ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 16.04.2017 13:53:53 يوللانغان تارىخ: 16.04.2017 13:53:53 0 1851

شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ يىللىق كونفرانسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

يىغىنغا شىۋېتسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان ياشلار قاتناشتى.

‏شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ يىللىق كونفرانسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

شىۋېتسىيىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەتىياز ۋاقتىدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ( مۇسۇلمانلار ئائىلە كۈنى ) نامىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىن 2017- يىلى 16- ئاپرىل يەكشەنبە كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرىلاشتى.
بۇ قېتىمقى يىغىننى شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى، شىمائىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى، ئىبنى رۇشىد تەلىم تەربىيە مەركىزىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە شىۋېتسىيىدىكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىشى بىلەن 2017- يىلى 14- ئاپرېل جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ، 16- ئاپرېل شەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 22:30 دە غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.
يىغىنغا شىۋېتسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان ياشلار قاتناشتى.

يىغىندا دۇنيادا تونۇلغان دىنىي ئالىملار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى.
يىغىننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىدا شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قۇرئان مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۆسمۈرلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە بۇ قېتىمقى ئۈچ كۈنلۈك يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇنيادا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇمدىن تىزىراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئاللاھدىن تىلەپ دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى