دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 16.04.2017 05:45:15 يوللانغان تارىخ: 16.04.2017 05:45:15 0 1745

ستوكھولمدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمچىسى توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇرلار

ئاكىلوۋنىڭ نەق جۈمە نامىزى ۋاقتىدا دۇكاندىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىپ كېيىن يەر ئاستى پويىز بىلەن ستوكھولم مەركىزىگە كېلىشى، ئاكىلوۋنىڭ شۇ كۈنى جۈمە نامىزى ئوقۇمىغانلىقى كىشىنى ئويغا سالىدۇ

ستوكھولمدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمچىسى توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇرلار

ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمنىڭ مەركىزىدە يۈك ماشىنىلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە ھەققىدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا، مەزكۇر تېررورچىنىڭ 7- ئاپرىل جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى ۋاقتىلىرىدا بىر دۇكاندىن نەرسە كېرەكلەر سېتىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
شىۋېتسىيە كۈنتەرتىپى تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە: 2017- يىلى 07- ئاپرىل جۈمە كۈنى ستوكھولمدا پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ 4 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆزبەكىستانلىق رەخمەت ئاكىلوۋ، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ستوكھولمغا قاراشلىق ۋوربىي گورد ( Vårby gård ) بىر دۇكاندا نەرسە كېرەك سېتىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاكىلوۋنىڭ دۇكاندا نەرسە كېرەك سېتىۋالغان دۇكاننىڭ كۆزىتىش كامېراسى سائەت 12:40 نى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ ۋاقىت شىۋېتسىيىدە دەل جۈمە نامىزى ۋاقتىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئاكىلوۋ دۇكاندىن سودىلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن شۇ رايوندىن يەر ئاستى پويىزغا ئولتۇرۇپ پايتەخت ستوكھولمغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
ئاكىلوۋنىڭ نەق جۈمە نامىزى ۋاقتىدا دۇكاندىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىپ كېيىن يەر ئاستى پويىز بىلەن ستوكھولم مەركىزىگە كېلىشى، ئاكىلوۋنىڭ شۇ كۈنى جۈمە نامىزى ئوقۇمىغانلىقى كىشىنى ئويغا سالىدۇ.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى