ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 29.04.2017 10:36:25 يوللانغان تارىخ: 29.04.2017 10:36:25 0 1699

ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەزرىتى پەيغەمبەر ۋە بىخەتەرلىك جەمئىيەت پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىنسانلار ئىشەنچىسىنى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، كۆز تەكشۈرۈش سىستېمىلىرى، بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ۋە ھەزرىتى

ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەزرىتى پەيغەمبەر ۋە بىخەتەرلىك جەمئىيەت پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
تۈركىيىنىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇشاۋىرلىكى بىلەن تۈركىيە دىيانەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ستوكھولمنىڭ رىنكېبي شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 29- ئاپرېل شەنبە كۈنى، ستوكھولمنىڭ ۋەللىڭبۈي رايونىدىكى ئەل ئەزھەر مەكتىپىنىڭ چوڭ يىغىن زالىدا، ( ھەزرىتى پەيغەمبەر ۋە بىخەتەرلىك جەمئىيەت ) نامىدا يىغىن چاقىرىلدى.
يىغىنغا: تۈركىيىنىڭ سىۋاس ناھىيىسىنىڭ مۇپتىسى رەجەپ شۈكۈر بالكان، تۈركىيىنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇشاۋىرى فاتىخ مەھمەت كاراجا، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيە باشلىقى ئۆزەر ئەكىن، شىۋېتسىيە ماناس مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى يالچىن سەلەك، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەت تۇرسۇن، ستوكھولمنىڭ فىتتيا مەسچىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ئوكۇر، خانىڭگى مەسچىتىنىڭ باشلىقى ياكوب ئۆزدەمىر قاتارلىقلاردىن باشقا كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى.
مەزكۇر پائالىيەتكە، تۈركىيە دىيانەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن خىزمەت قىلىۋاتقان رېنكېبۈي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋەيسەل قىلىچ رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەت ئالدى بىلەن تۈركىيە دۆلىتىنى قۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ روھى ئۈچۈن بىر مىنۇت ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى، ئارقىدىن خاندېن مەسچىتىنىڭ ھەيئەتلىرىدىن بايرام غوجىنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى.
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن رىنكېبۈي مەسچىتنىڭ قۇرئان كەرىم كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان قىز ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىغان نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن تۈركىيە دىيانەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن ھازىرلانغان ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى.
ئارقىدىن سۆزگە چىققان تۈركىيىنىڭ سىۋاس ناھىيىسىنىڭ مۇپتىسى رەجەپ شۈكۈر بالكان، بۇ يىلقى تۇغۇلغان ھەپتىسىنىڭ ماۋزوسىنى "ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئىشەنچ جەمئىيەت " دەپ ئاتالغانلىقىنى، ئىزاھلاپ، ھازىرقى جەمئىيەتتە ئىنسانلار بىر- بىرىگە ئىشەنمەس ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى، بىر قېرىنداش- يەنە بىر قېرىندىشىغا، دوست- دوستىغا، خوشنىسى- يەنە بىر خوشنىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بالكان، جەمئىيىتىمىزدە ئىنسانلار بىر- بىرىگە بولغان ئىشەنچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى تېخنىكا يوللىرى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشخانا، دۇكان، يول قاتارلىق ئورۇنلارغا كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورنىتىش ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى ساقلاشقا باشلىدى، دېدى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: ئىنسانلار ئىشەنچىسىنى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، كۆز تەكشۈرۈش سىستېمىلىرى، بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ۋە ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىنى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا بۇنى خۇلاسىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى