دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 16.04.2017 09:44:42 يوللانغان تارىخ: 16.04.2017 09:44:42 0 1693

تۈركىيە رېفېراندۇم نەتىجىلىرىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە

مىليۇنلىغان كىشىلەر ساندۇق نەتىجىلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھاياجان

‏تۈركىيە رېفېراندۇم نەتىجىلىرىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە

تۈركىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان رېفېراندۇم سايلام بۈگۈن ئەتىگەن باشلانغان بولۇپ، سايلامدا بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ساندۇقلار ئېچىلىشقا باشلانغان بولۇپ،  ساندۇقنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ مىليۇنلىغان كىشىلەر ساندۇق نەتىجىلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھاياجان ئىچىدە كۆزلىرى تېلېۋىزۇر ئېكرانلىرىغا، قۇلاقلىرى رادىئو دولقۇنلىرىغا تىكىلسە، بەزى سىياسەتچىلەر تېلېۋىزۇر ئېكرانلىرى ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا بەس مۇنازىرە قىلىشماقتا. سايلام ساندۇقى ئېچىلغاندىن كېيىن غەيرى رەسمىي ھالدا ئېچىلغان ساندۇق سانى ئېلان قىلنىشقا باشلىغان.
تېلېۋىزۇر ئېكرانلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سايلام ساندۇقىدىكى ئاۋازلارنىڭ %95،7 ى سانالغان رەسمىي بولمىغان نەتىجە تۆۋەندىكىدەك:

تۈركىيە مىقياسىدا قوللاش ئاۋازى %51،56، رەت ئاۋازى %48،44 ئاۋاز سانالغان.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى