ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 15.04.2017 15:42:35 يوللانغان تارىخ: 15.04.2017 15:42:35 0 1454

شىۋېتسىيىدە مۇسۇلمانلار ئائىلە كۈنى كونفرانىسى رەسمىي باشلاندى

مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تونۇلغان دىنىي ئالىملار، سىياسىيونلار لېكسىيە سۆزلەش، ھازىرقى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى دۈچ كېلىۋاتقان

شىۋېتسىيىدە مۇسۇلمانلار ئائىلە كۈنى كونفرانىسى رەسمىي باشلاندى

شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ھەر يىلى ئەتىيازدا (مۇسۇلمانلار ئائىلە كۈنى) نامىدا 3 كۈن داۋاملىشىدىغان يىللىق چوڭ يىغىنى 2017- يىلى 14- ئاپرىل جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ستوكھولمنىڭ پائالىيەت مەركىزى ( Stockholm Mässan ) دا رەسمىي باشلاندى.
بۇ قېتىمقى يىغىننى شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى (رابىت ئەل ئىسلام) نىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى، (ئىبنى روشىد تەلىم تەربىيە مەركىزى) ۋە (شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى) قاتارلىق ئۈچ چوڭ تەشكىلات ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يىغىن، 2017- يىلى 14- ئاپرېلدىن 16- ئاپرېلغىچە 3 كۈن داۋاملىشىدۇ.
ئىگىلىنىشچە: مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تونۇلغان دىنىي ئالىملار، سىياسىيونلار لېكسىيە سۆزلەش، ھازىرقى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىش، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەتراپلىق قانائەتلىنەرلىك ھالدا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىن 14- ئاپرىل جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن رەسمىي باشلانغان، يىغىن ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، كېيىن شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى راشېد موسا يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى سۆزلىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى