تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 21.04.2017 14:13:19 يوللانغان تارىخ: 21.04.2017 14:13:19 0 2615

خىتاي يەر شارىغا چۈشكەن يۇقۇملۇق ۋىرۇس

«دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «زامانغا ماسلىشىپ ئېچىۋېتىپ يۈرۈش» قاتارلىق بولمىغۇر سەپسەتىلەر بىلەن خەلقىمىزگە ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ، مۇشۇ شەرتلەرگە كۆنسەڭ ياشا، بولمىسا ئۆل دېگەننى يولغا قويۇپ، «خۇددى قارىغۇنى تار يولغا قىستىغاندەك» قىستاپ كەلمەكتە

خىتاي يەر شارىغا چۈشكەن يۇقۇملۇق ۋىرۇس «پىداكار»

 

ئىشغالچى خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئاسمىلاتسىيە قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن رەزىل سىياسەتلىرى قاتارىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نازۇك مەسىلىلىرىدىن بېرى بولغان ئېتىقادى ۋە خوتۇن قىزلىرىنىڭ بېشىدىكى ياغلىق ۋە ئەرلەرنىڭ يۈزىدىكى ساقاللىرىغا قول ئۇزارتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارىسىغا ئۇنتۇلغۇسىز ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كەچۈرۈش، دىنغا ئىشەنمەسلىك، دىنىي تۈس ئالغان كېيىملەردىن يىراق تۇرۇش، ئەرلەرنى ساقال قويۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ سۈننەت ئەمەللىرىدىن چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى چەكلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بىلىملەرنى ئېلىشىنى چەكلەش، ئاتالمىش قوش تىلنى باھانە قىلىپ خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي تېڭىش، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئاڭ سەۋىيىنى يوقىتىپ خىتاي مەدەنىيەتلىرىنى سىڭدۈرۈش، ئىسلامىي ئەخلاقتىن چېكىندۈرۈش قاتارلىق ۋەھشىي ۋە قەبىھ سىياسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان توختاۋسىز زۇلۇملىرى، كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا مودا بولۇۋاتقان ئاتالمىش تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش، تۇتقۇنلارنى ئىز- دېرەكسىز يوقىتىش، تۈرمىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھالىدىن كەتكەن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۆتكەش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىدە جېنىنى باقالمىغان يالاڭتۆش خىتاي ئاققۇنلىرىنى ياردەمچى قوشۇن سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىپلاس سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلايمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەر- يېزا، كەنتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت»، «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش»، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «زامانغا ماسلىشىپ ئېچىۋېتىپ يۈرۈش» قاتارلىق بولمىغۇر سەپسەتىلەر بىلەن خەلقىمىزگە ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ، مۇشۇ شەرتلەرگە كۆنسەڭ ياشا، بولمىسا ئۆل دېگەننى يولغا قويۇپ، «خۇددى قارىغۇنى تار يولغا قىستىغاندەك» قىستاپ كەلمەكتە.

تاجاۋۇزچى خىتاي ئالۋاستىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە، ھېچقانداق بىر زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ ئېلىپ بارمىغان ۋەھشىيلىكنى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىدا كەچۈرگۈسىز جىنايەتلەرنى سادىر قىلماقتا. ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بار بولغان رېھىم- شەپقەت، مېھرى- مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئىنسان بىلەن يىرتقۇچ ھايۋانلار ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئېسىل خىسلەتنى بۇزۇپ تاشلىغان خىتايدىن ئىبارەت بۇ يىرتقۇچ ئالۋاستىلار، ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكى ئارقىلىق باشقا مەخلۇقاتلار ئالدىدا ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىنى چۈشۈرمەكتە.

پېشقەدەم سىياسەتچى ئابدۇقادىر ياپچان، «خىتاينى ئادەم دېگەن ئادەمنىڭ ئۆزى ئادەم ئەمەس» دېگەندەك، بۇ ئىنسان شەكلىگە كېرىۋالغان بۇ يىرتقۇچ مەخلۇق، ئىنسانلارنىڭ نامىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلماقتا.

بەزىدە قورقۇنچلۇق فىلىملەردە چىقىدىغان يۇقۇملۇق ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملانغان ئالۋاستى ئادەملەرنىڭ كىنولىرى كۆرۈپ قالىمىز، ئۇ كىنولاردا تەسۋىرلەنگەن ئالۋاستىلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملۇق ۋىرۇسلىرىنى باشقا ئىنسانلارغا يۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئالۋاستىلار نوپۇسىنى كۆپەيتكەن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىمىز. بۇ بىر خىل خىيالى قىزىقارلىق ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما كىنولاردا تەسۋىرلەنگەن شۇ كۆرۈنۈشلەردىكى ئالۋاستىلارنىڭ ۋىرۇس تارقىتىش ئۇسۇلى، خىتايلارنىڭ كوممۇنىزم سىياسىتىنى، دىنسىزلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى، ئەخلاقسىز مەدەنىيىتىنى، زوراۋانلىقى ۋە ئۆكتەملىكىنى باشقا ئىنسانلارغا زورلاپ مەجبۇرىي تارقىتىشى، يۇقىرىدا مىسال قىلغان كىنولاردىكى ۋەھشىي ئالۋاستىلاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ.

شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كوممۇنىست خىتاي يەر شارىغا چۈشكەن بىر ۋابا، ئىنسانلار دۇنياسىدىكى ئالۋاستى، پۈتۈن دۇنيانى زەھەرلەيدىغان ۋىرۇس.

يېقىندا پەيدا بولغان «ئېبولا» ناملىق بۇ ۋىرۇس پۈتۈن دۇنيانى ئەندىشىگە سالماقتا، بۇ خىل ۋىرۇسنى ئاڭلىغان ئىنسانلار ئىچىگە ۋەھىمە چۈشۈپ ئەنسىزلىككە چۈشۈش بىلەن بىرگە، «ئېبولا» ۋىرۇسى بولسا پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقان خىتايدىن ئىبارەت بۇ ۋىرۇسنى ئۇنتۇلدۇرماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى