ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.05.2017 08:16:10 يوللانغان تارىخ: 07.05.2017 08:16:10 0 1681

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئوڭچىلار ژۇرنىلى شىۋېتسىيىنى ئىسلاملىشىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇردى

ئوتتۇرا شەرىق ۋە بەزى مۇسۇلمان ياشايدىغان دۆلەتلەردىن كىلىدىغان مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىپ ياۋروپاغا يەرلىشىپ ئەۋلاد تېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ مېڭىشى قاتارلىق رېئال ئەھۋاللار

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئوڭچىلار ژۇرنىلى شىۋېتسىيىنى ئىسلاملىشىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇردى    

شىۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مالمۆ شەھىرىدە سكاندىناۋىيە بۇيىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان ھەشەمەتلىك بىر مەسچىتنىڭ قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن قەد كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ ئامېرىكىدا چىقىدىغان "بريت بارت" ئىسىملىك بىر ئوڭچى رادىكال ژۇرنالدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدا شىۋېتسىيىنى ئىسلام قاپلاپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىۋېتسىيە جەمئىيىتىدىكى خەلقنىڭ 10 دىن 8 پىرسەنتى دىنغا ئىتىقاد قىلمايدۇ. بۇنداق بىر جەمئىيەتتە كاتتا- كاتتا مەسچىتلەرنىڭ ھەر- بىر شەھەردە بىر نەچچىدىن قەد كۆتۈرىشى كېلەچەكتە شىۋېتسىيىنىڭ "سىكۇلېرلىققا مېڭىش" يەنى دىنسىزلىققا مېڭىش يولىنى ئەنسىزلىك ئىچىدە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

3-ماي چارشەنبە كۈنى قاتار خەۋەر ئاگېتنلىقى ۋە شىۋېتسىيىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مالمۆ شەھىرىدە قەد كۆتۈرگەن مەزكۇر مۇنارلىق چوڭ مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مەرىكىسىنى قىلغانلىق ھەققىدە خەۋەر تارقىتىپ مەسچىتنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمىنى 1791 كۋادراتقا يېقىن ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسچىتكە تەخمىنەن ئىككى مىڭ جامائەتنىڭ بىمالال سىغىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تەپسىلى ۋە بەس بەستە خەۋەر ئېلان قىلىشقان ئىدى. ياۋروپادىكى چېركاۋلارنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنىڭ كۈندىن كۈنىگە ئاجىزلاپ مېڭىشى، يەرلىك ياۋرۇلالىقلارنىڭ ئىسلامغا كىرىش نىسبىتىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ مېڭىشى، ئوتتۇرا شەرىق ۋە بەزى مۇسۇلمان ياشايدىغان دۆلەتلەردىن كىلىدىغان مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىپ ياۋروپاغا يەرلىشىپ ئەۋلاد تېرىپ  مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ مېڭىشى قاتارلىق رېئال ئەھۋاللار، ياۋروپانى سىكۇلېرلەشتۈرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كۈچلەرنى، بولۇپمۇ مىللەتچى كۈچلەرنى بىئارام قىلماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى