تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 09.05.2017 01:21:37 يوللانغان تارىخ: 09.05.2017 01:21:37 0 2473

خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قەسەمنامە ئېلان قىلغان

سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى قاتتىق ساقلايمەن، ھەرۋاقىت پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن

‏خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قەسەمنامە ئېلان قىلغان

خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى شەھەر يېزىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى يىغىپ ئاتالمىش ( ئۈچ خىل كۈچلەر) گە قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى كوممۇنىست خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتىرىپ مەجبۇرىي قەسەم بېرىشكە زورلاپ دىندىن چىقىرىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇرلارنى قەسەم بېرىش ئارقىلىق خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قەسەمنامە ھازىرلاپ تارقاتقان.
خىتاينىڭ ئالاقە ئۇچۇر ۋاستىسى بولغان ئۈندىداردا، ( جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىق قەسەمنامىسى ) نامىدا بىر ئۇچۇر تارقالغان بولۇپ، مەزكۇر قەسەمنامىدا مۇنداق دېيىلگەن. مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى پۇقراسى، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىمەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى قاتتىق ساقلايمەن، ھەرۋاقىت پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاكتىپ قوغدايمەن، دىنى ئەسەبىي ئىدىيىنى قەتئىي چەكلەيمەن، ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق ـ تۇغقانلار ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە ياخشى مەسئۇل بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ”ئۈچ خىل كۈچ“ لەر بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىمەن . يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناق ، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرىمەن ! دېيىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئۇچۇر توغرىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچ" لەرنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى كوممۇنىست پارتىيىسىگە مەجبۇرى قەسەم بەرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇشقا ئورۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە دۈشمەن قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، ئۇيغۇرلارنى دىندىن يىراق قىلىش ئارقىلىق دىنسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆز دۈشمىنىنى ئۆز خەلقىدىن ئىزدەش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بۇلۇش ئىدىيىسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى