تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 12.04.2017 13:37:58 يوللانغان تارىخ: 12.04.2017 13:37:58 0 1749

خىتاي ئاتالمىش 56 مىللەتنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ شەكىلۋازلىق قىلدى

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يولسىزلىق ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1- ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان قارارنامىلىرى

خىتاي ئاتالمىش 56 مىللەتنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ شەكىلۋازلىق قىلدى

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش 56 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىگە توپلىغان.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە: ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى، ئاتالمىش 56 مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق ياشايدىغانلىقىنى، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئۆز- ئارا ئىناق ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا كۆرسىتىش ئۈچۈن 56 مىللەتتىن ۋەكىللەرنى ئالاھىدە مىللىي پاسوندا كىيىندۈرۈپ ئۈرۈمچىگە توپلىغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغانلىقىنى، ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر - جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 120 نەچچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا پىكىرلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە: ئاتالمىش بۇ 56 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە جەم بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە: بۇ ئاتالمىش ۋەكىللەر شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋەكىللەر ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شاڭخەي ھەممىباب ئاپتوموبىل چەكلك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ۋە ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزالىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى، ھەمدە ‹‹ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شوخ كۈيلىرىنى ياڭراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يولسىزلىق ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1- ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان قارارنامىلىرى، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر: پۇرسەتپەرەس خىتاي ھاكىمىيىتى، 1- ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىش قارارى سەۋەبلىك خىتايغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان خەلقئارانى ئالداپ دىققىتىنى پۇراش ئۈچۈن ئاتالمىش 56 مىللەت خەلقىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئالاھىدە كىيىندۈرۈپ ئۈرۈمچىگە يىغىپ بىر قىسىم شىركەت ۋە مۇزېيلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارانى ئالداشقا ئورۇنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى