تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 12.04.2017 23:33:43 يوللانغان تارىخ: 12.04.2017 23:33:43 0 2349

شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقەتەنمۇ تېررورچى بار

ئەگەر تۈركىستاندا تېررورلۇق بولمىسا، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك بازارلار تاقالمايتتى، نۇرغۇنلىغان سودا پائالىيەتلىرى

شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقەتەنمۇ تېررورچى بار

يېقىندا خىتاينىڭ ئالاقە تورلىرىدا (شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررورلۇقنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى «قارا قول» زادى نېمە؟) ناملىق بىر يازما سۆرەم پالازدەك تور دۇنياسىدا سۆرۈلۈپ يۈرمەكتە. مەزكۇر يازمىدا تەسۋېرلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا تېررورچى بارلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەم ياشىيالمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت بىخەتەرلىكنى كۈچەيتكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

مەزكۇر يازمىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇق بولمىسا، ئاپتۇبۇس بېكەتلىرى، تاللا بازارلىرى، باغچا...قاتارلىق جايلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بۇنچىۋالا قاتتىق بولمايتتى.
ئەگەر تۈركىستاندا تېررورلۇق بولمىسا، ھۆكۈمىتىمىز تېخىمۇ كۆپ خىراجەتنى ئىقتىسادى گۈللىنىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەن بولاتتى.
ئەگەر تۈركىستاندا تېررورلۇق بولمىسا، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك بازارلار تاقالمايتتى، نۇرغۇنلىغان سودا پائالىيەتلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى بولاتتى.
ئەگەر تۈركىستاندا تېررورلۇق بولمىسا، كېچىلەپ سېمىنا قوشۇپ خىزمەت قىلىنمايتتى، كۆپلىگەن ۋاقىت ئائىلىدىكىلىرىمىز بىلەن بىرگە ئۆتەتتى، شۇنداقلا خىزمەت سەۋەبىدىن چارچاپ خىزمەت ئورنىدا مەڭگۈلۈك يىقىلىپ قېلىشلار بولمايتتى.
ئەگەر تۈركىستاندا تېررورلۇق بولمىسا، ساقچىلارمۇ كۈندە دېگۈدەك كېچىلەپ ئاممىۋى سورۇنلاردا چارلاش خىزمىتى ئېلىپ بارمىغان، ئۆيىدىكىلىرى بىلەن كۆپرەك بىللە بولالايتتى.
تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقى پارتىيىمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، تۈركىستاندىكى ھەرمىللەت قېرىنداشلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، دۆلەت تىنىچ، جەمئىيەت مۇقىم بولغاندىلا، جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولغان بىزمۇ گۈزەل، باي-باياشاد تۇرمۇشقا ئىگە بولىمىز. شۇڭا، تېنچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەڭ، ئەۋلادلىرىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن مۇقىملىققا ۋە جەمئىيەتكە تېگىشلىك تۆھپىڭىزنى قوشۇڭ يۇرتىمىز تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىبلىس تېررورچىلارغا لەنەتلەر بولسۇن. دەپ يېزىلغان.
ئەسكەرتىش: يوقاردىكى يازمىدىكى (شىنجاڭ) ئاتالغۇسى (شەرقىي تۈركىستان) غا ئۆزگەرتىلىپ يوللاندى.

يوقاردىكى يازمىنى يازغۇچى بىرى بولسا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان خىتاي ياكى بولمىسا مېڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن نامى ئۇيغۇر ئۆزى خىتاي.
مەزكۇر يازمىدىكى ( تېررور ) ئاتالغۇسىنى كىمگە ۋە كىملەرگە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىق، يەنى يازمىدا ئىپادىلەنگەن تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر يەنە كېلىپ ئىمانىنى ۋە مىللىيلىكىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
1990- يىلىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار خېلى خاتىرجەم ياشىيالايتتى. ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە ئىشىنەتتى. يېزىلاردا ياشايدىغانلار بىرەر يەرگە كەتسىمۇ ئىشىك تاقاش ئۇقۇمى يوق ئىدى. ئۇيغۇرلاردا خوشنىدارچىلىق، تۇغقاندارچىلىق، جامائەتچىلىك، بىر- بىرىگە بولغان مېھرى- مۇھەببەت، ئەدەپ-ئەخلاق سېخىيلىق تۇيغۇسى بار ئىدى. قاچانكى خىتاي ھاكىمىيىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يالاڭتۆش خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۈركۈملەپ شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ يەرلەشتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىكى ئەدەپ- ئەخلاق سۇسلاشتى. قاچانكى خىتاي كۆچمەنلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىندى شەرقىي تۈركىستاندا ئوغرى قاراقچىلار كۆپەيدى. قاچانكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا خىرىس قىلىشقا باشلىدى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاينىڭ ناچار، ئەخلاقسىز ئۆرپ- ئادەتلىرى كۆپەيدى. خىتاي ھاكىمىيىتى قاچانكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاق ئۆلچىمى سۇسلاشتى. قاچانكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زۇلۇملار ئاشقانسېرى خىتايغا بولغان غەزەپ- نەپرەت ئاشتى. قاچانكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر- بىرىگە قاراۋۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆز- ئارا ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى ئاشتى. خىتاي ھاكىمىيىتى قاچانكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتتى شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىمسىزلىق يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقەتەن تېررورچى بار. ئۇ بولسىمۇ دەل تاجاۋۇزچى خىتاي ئالۋاستىلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن سىرت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان دىنىي ئۆلىمالار، پەننىي زىيالىيلار، پىكىرى ئۆتكۈز ياشلار، بايلار قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىگە ئوخشىمىغان ناملارنى بېرىش ئارقىلىق تۇتۇپ تۈرمىگە سولاش، قېلىپ قالغانلارنى خىتايچە ئۇسۇلغا سېلىش، سىياسىي ئۆگىنىش، دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن كوممۇنىزم تەشۋىقاتىنى ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۈش، مەسىلە تاپشۇرۇش قاتارلىق بولمىغۇر سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش يولىنى قىيىنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە دىنىي ۋە مىللىي ئىدىيىلىك ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا.
مانا بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقىي تېررورىستلار.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى