دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 09.04.2017 13:58:38 يوللانغان تارىخ: 09.04.2017 13:58:38 0 1925

شىۋېتسىيىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى 10 مىڭلارچە كىشىلەر نارازىلىق نامايىش قىلدى

ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى 39 ياشلىق ئۆزبەكىستان ۋەتەندىشى رەخمەت ئاكىلوۋ ( Rakhmat Akilov ) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

‏شىۋېتسىيىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى 10 مىڭلارچە كىشىلەر نارازىلىق نامايىش قىلدى

جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھەر مەركىزىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بېرى بولغان خانىش كوچىسىدا، يۈك ماشىنىسى بىلەن باستۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. ۋەقەدە 4 كىشى ئۆلۈپ 15 كىشى يارىلانغان ۋە ۋەقە سەۋەبىلىك شەھەر ئىچىدىكى پۈتۈن ئاممىۋىي ئاپتوۋۇز، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى پويىزلار توختاپ خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا زور قىيىنچىلىق يۈز بەرگەن ئىدى.
مەزكۇر ۋەقە يۈز بېرىپ 3- كۈنى، يەنى بۈگۈن 09- ئاپرىل يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 14:00 دە، 07- ئاپرىل ستوكھولمدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىگە قارىشى 10 مىڭلارچە كىشىلەر، ستوكھولم مەركىزىنىڭ سېرگېل مەيدانىغا توپلىشىپ نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشتىن كېيىن نامايىشچىلار، ۋەقە يۈز بەرگەن خانىش كوچىسىدىكى ئوخلېنس دۇككاننىڭ ئالدىغا كېلىپ، ۋەقەدە ئۆلگەن 4 نەپەر كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى ئىپادىلەپ گۈللەر تىزىغان ھەمدە قەغەزلەرگە قىسقا ئۇچۇرلارنى يېزىپ قالدۇرغان.
مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن 4 كىشىنىڭ ئىككىسى شىۋېتسىيىلىك، بىرى بىلگىيىلىك يەنە بىرى ئېنگىلىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
شىۋېتسىيىنىڭ داڭلىق گېزىتلىرىدىن بېرى بولغان ئېكىسپرېسسېن گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: مەزكۇر ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى 39 ياشلىق ئۆزبەكىستان ۋەتەندىشى رەخمەت ئاكىلوۋ ( Rakhmat Akilov ) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ستوكھولمدىن 40 نەچچە كىلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان مەرشتا رايونىدا بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشى بىلەن تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تۈركىيىنىڭ ئانادولو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە: ۋەقە ھەققىدە ستوكھولم ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ،  باياناتتا مەزكۇر ۋەقەنى سادىر قىلغان 39 ياشلىق ئۆزبەكىستانلىقنى تۇتقاندىن كېيىن،  500 كىشىنىڭ ئىپادىسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى