تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 12.04.2017 11:51:12 يوللانغان تارىخ: 12.04.2017 03:20:15 0 2827

نېمە ئۈچۈن خىتايدا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرمەيدۇ؟

مەسىلە تاپشۇرۇشتا مەسىلىسىنى تاپشۇرمىغانلار ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دېگەن بۆھتانلار بىلەن تۇتۇلسا، مەسىلە تاپشۇرغانلار جىنايەتچى دەپ تۇتۇلۇپ تۈرمىگە سولانماقتا

نېمە ئۈچۈن خىتايدا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرمەيدۇ؟

 

دۇنيانىڭ يېقىنقى تارىخىغا قارايدىغان بولساق، پۈتۈن دۆلەتلەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پىكىرى شۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە خاس بىرلىككە كەلگەن بىر ئېقىم بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تېررورلۇق ۋەقەلىرى بەزى دۆلەتلەردە كۈنىگە ۋە ھەپتىدە يۈز بېرىپ دۆلەتنى ئانچە مۇنچە تالاپەتكە ئۇچرىتىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بەزى دۆلەتلەردە يىلىغا بىرەر قېتىممۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمەي كەلمەكتە، بولسا ھېچبىر دۆلەتتە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىسۇن، ئەمما ئادەمنى ئويغا سالىدىغان يېرى شۇكى، بەزى دۆلەتلەردە ئۇرۇش پارتىلىغان ۋە شۇ ئۇرۇش سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ دۆلەتلىرىنى تاشلاپ باشقا دۆلەتلەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئۆز دۆلەتلىرىدىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەرگە سىغىنغان مۇساپىرلارمۇ شۇ دۆلەتلەردە خاتىرجەم ياشاش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قېلىش گىردابىغا دۈچ كەلمەكتە.

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك سۈرىيىدە ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان نەچچە مىليون كىشىلەر يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قېچىشقا مەجبۇر بولدى. پەقەت تۈركىيىدىلا بىر مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيە كۆچمەنلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا ئۆلكىلىرىگە كەلگەن سۈرىيىلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۆز دۆلەتلىرىدىن قېچىپ باشقا يەرلەرگە يەرلەشكەن مۇساپىرلارنىڭ خاتىرجەم ياشاش يوللىرىنى توسۇش ئۈچۈن بىرقىسىم كىشىلەر ئىسلام نامىدا بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش، دۆلەتكە تەھدىت سېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

مىللەت، دىن، ئىرقىي ئايرىماستىن ئىنسانپەرۋەرلىك قۇچىقىنى كەڭرى ئېچىپ ئېگە چىقىۋاتقان تۈركىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا ئۆلكىلىرىمۇ ئازدۇر كۆپتۇر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىپ ئىگە چىقىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر دۆلەتلەر بەزى كىشىلەر ۋەياكى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ تەھدىتلىرى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن خالى بولالمىدى. ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ تەھدىت سېلىش، ھۇجۇم قىلىشى سەۋەپلىك شۇ رايوندا ياشاۋاتقان باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ھاياتىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلماقتا.

تۈركىيە يىلدىن يىلىغا ئىسلامغا بولغان پىكىر قاراشلىرى ياخشىلىنىپ مۇسۇلمانلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئەركىن ياشىيالايدىغان، مۇسۇلمان قىزلار ئىسلامىي كىيىملەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدىغان ھالغا كېلىپ، رايوندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت، كىيىم- كېچەك، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسلام نامىدا رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى شۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان قانۇنلىرىنىڭ ئۆزگەرتىشكە، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ھاياتى، ئىبادەتلىرى، كىيىم- كېچەكلىرى، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا سەۋەب بولماقتا.

ئەسلى تېمىغا كەلسەم، يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەقەلەر يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ۋەقەلەر نېمە ئۈچۈن خىتايدا يۈز بەرمەيدۇ؟.

مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا قۇرۇلغان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇ زېمىننى ئىشغال قىلغان، زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋاتقان، يۇرتلىرىدا قالغانلىرىنى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زۇلۇملار بىلەن ئازابلاپ كېلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، نېمە ئۈچۈن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن دۇنيا مۇجاھىدلىرىنىڭ نەزىرىدىكى دۈشمەن كاتېگورىيىسىدىن چۈشۈپ قالىدۇ؟

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك بېرمىدىكى بۇددىستلار ئىسلامنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان، مۇسۇلمانلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانماقتا، بېرمىدىكى بۇددىستلارنىڭ شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى قىيناۋاتقان، تىرىك كۆيدۈرۈۋاتقان، جەسەتلىرى پارچىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ھەركۈنى تورلاردا تارقىلىپ يۈرمەكتە.

تاجاۋۇزچى خىتاي ئالۋاستىلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى خاتىرجەم قىلالمايۋاتماقتا، دىنىي ماتېرىياللارنى خاتىرجەم ئوقۇيالماي ۋە ئۆيلىرىدە ساقلىيالمايۋاتماقتا، ئەرلەر ساقال قويۇش، ئاياللار ئىسلامچە كىيىملەرنى كىيىشتىن مەھرۇم قالماقتا، پەرزەنتلەر دىنىي بىلىم ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئويلىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتماقتا، ھەركۈنى مەسىلە تاپشۇرۇش مەجبۇرىيەتلىرى، ئىدىيە ئۆزگەرتىش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇلماقتا، مەسىلە تاپشۇرۇشتا مەسىلىسىنى تاپشۇرمىغانلار ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دېگەن بۆھتانلار بىلەن تۇتۇلسا، مەسىلە تاپشۇرغانلار جىنايەتچى دەپ تۇتۇلۇپ تۈرمىگە سولانماقتا. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا بۇلارنى تۇر دەيدىغان بىرەر ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى نە بىرەر گۇرۇپپا چىقمىدى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك مۇشۇ 20 يىل مابەينىدە ئىسلام نامى بىلەن مەيدانغا چىققان تالىبان، ئەلقائىدە ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەقسىتى ئىسلامنى ئالىي ئورۇنغا ئېگە قىلىمىز دېيىشىۋاتماقتا، ئەمما 20 يىلدىن بېرى ئىنسانىيەتنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي ئالۋاستىلىرىغان قارشى بىرەر قېتىم بولسىمۇ قارشى كۆزىدە قاراپ باقتىمۇ؟ ياكى بۇلار خىتاينى بىلمەمدۇ ياكى خىتاينى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەمدۇ؟ ياكى بولمىسا بۇلارنىڭ ئارقىدا خىتاي بارمۇ؟ تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئۆلكىلىرىدە پارتىلاۋاتقان پارتىلاشلار نېمە ئۈچۈن بىرەر قېتىم بولسىمۇ خىتايدا پارتىلىمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

قىساسكار يىگىت

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى