تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 15.04.2017 16:15:50 يوللانغان تارىخ: 15.04.2017 16:15:50 0 2143

شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىسلام كونفرانىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈستىلى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى

ئۈستەلگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ شىۋېتچە ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان كىتابنىڭ شىۋېتچە نۇسخىسى

شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىسلام كونفرانىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈستىلى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى


ھەر يىلى ئاپرېل ئېيىدا 3 كۈن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىسلام كونفىرانىسى بۇ يىلىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا داۋام قىلماقتا. يىغىن ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىرگە، يىغىننىڭ كىرىش زالىدا كۆرگەزمەخانىمۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمە زالىدا، ھەر خىل شىركەتلەر، سىياسىي- ئىجتىمائىي ۋە ئىسلامىي تەشكىلاتلار، تىجارەتچىلەر بۇلۇپ ھەرساھە ئورگانلار بىر كىشىلىكتىن ئۈستەل ھازىرلاپ ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. شۇ قاتارىدا شىۋېتسىيەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ، يىغىنغا كەلگەن مېمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن بىر ئۈستەل ھازىرلىغان بولۇپ، ئۈستەلنىڭ ئالدى تەرىپىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلىشى بىلەن، ئۈستەلگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ شىۋېتچە ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان كىتابنىڭ شىۋېتچە نۇسخىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلۈپ لاھىيەلەنگەن شارپا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلۈپ بېسىلغان مايكا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، تۈركچە ۋە ئېنگىلىزچە تۆت خىل تىلدا بېسىلغان توم كىتاب، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ بېسىلغان كىتابچە قاتارلىقلار قويۇلغان ھەمدە، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىپ بەرگەن.
بۇ ھەقتە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قانچە يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كونفىرانىسنىڭ كۆرگەزمە زالىدىكى ئۈستەلدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۈستەلگە قويۇلغان ماتېرىياللارنى مېھمانلارغا تارقىتىش ۋە ئۇلار بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرۇشۇپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى شىۋېتسىيەدىكى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋە يەنە، شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنىڭ ئۆتكۈزۇۋاتقان ئىسلامىي كونفىرانىسى ۋە كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، شىۋېتسىيەدىكى ھەرمىللەت مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ دائىرىدە چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتىگە سىڭىپ كىرىپ، شىۋېتسىيەدىكى ھەرمىللەت مۇسۇلمانلىرىغا، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى خەۋىرى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى