دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 12.04.2017 05:08:44 يوللانغان تارىخ: 12.04.2017 05:08:44 0 1429

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۆلۈم جازالىرى دوكلاتىدا خىتاي ئالاھىدە دىققەت تارتتى

2016–يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانىنىڭ 2015–يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلغان

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۆلۈم جازالىرى دوكلاتىدا خىتاي ئالاھىدە دىققەت تارتتى

 خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا 2016–يىلىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى، بىراق ئىجرا قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ۋە 2 دۆلەتنىڭ ئۆلۈم جازاسى قانۇنىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆلۈم جازاسى قانۇنى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەتلەر سانى ئەسلىدىكى 66 دىن 55 كە چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۆلۈم جازاسى بىرىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن.

دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا، 2016–يىلىدا ئىراننىڭ 567 ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 154 ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن ئىككىنچى، ئىراقنىڭ 88 ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش بىلەن ئۈچىنچى، پاكىستاننىڭ 87 ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ئىجرا قىلغان ئۆلۈم جازاسى سانىنىڭ بولسا، بۇ تۆت دۆلەتتىن قاتمۇ-قات يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتايدا ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى سانىنىڭ دۆلەت سىرى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى رەسمىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ دوكلاتقا سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزەلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2016–يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانىنىڭ 2015–يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

دوكلاتتا، 2016–يىلى نايرۇ ۋە بېنىن قاتارلىق 2 دۆلەتنىڭ ئۆلۈم جازاسى قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم جازاسى بولمىغان دۆلەتلەر سانىنىڭ 141 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەركىزىي ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارادىكى ئۆلۈم جازاسى بولغان دۆلەتلەرگە داۋاملىق چاقىرىق قىلىپ، ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ۋە قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى