگالغا خوجايىن بولۇش ئۈچۈن كۆچۈپ كەلگەن ئېقىندى يالاڭتۆش يولۋاس گۇرۇھى بىلەن يەرلىك بۇقىلار ئارىسىدا كۈرەش باشلىنىپتۇ. كۈچلۈك بىر جەمەت يەرلىك كالا ئائىلىسىنىڭ ئاق ساقاللىرى بىلەن يۈزمۇ-يۇز ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلىشقا كۆزلىرى يەتمىگەن ئېقىندى ئاچ يولۋاسلار سۈلھى-سالاچى ئىتتىپاقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ،ئىلگىرى باشقا يايلاقلاردا باشقا ھايۋاناتلار ئائىلىسىنى قاقتى سوقتى قىلىپ ،ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش جەريانىدا ئىگىلىگەن تەجرىبىلىرىنى ئىشقا سېلىپ،تىنىچ جاڭگالدىكى بۇ، بۇقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى يۇيۇپ،مىللى بىرلىك روھىنى تورمۇزلاپ توختىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قوساق ئېھتىياجغا قاراپ ئوۋلاپ يوقۇتۇش يولىنى تاللاپتۇ.ئەڭ باشتا بىر ئاماللارنى قىلىپ كالا ئائىلىسى ئىچىدىن بىر تۈركۈم تەربىيىسىز قالغان قۇساق باقتى مۇزايلارنى يولۋاسلارغا ئىتتەك سادىق قىلىپ ماڭقۇرتلاشتۇرۇپتۇ. تۈزىگەن پىلانلىرىنىڭ ۋاقتى سائىتى پىشىپ يەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاچ يولۋاسلار، بۇقىلار ئارىسىدىكى مىللى روھى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قارا بۇقا بىلەن قەستەن جېدەل ماجرا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپتۇ، باشقا رەڭلىك بۇقىلار ئۇشبۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قارا بۇقىنىڭ تەرەپدارى بولۇپ يولۋاسلاردىن ھېساب سوراپ مەيدانغا يىغىلىپتۇ،ئاچ يولۋاسلار پەم بىلەن ئەقىل ئىشلىتىپ، بۇقىلارغا مۇنداق خىتاب قىلىپتۇ:

-ھۆرمەتلىك كالا ئائىلىسىنىڭ ئاق ساقاللىرى،ۋە بارلىق كالىلار!يولۋاس ۋە كالا ھەممىمىز بىر ھايۋاندۇرمىز. گەرچە بىزنىڭ يېمەك ئىچمەك ئادىتىمىز ،ھالال -ھام قارىشىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ،بۇ تىنىچ جاڭگالنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۇچۇن،بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۇرۇق تۇغقان بولۇپ ئۆتىشىمىز،بىر بىرىمىزنى تاشقى دۈشمەندىن قوغدىشىمىز لازىم!كالا مىللىتى،يولۋاس مىللىتى دەپ،بۇ تىنىچ جاڭگالدا مىللى بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلماي بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك،ئۇرۇق تۇغقان ۋە ئىناق بولۇپ ياشىشىمىز لازىم! ماۋۇ قارا بۇقا،ئارىمىزغا زىددىيەت سېلىپ سىلەرنى بىزگە،بىزنى سىلەرگە دۈشمەن قىلىپ،ھايۋاناتلار ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىپ كېتىپ بېرىۋاتىدۇ،ئەقىللىق كالا ئائىلىسىنىڭ بۇنداق بىر مىللى بۆلگۈنچى قارا بۇقا نىڭ ئارقىسىغا كىرىپ بىزنى خاتا گۇمان قىلماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز!بىلىپ قېلىڭلاركى بىزنىڭ باشقا رەڭلىك بۇقىلار بىلەن زىدىيتىمىز يوق“دەپ باشقا رەڭلىك بۇقالارنى خاتىرجەم قىلىپ تارقىتىۋېتىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ئايلار ئۆتۈپتۇ، ئاچ يولۋاسلار، ئالدىن پىلانلىغان رەزىل تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، كۆكەمىلەرچە سېرىق بۇقىغىمۇ باشقا بىرخىل ئويدۇرما جىنايەت توقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭغا بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، ھىد بۇسنى چىقارماي يەپ تۈگىتىۋېتىپتۇ. ئىشلار مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپتۇ. ئۆلۈش نۆۋىتى ئەڭ ئاخىردا قالغان ئاق بۇقىغا يىتىپ كېلىپتۇ. ئاق بۇقىنىڭ مىللى بىرلىك روھى كېچىكىپ ئويغۇنۇپتۇ. ئۇ جان بېرىشنىڭ ئالدىدا ھەسرەت ئىچىدە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۇچۇن تۆۋەندىكى سۆزىنى قالدۇرۇپتۇ:

-“ئەڭ باشتا رەھمەتلىك قارا بۇقا، قېرىندىشىم مەككار ئاچ يولۋاسلارنىڭ زەھەرلىك چاڭگاللىرى ئارىسىدا خىرقىراپ، مۆرەپ جان بېرىشكە باشلىغاندا، مەنمۇ ئۆلۈپ بولۇپتىكەنمەن ئەسلى…“.

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە غالجىرلىشىپ، كېتىپ بېرىۋاتقانلىقى، شەرقىى تۈركىستاندا ئەركىن بىر نەپەس ئېلىشىمۇ تەس ھالغا كېلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا، ئۈندىدار توپلىرى ۋە باشقا ھەرخىل مېدىئا ۋاسىتىلىرىدە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مۇنازىرە تېمىلىرىمۇ ئىنتايىن كەسكىن ۋە جىددى بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پېشقەدەم ئۇستازلاردىن سىياسى ئەربابلاردىن خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ مېڭىشىغا قارشى نېمە قىلىش توغرىسىدا تالاي سوئاللارنى بەس-بەستە ئاشكارا سوراشقا باشلىغانلىقىغا، كېچىكىپ بولسىمۇ، ھەممە ئادەمنىڭ بىردەك سۈت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ۋە شۇم نىيىتىنى ئاخىر تونۇپ يىتىپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىشقا ئىزدىنىشكە ئاتلانغانلىقىغا، قىسقارتىپ ئېيتقاندا ئۇمۇمىي خەلق ئارىسىدا بىرخىل جىددى كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشكە باشلانغانلىقىغا شاھىد بولۇۋاتىمىز.

گەرچە، كۆپۈنچە قىيىن ۋە مۇرەككەپ سوئاللار جاۋابسىز قېلىپ، تور دۇنياسىدا بىرخىل سۈكۈتنىڭ، يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىرخىل روھسىزلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقىدەك بىرخىل ئاچچىق رېئاللىق ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلسىمۇ، لېكىن ئۇمۇمىي ۋەزىيەتكە دىققەت قىلغىنىمىزدا ئۇمۇمىي يۈزلۈك خەلقنىڭ سۈت ئۇيقۇسىدىن كېچىكىپ بولسىمۇ ئويغۇنۇپ، مۇستەملىكتىن قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. مىللى روھى كېچىكىپ بولسىمۇ ئويغۇنۇپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، مۇستەملىكتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى تېپىشقا سەمىمى ئىزدىنىشكە باشلىغان شەرقى تۈركىستانلىقلار چوقۇم بىر كۈن چىقىش يولىغا ئېرىشىدۇ.

ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ھامان بىركۈن توغرا يول تېپىپ چىقىشى، توغرا يۇسۇندا تىرىشقانلار، تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىنى كۈرىشى، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم نېمە تېرىسا شۇنىڭدىن بىر ھۇسۇلغا چوقۇم ئېرىشىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتلەر مۇقەددەس كىتابلاردا تالاي قېتىم قەيت قىلىنغان، شۇنداقلا تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە ھەتتا كۆز ئالدىمىزدا ئەمەلىيەت بىلەن ئىسپاتلانغان. مەزلۇم شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدىلوگىيە ساھەسىدە شەكىللىنىشكە باشلىغان بۇ ئويغىنىش دولقۇنىنى، ئىلگىركى بەزى ئېقىمدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدىلوگىيسىدە مەۋجۇت بولغان “خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئادالەت كۈتۈش“ خاھىشىغا سېلىشتۇرغاندا، زور بىر ئىلگىرىلەش دەپ ئاتىساق مۇبالىغە بولمايدۇ.

لېكىن شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلىرى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇمۇمىي يۈزلۈك ئويغۇنۇپ كېتىشىدىن، مۇستەملىكتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدىنىشكە باشلىغانلىقىدەك ھەرىكەتچان ھالىتىدىن ئەلۋەتتە ئۇڭايسىزلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇمۇمىي يۈزلۈك ئويغۇنۇپ كەتكەن ئاق كۆڭۈل شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈش نىشان ئۇبىكتىسىنى باشقا ياقلارغا ۋاسىتىلىك بۇراپ، كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپنى كۆرمىگەن ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ ساغلام ئىدىيىسىنى دىن نامىدىن قالايمىقان قىلىپ، ئۇلارنى زىممىسىگە يۈكلەنگەن (پەرز جىھاد) تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئۇرىشى ئىبادەتلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، مۇتەتەۋى بولۇشنى ئۆزىگە شەرەپ ۋە ئەڭ ساۋابلىق بىلىدىغان بىر خىل تونۇشقا ئەكىلىپ ئىنتايىن قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئويناۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى يەنە بىر تۈركۈم ماڭقۇرتلاشقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنى چەت دۆلەتلەرگە يوللاپ، ئۇلارنى ئادەم قىياپىتىگە كىرگۈزۈپ، ئادالەتپەرۋەرلىك بىلەن نىقاپلاندۇرۇپ، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا جېنىنىڭ بارىچە كاكىرىتىپ، ھەتتاكى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىگە چىش تېرنىقىغىچە ئۆچ قىياپەتكە كىرگۈزۈپ؛ پىلانلىق ھالدا مائاش بېرىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇخىل ماڭقۇرتلار ئادەمنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا بىرخىل پەرەشتە، كەينىگە ئۆتسە، ئالۋاستىغا ئايلىنىپ، قارا قوللىرىنى سوزۇپ، تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلىنى كولاپ، ھەققانى داۋايىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئەل-جامائەتنىڭ تەشكىلاتلارغا ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ تازا ئالغا بېسىپ كەتمىگەنلىكىنى، مەزلۇم خەلقنىڭ دەردىگە ۋاقتىدا دەرمان بۇلالمىغانلىقىدەك ئاجىزلىقلىرىنى، دىننى كەمچىلىكلىرىنى كۆپتۈرۈپ تەنقىت قىلىپ، ئاق كۆڭۈل شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قورساقلىرىنى كۆپتۈرۈپ، دۇشمەندىن چەككەن ئەزىيەت ئاچچىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن چىقىرىشقا ۋاسىتىلىك كۈشكۈرتۈش ئۈچۈن، ھەرخىل سىياسى ئويۇنلارنى ئوينايدۇ..

شۇڭلاشقا ”خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ھازىر نېمە قىلىش كېرەك“ دېگەن سوئالنى باشقىلاردىن سوراشنى ئۆزلىرىگە بىر خىل ئۇدۇم قىلىۋېلىپ، ئۆزەم زادى نېمە قىلالايمەن قۇلۇمدىن نېمە كېلىدۇ؟ دەپ ئۆزىنى دەڭ سېلىپ باقماي ئۆز تەبىئىتىدىكى قابىلىيىتىنى قېزىپ چىقىپ ئۇنى ۋەتەن مىللەت ۋە ئۈممەتكە پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىپ باقماي، دائىم تەشكىلاتلارنىڭ ئارىسىغا پىتنە ئۇرۇقى چېچىپ، تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئاغزىنى تاتىلاپ، ئەيىپىنى كولاپ، ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنى مېدىئاغا ئاشكارىلاشقا، زورلاپ، تەشكىلات ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشاشماسلىق يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى بىر بىرىگە دۈشمەن قىلىشقا، سىياسى دەۋانىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى مۇنەۋۋەر پىشقەدەملەرنى بىرە مۆجىزە خارەكتىرلىك بەدەلسىز ئۇڭاي يولنىڭ خەۋەرنى تېپىپ بېرىشكە، قىستاپ بىر تۇرۇپ، ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىمنىڭ توغرا يولدا ئەمەسلىكىنى، يەنە بىر تۇرۇپ، ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىمنىڭ توغرا يولنى تېپىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى، ياكى بولمىسا بۈگۈنكى كۈندە خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش يولىنى تېپىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى جار سېلىپ، ئۆزىنى تەڭداشسىز دانىشمەن، زۇلۇمغا چىداپ تۇرالمايدىغان قەھرىمان قىلىپ كۆرسىتىشكە ھەركەت قىلىۋاتقان بەزى يۇشۇرۇن مەككار كۈچلەرگە دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەھرىمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئارىسىغا زىددىيەت سېلىشىغا، خەلقنى تەشكىلاتلارنىڭ ئەتراپىدىن ئۈركۈتۈپ، تەشكىلاتسىزمۇ، ۋەتەن مىللەت ئۇچۇن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى، تەشكىلاتقا ئارىلىشىپ قالسا خىتاينىڭ ئىستىخبارات تورىغا تىز چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقۇرلىقىدەك بىر خىل سۇنئىي مۇھىت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ھوشيارلىق بىلەن دىققەت قىلىپ،ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك!

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ دىننى جەھەتلەردىكى بەزى كەمچىلىكلىرىنى ئامال بار ئۆگىنىش ئارقىلىق تولۇقلاپ يېتىلدۈرۈپ، تەشكىلات رەھبەرلىرىگە ماس بولمىغان ھەر قانداق ئىش ھەرىكەتتىن ئۆزىنى تارتىپ، خەيرلىك ئىشلاردا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ پىتنە تارقىتىش تاۋاقلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىشى لازىم!

ئادەتتە، تەشكىلاتسىزمۇ ۋەتەن مىللەتنى مۇستەملىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغىلى بولىدۇ، يېقىندا چەتئەللىك دوستلۇرۇمدىن بىرسى، شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالماي ئىنگىلىزچە ”شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى“ دېگەن تېمىدا بىر كىتاب ھازىرلاپ نەشىر قىلدۇرۇشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھازىر ئۇنىڭ قولىدىن شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا توغرا شەكىلدە ئاڭلىتىپ، خەلقئارادىكى ھەققانىيەتچى خەلقلەرنىڭ دىققىتىنى بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئىشى كېلىدىكەن. ئاپىرىن!

شەرقى تۈركىستان پۇقراسى بولمىغان بىر چەتئەللىك پىدائىنىڭ قولىدىن ئىنگىلىز تىلىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ھەقسىزلىكلەرنى بايان قىلىدىغان بىر كىتاب يېزىپ چىقىش كەلگەن يەردە، ئۆزلىرىنى ھېچ كىمگە تەڭ قىلمايدىغان، تەشكىلاتلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى ئۆزىچە كۆزىگە ئىلماي ۋاتقان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ قولىدىن شەرقى تۈركىستاندا كۈنىگە بولۇۋاتقان ھەقسىزلىكلەرنى خەلقئاراغا پاش قىلىش ئۈچۈن ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ بىرە پارچە ئىلمى ماقالە ياكى خەۋەر يېزىش قولىدىن كەلمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە كېلىدۇ، بۇخىل مۇقەددەس مەجبۇرىيەتلەرنى يەككە ھالەتتە بولسىمۇ تونۇپ يىتىپ، قولىدىن كېلىشىچە نامسىز ئىشلەۋاتقان پىدائىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما يەككە ھالەتتە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرگە قارىغاندا تەشكىللىنىپ قىلغان خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى، خاتالىشىپ قېلىش دەرىجسى تۆۋەن، داۋاملىشىش نىسبىتى ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ. بۇلارنىڭ قايسى تۈردىكىسىنى تاللاش ھەر كىمنىڭ خۇسۇسىي ئەركىنلىكى.ئىمكانقەدەر يەككە تۈردىكى خىزمەتلەر تەشكىللىنىپ ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتنىڭ تولۇقلىمىسى بولغاندا ئەڭ توغرا بولغان بولىدۇ. لېكىن يەككە خىزمەتنى تەشكىللىنىپ قىلغان خىزمەتتىن ئۇلۇغ بىلىش، ياكى يەككە خىزمەت قىلىش بىلەن تەشكىللىنىپ خىزمەت قىلىش ئارىسىنى بىر-بىرىگە زىچلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تەشكىلاتلارنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، دىننى ۋە سىياسى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىرخىل يامان جىنايەت.

قۇدرەتلىك رەببىمىز ئاللاھ، ئەڭ تەھلىكىلىك ھايات سىناقلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان بارچە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆمرىمىزنى ئۇزاق، ئىستىقبالىمىزنى پارلاق، مىللى بىرلىك روھىمىزنى ھەردائىم ئويغاق قىلىپ، نۆۋەتتىكى بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، چىقىش يولى تېپىپ، ساق سالامەت ئۆتۈپ كېتىشتە مۇۋەپپەق قىلسۇن ئامىن!

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى